تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون تۇنجى قېتىم «بۇلۇت»تا «شىنجاڭ نان ئۇستىسى»نى باھالاپ بېكىتتى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر شى چۇەنجى): بۇ يىل، ئاپتونوم رايون تۇنجى تۈركۈمدە «شىنجاڭ نان ئۇستىسى» يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلىرىدىن 200نى، «شىنجاڭ نان ئۇستىسى» تەربىيەلەش ئاپپاراتىدىن 70نى، «شىنجاڭ نان ئۇستىسى» ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىش ئاپپاراتىدىن 50نى باھالاپ بېكىتىدۇ.

  يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى قېتىم «بۇلۇت»تا باھالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ باھالاپ بېكىتىشنى قانات يايدۇرۇشى ئىكەن.

  مۇتەخەسسىسلەر باھالاش يىغىنىنىڭ پۈتكۈل جەريانى «بۇلۇتتا باھالاش» ئۇسۇلىدا ئېلىپ بېرىلدى، 15 باھالاش مۇتەخەسسىسى پۈتۈن جەرياندا كۆرۈشمەي، سىستېما سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ باھالىدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ يۇقۇم تەسىرى ئاستىدا خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قېتىملىق پايدىلىق سىنىقى ھېسابلىنىدۇ. باھالاش نەتىجىسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ.

  ئىلگىرى، «يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پۈتكۈل جەرياندا توردا بېجىرىش» ئۇسۇلىدا، ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ كۆرسىتىشى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن 496 نەپەر يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساس ئىگىسى ۋە 365 ئورگاننىڭ ئىلتىماس ماتېرىيالى تاپشۇرۇۋېلىنغان.

  «شىنجاڭ نان ئۇستىسى» يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلىرى ۋە «شىنجاڭ نان ئۇستىسى»نى تەربىيەلەش-باھالاش ئاپپاراتلىرىنى بېكىتىش ئارقىلىق، نانچىلىق كەسپى بويىچە تەربىيەلەش ئاساسىي ئىقتىدارى يەنىمۇ پۇختىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 33 ناھىيە، شەھەردە «شىنجاڭ نان ئۇستىسى»نىڭ ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، نانچىلىق كەسپى كەسىپكارلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا تەربىيەلىنىش، باھالاشقا قاتنىشىپ كىنىشكا ئېلىشقا قولايلىق يارىتىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى تىرىكىگە ئىگە قىلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن كېيىن، «شىنجاڭ نان ئۇستىسى»نى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىشچى، تۆۋەن دەرىجىلىك ئىشچى قاتلىمى بويىچە تەربىيەلەش ۋە ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىش خىزمىتى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ھەر قايسى ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدىكەن. 2022-يىلىغا بارغاندا، نانچلىق كەسپى كەسىپكارلىرىنىڭ ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىش تولۇق قاپلىنىپ، ئۇنۋان بىلەن كەسپىي سالاھىيەت تۇتاشتۇرۇلىدىكەن.

  نىشانلانغان يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار(ئالىي ئىشچى، تېخنىك، ئالىي تېخنىك)نىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %5كە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىشچىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %35كە، تۆۋەن دەرىجىلىك ئىشچىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %60كە يەتكۈزۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ