تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى): 8-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى قۇتقۇزۇش-داۋالاش بىرىنچى سېپىدىكى دوختۇر-سېسترالارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان (باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا) پەرزەنتلىرىدىن 361 كىشىگە ئوقۇش «مېھىر-شەپقەت سوۋغاتلىقى» تەييارلىدى، قۇتقۇزۇش-داۋالاش بىرىنچى سېپىدىكى دوختۇر-سېسترالارنىڭ ئىچىدىكى 280 نەپەر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسىغا «ھال سوراش سوۋغاتلىقى» تەييارلىدى ھەم دوختۇر-سېسترالار تۇرۇشلۇق جايغا يەتكۈزۈپ بەردى.
سوۋغاتلىقنى تەقدىم قىلىش نەق مەيدانى. (سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەمىنلىگەن)
ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاپ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، مەزكۇر دوختۇرخانىدا بىرىنچى سەپتىكى 361 نەپەر دوختۇر-سېسترانىڭ پەرزەنتلىرى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بۇ قېتىم تەقدىم قىلغان 361 ئوقۇش «مېھىر-شەپقەت سوۋغاتلىقى» بۇ بالىلارغا بېرىلگەن ئوقۇش باشلاش سوۋغىسى بولۇپ، سوۋغاتلىق ئىچىدە ئۆگىنىش بۇيۇملىرى، كىتاب ۋە «<ئاق خالاتلىق جەڭچىلەر>نىڭ بالىلىرىغا يېزىلغان بىر پارچە خەت» بار ئىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ بىرىنچى سەپتىكى دوختۇر-سېسترالىرى ئىچىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسىدىن 280 نەپەر بولۇپ، 280 «ھال سوراش سوۋغاتلىقى» ئىتتىپاق تەشكىلىنىڭ ئىتتىپاق ئەزاسى ياشلاردىن ھال سورىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. «ھال سوراش سوۋغاتلىقى» ئىچىدە كىتاب، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت ۋە «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش-داۋالاش سېپىدىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرىغا يېزىلغان بىر پارچە خەت» بار ئىكەن.
سوۋغاتلىقنى تەقدىم قىلىش نەق مەيدانى. (سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەمىنلىگەن)
ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، نۇقتىدىن نۇقتىغا بويىچە ئوقۇش «مېھىر-شەپقەت سوۋغاتلىقى» ۋە «ھال سوراش سوۋغاتلىقى»نى دوختۇر-سېسترالار ۋەكىللىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزگەن، ھەم ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سەپتىكى دوختۇر-سېسترالارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى ۋە داۋالاش بىرىنچى سېپىدىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى، ھال سورىشىنى يەتكۈزگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مەمەتجان داۋۇت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، دوختۇر-سېسترالار تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا كېچە-كۈندۈز جەڭ قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھاياتلىقنى قەدىرلەش، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك چەكسىز مۇھەببەتكە تولغان ئالىيجاناپ كەسپىي روھنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. بۇ قېتىم كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشىنى يەتكۈزۈش ئۇلارنى يېڭى دەۋردىكى ياشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى داۋاملىق نامايەن قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جاپالىق بەدىلى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈندۇر.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سەپتىكى دوختۇر-سېسترالارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىرىنچى سەپتىكى دوختۇر-سېسترالارغا قارىتا يەنە بىر قاتار كۆيۈنۈش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارىدىكەن.