تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«يۇقۇمغا قارشى جەڭ»دە پىدائىيلار ئۈرۈمچىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 8-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن جې): «2000-يىللاردا تۇغۇلغان» مۇقەددەس ئەلى يېقىندا مەھەللە پىدائىيسى بولدى. يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۇ 210 مىڭ پىدائىي بىلەن بىللە، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاھالىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى.

ئوخشاش پىدائىي بولغان ئاپىسىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن مۇقەددەس ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىنىڭ توڭلىتىش ئىسكىلاتى مەھەللىسىدە پىدائىي بولۇشنى ئىلتىماس قىلدى. شىنجاڭ يەنە بىر قېتىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان مەزگىلدە، ئۇ قەتئىي بوشاشماي مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە ياردەملىشىپ، ئاھالىلەرگە كۆكتات يەتكۈزۈپ بەردى، ئەخلەتلەرنى تۆكتى ھەم ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

7-ئاينىڭ 15-كۈنى شۇ جايدا 148 كۈندىن كېيىن يەنە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان يەرلىك ئاغرىق دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاغرىق مىساللىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. تەخمىنەن 4 مىليون ئاھالە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىنى ئازايتىش ئۈچۈن، زۆرۈر بولمىغان سىرتقا چىقىپ پائالىيەت قىلىشنى ئازايتىشقا مەجبۇر بولدى. 8-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنىلا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 436 ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 125 يۇقۇملانغۇچى بار ئىدى.

«يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ھەر قايسى ئولتۇراق رايونلاردا يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى» ئۈرۈمچى شەھىرى ئوتتۇرا ئايلانما يولى شىمالىي مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شېڭ شياۋيۈنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۇرۇشلۇق تىيانشان رايونى بۇ قېتىمقى يۇقۇمدىكى خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى رايون بولغاچقا، ئۇنىڭ 5000 ئاھالىنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە كاپالەتلىك قىلىشىغا توغرا كېلىدىكەن.

ئادەم ئاز، ۋەزىپە ئېغىر بولغاچقا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەھەللە خىزمەتچىلىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن خىزمەت سىجىللىقىنى ھېس قىلدى. بۇ بېسىمنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، مۇقەددەسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن شەھەردىكى 210 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي «يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە قاتناشتى. ئۇلار ھەر كۈنى مەھەللىدىكى 491 كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى ۋە ئاھالىلەر ئۆيى ئوتتۇرىسىدا چېپىپ يۈرۈپ، پۈتۈن شەھەردىكى ئاممىغا يېڭى مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات يەتكۈزۈپ بەردى.

شېڭ شياۋيۈ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «يۇقۇم ئەھۋالى كەسكىن، پىدائىيلارمۇ دۇچ كېلىدىغان خەۋپ-خەتەرنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ، لېكىن ئۇلار چېكىنمىدى، چۈنكى ئالاھىدە مەزگىلدە ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى خەۋپ-خەتەردىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى ئۇلار ئاللىبۇرۇن ھېس قىلىپ بولغانىدى».

«گەرچە ھەر كۈنى شۇنچىلىك ھېرىپ كەتسەممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمەن. چۈنكى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھەممە ئادەم تىرىشىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، نورمال تۇرمۇشىمىزنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز» دېدى مۇقەددەس.

پۈتۈن شەھەردىكى پىدائىيلارنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بەزى مەھەللىلەر يەنە پىدائىيلار ئاپتوموبىل ئەترىتى تەشكىللەپ، سىرتقا چىقىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق ئاھالىلەرگە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلدى».

پىدائىيلار خالىس تۆھپە قوشۇپ، يۇقۇم مەزگىلىدە قوللاش ۋە ئىشىنىش ئىللىق ئېقىمىنى شەكىللەندۈردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر پىدائىيلار ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ شوپۇرى ۋاڭ جىگو يېقىندا جۇڭگو تور ئەھلىنىڭ كەڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

8- ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا، ۋاڭ جىگو قىلچە ئىككىلەنمەستىن يان تېلېفونىنى ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان پېڭ شۈتىڭغا بېرىپ تۇردى، پېڭ شۈتىڭ 3000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چېڭدۇغا قايتىپ كېسىلى ئېغىر دادىسىنى يوقلىماقچى ئىدى.

«يۇقۇم مەزگىلىدە، يان تېلېفون بولمىسا، ئايروپىلانغا چىققاندا ساغلاملىق ئىككىلىك كودى بىلەن تەمىنلىيەلمەيمەن» پېڭ شۈتىڭ يەنە مۇنداق دېدى: «دادامنىڭ يۈزىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرەلمىگەن بولسام، تولىمۇ ئەپسۇسلانغان بولاتتىم، بىر ئۆمۈر ئۆكۈنەتتىم، تەلىيىمگە ۋاڭ ئەپەندىگە ئوخشاش ياخشى ئادەمگە ئۇچراپ قالدىم».

ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئىلھامىدا، مۇقەددەس ھارغىنلىقنى ئۇنتۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق، ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قايتا كۆرۈشكەندە، كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاق بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى