تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمەت خادىمى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى مۈلۈك باشقۇرۇش كارخانىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىش جەھەتتە قانداق تەدبىرلەرنى قوللاندى؟ 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي - مۈلۈك ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جياڭ يى مۇنداق تونۇشتۇردى: پۈتۈن شەھەردىكى 500دىن ئارتۇق مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمەت كارخانىسىدىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمەت خادىمى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئەڭ زور ئىمكانىيەتتە ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

ھەرقايسى مۈلۈك باشقۇرۇش كارخانىلىرى «ئۈچتە قاتتىق بولۇش» تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى، يەنى، ئولتۇراق رايون دەرۋازىسىدا 24 سائەت مەخسۇس ئادەم نۆۋەتچىلىك قىلىپ، ئولتۇراق رايونغا ئادەملەرنىڭ كىرىپ چىقىشىنى قاتتىق كونترول قىلدى؛ مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لىفىت، كارىدور، دەنيۈەن ئىشىكىنىڭ تۇتقۇچى، ئەخلەت تاشلاش نۇقتىسى قاتارلىق ئاممىۋى رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى يوقاتتى؛ ماسكا تاقاش، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى. قىزىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلەرنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئىز قوغلاشنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللىگە دوكلات قىلدى.

ھەرقايسى مۈلۈك باشقۇرۇش كارخانىلىرى ئولتۇراق رايوننىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى كۈندە تازىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۈلۈك ئىگىلىرى ۋىيشىن توپى قاتارلىق يوللاردىن پايدىلىنىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ھەر تەرەپلىمە تەشۋىق قىلدى. پىدائىيلار بىلەن بىللە گۇرۇپپا تەشكىللەپ نۆۋەتلىشىپ ئىشلەپ، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرگە زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، تۈرلۈك مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلىدى.

«مۈلۈك باشقۇرۇش كارخانىلىرىنىڭ مۇلازىمىتى جايىدا بولماسلىق، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئاھالىلەر <ئەنجۈ گۇاڭشا> ۋىيشىن سۇپىسى ئارقىلىق ئەرز قىلسىمۇ، ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لاردىكى مۈلۈك باشقۇرۇشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق دەلىللەنسە، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ھەمدە تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىنىدۇ» دېدى جياڭ يى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى