تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ: ئۇلار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە پارتىيە گېربىنى جۇلالاندۇردى

مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىق پارتىيە گېربىنى جۇلالاندۇرۇش

قۇتقۇزۇش-داۋالاش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆيىدىكىلىرىگە خەۋەر قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى؛ يېپىق ھالەتتىكى باشقۇرۇش مەزگىلىدە، ئۇلار ئاممىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، بىنالار ئارىسىدا، ئېتىز باشلىرىدا ئىشلىدى. بۇ يىل يازدا، ئۇلار بىر پارچە «خىش» بولۇشنى خالىدى، قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ يەرگە يۆتكەلدى. ئۇلارنىڭ ئورتاق بىر ئىسمى بار—كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، ئۇلار زىممىسىگە ئېلىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بىلەن پارتىيە گېربىنى جۇلالانلاندۇرۇپ، شىنجاڭدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى مۇستەھكەم قورغانغا ئايلاندۇردى.

ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈش

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانىنىڭ يۇقىرى قان بېسىم بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى لو شياۋمېي پارتىيە بايرىقى ئالدىدا تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ، كاندىدات پارتىيە ئەزاسى بولدى.

لو شياۋمېي تۇرۇشلۇق 4-بىنا 12-ئاغرىقلار رايونى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يىنىك تىپلىق، ئادەتتىكى تىپلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ داۋالاشنى باشقۇرىدىغان ئاغرىقلار رايونى بولۇپ، 46 نەپەر دوختۇر-سېسترانىڭ ئىچىدە 15 پارتىيە ئەزاسى بار.

8-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 4-بىنا 14-ئاغرىقلار رايونىدا، سېسترالار باشلىقى خو فېي دوختۇرخانىدىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر ئاغرىقنى ئۇزىتىپ قويدى ھەمدە غەيرەت قىلىشى ئۈچۈن مەدەت بەردى. (شيې لۇڭ فوتوسى)

ئاغرىقلار رايونىغا بارغاندىن كېيىن، پارتىيە ئەزالىرى كۈندىلىك داۋالاش خىزمىتىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دوختۇر-سېسترالارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 3-دەرىجىلىك دوختۇرلارنىڭ ياتاق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىپ، پۈتۈن مۇساپىلىك يوچۇقسىز دىياگنوز قويۇپ داۋالاشنى يولغا قويدى؛ قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن پەرۋىش قىلىپ، ئاغرىقلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى؛ پەرۋىش خادىملىرىنى ئاغرىقلارغا تاماق يەتكۈزۈپ بېرىشكە تەشكىللىدى؛ ئاغرىقلارنى پىسخىكىلىق يېتەكلىدى؛ ۋېيشىن سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاغرىقلارنى ئالاقىدار ساغلاملىق تەربىيەسى بىلىملىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنى ھەربىر ئىنچىكە ھالقىغىچە ئەمەلىيلەشتۈردى ...

«كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ئاغرىقلارنىڭ كېسىلى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ، دوختۇر-سېسترالارغا بارغانسېرى ئىشىنىدىغان بولدى، بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزمۇ ئاغرىقلارنىڭ ناھايىتى زور مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى.» دېدى لو شياۋمېي.

«كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، دوختۇر-سېسترا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز. بىز چوقۇم مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە باشتىن-ئاخىر جەۋلان قىلدۇرىمىز.» دېدى بۇ ئاغرىقلار رايونى ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئاغرىقلار رايونىنىڭ سېسترالار باشلىقى ياڭ رۇڭ.

باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش

8-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى غۇلجا يولى شىمالىي 1-كوچا 87-نومۇرلۇق قورۇدا، چاڭجياڭ يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى پارتىيە ئەزاسى پېڭ شىن (سولدا) ئولتۇراق رايوننى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرمەكتە. (جياڭ شياۋ فوتوسى)

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئېتىزدىكى سەۋزىنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقى، ئوت-چۆپلەرنىڭ تازىلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى شىڭخو كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ لىخۇي تېلېفوندا دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن پارتىيەلىك كادىرلار ۋە پىدائىيلارغا رەھمەت ئېيتتى.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، پىدائىيلار، مەھەللە خەلق ساقچىلىرى قاتارلىقلار ئىش تەقسىماتىنى ئېنىق ئايرىپ، 24 سائەت نۆۋەتلىشىپ خىزمەت قىلدى، پارتىيەلىك كادىرلار باشلامچى بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە يازلىق يىغىم بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمىدى.

ليۇشىخۇ يېزىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئامما «تاماق زاكاز قىلىش»، پارتىيە ياچېيكىسى «تاماق تەقسىملەش»، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تاللا بازىرى «تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلدى. «يېزا ئۈنۈملۈك بولغان نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان تەمىنلەش سودىگەرلىرىگە كۆكتات تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش يېشىل يولى ئېچىپ بەردى ھەمدە شىنليەن، جيۇدىڭ، بېييۈەنچۇن قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرى بىلەن مۇقىم سېتىۋېلىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، كۈندە شەھەر رايونىنى 300 توننىدىن ئارتۇق كۆكتات بىلەن تەمىنلىدى.» دېدى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇ شياڭيۈ.

سەمىمىي مۇلازىمەت

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خەلق يولى جەنۇبىي مەھەللىسىدىكى بىر ئولتۇراق بىنانىڭ ئىشىكى ئالدىدا، خەلق يولى جەنۇبىي مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چيۇ تىڭتىڭ ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ ئەخلەتلىرىنى ئېلىپ بەلگىلەنگەن يىغىۋېلىش نۇقتىسىغا قاراپ ماڭماقتا. (8-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى)

«يېقىندىن بۇيان، سىلەر جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، ئاھالىلەرنىڭ كىچىك ئىشلىرىنى ئۆزۈڭلارنىڭ چوڭ ئىشى قىلدىڭلار، ھەقىقەتەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپ!» 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خۇڭيەن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى دۇڭدالياڭ مەھەللىسىدىكى تىيانشان مۇگې ئولتۇراق رايونىدا، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىر پېڭ بوچيەن ئېلىپ كەلگەن سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىقلارنىڭ دورىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاھالە لى يەنلىڭ ئارقا-ئارقىدىن رەھمەت ئېيتتى.

80 ياشلىق لى يەنلىڭ بىلەن خوتۇنى ۋېيشىن ئىشلىتىشنى بىلمەيتتى. پېڭ بوچيەن ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى سۈرۈشتۈرۈپ، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈشتىن پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەشكىچە ئىنچىكە، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىپ، بۇ ئىككى ياشانغان كىشىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى.

پېڭ بوچيەن دۇڭدالياڭ مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى. بۇ مەھەللىدە 4000دىن ئارتۇق ئاھالە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، بۇ مەھەللىدە تۇنجى بولۇپ 18 پارتىيە ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتلار ئەترىتى قۇرۇلۇپ، قەيەر ئۇلارغا ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ يەردە ئۇلارنىڭ سىماسى پەيدا بولدى.

ئولتۇراق رايوننىڭ 3-نومۇرلۇق بىناسىدا تۇغۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان بىر قانچە بوۋاق بار بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتلار ئەترىتى بوۋاقلار مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، سۈت پاراشوكى، بوۋاقلار زاكىسى ئېلىشتەك ئىشلارغا ياردەم بەردى. نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەندە، پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتلار ئەترىتى بوۋاقلارنى ئاپىرىپ ئەكىلىشكە ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا، يەنە بۇ بوۋاقلارنى ئالدىن تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى.

بۇ بىر قاتار ئىنچىكە تەدبىرلەر مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پارتىيەلىك كادىرلارغا بولغان بىر قېتىملىق كەسكىن سىناق، ھەم بىر مەيدان چوڭقۇر پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىش، بىز ئەسلىي مەقسەتنى ھەرىكىتىمىزدە ئىپادىلەپ، بۇرچنى ئىش ئورنىمىزدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.» دېدى مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شۆ جيەنمېي.

قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى

  «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى