تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئۆيدە تۇرغان مەزگىلدە گۆش تۈرلىرى، مېۋە-كۆكتاتلارنى يۇيۇپ تازىلىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

  يۇقۇم مەزگىلىدە، كۆكتاتلارنى يۇيۇپ، گۆشلەرنى توغرىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ كۈندىلىك تۇرمۇشتا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ساغلام ئوزۇقلىنىپ، تېخىمۇ خاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ؟ 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى يۇقۇملىنىشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋيەن بۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك ئىزاھات بەردى.

  گۆش تۈرلىرى، مېۋە-كۆكتاتلارنى تازىلىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

  ياڭ شياۋيەن: سېتىۋالغان گۆشلەرنى ئۆيگە ئەكەلدۈرگەندىن كېيىن ئاۋۋال كىچىك قىلىپ پارچىلاپ، ئاندىن سولياۋغا ئوراپ، تېزلىكتە توڭلاتقۇغا سېلىپ توڭلىتىپ قويۇش كېرەك. ئىشلىتىدىغان چاغدا ئېھتىياجغا ئاساسەن ئېلىپ، قاچىغا سېلىپ، سۇ ۋە ئۇن قوشۇپ بىر ئاز چىلاپ ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن، مەينەت نەرسىلەر خېمىرغا چاپلىشىدۇ، ئاندىن چايقىۋېتىپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

  مېۋە-چىۋىلەرنى سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان تۇرۇبىنىڭ ئاستىغا قويۇپ، سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ توختىماي ئۇۋۇلاپ يۇيۇش كېرەك. شۇنىڭدەك داسقا سېلىپ ئىككى-ئۈچ قوشۇق تۇز سېلىپ ئېرىتكەندىن كېيىن، مېۋە-چىۋىلەرنى تۇزلۇق سۇغا 10 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ قويۇپ، ئاندىن سۇنى ئېقىتىپ چايقىۋېتىپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

  يۇيۇپ تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، تۇز سۈيى، ئىشقار پاراشوكى، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلار بىلەن قاچا-قۇچىلارنى تازىلاش كېرەك.

  يېمەكلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

  ياڭ شياۋيەن: يېمەكلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە چوقۇم قولنى پاكىز يۇيۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش ئەسۋابلىرىنى پاكىز تۇتۇش كېرەك. پىششىق ۋە خام يېمەكلىكلەرنى ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش، گۆش توغرايدىغان ۋە مېۋە-چىۋە توغرايدىغان ئەمبەل ئايرىم بولۇش، ئەمبەلنى ئىشتىلىپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇپ تازىلاپ، ئاق ئاچچىقسۇ ۋە يېمەكلىك تۇزىنى 1:1 نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ، ئەمبەلنىڭ ئۈستىگە چېچىپ قويۇپ، 15 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن پاكىز سۇدا بىر قېتىم يۇيۇش كېرەك. خام گۆش، ئۆي قۇشلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، قولنى سوپۇنلاپ ئاقما سۇدا ئاز دېگەندىمۇ 20 سېكۇنت يۇيۇش كېرەك.

  مېۋە-چىۋىدىن باشقا، كۆكتاتلارنى ئامال بار خام يېمەسلىك، يېمەكلىكلەرنى ئۈزۈل-كېسىل تولۇق پىشۇرۇپ يېيىش كېرەك.

  يېمەكلىكلەرنى قانداق قىلغاندا توغرا ئۇسۇلدا ساقلىغىلى بولىدۇ؟

  ياڭ شياۋيەن: سېتىۋالغان يېمەكلىكلەرنى ئەڭ ياخشىسى تۈرگە ئايرىپ ئوراپ قاچىلاپ، توڭلاتقۇنىڭ ئىچىدىكى ئايرىم رايونغا قويۇپ ساقلاش كېرەك، مەسىلەن گۆشلەرنى بىر يەرگە قويۇش، بېلىق تۈرىدىكىلەرنى بىر يەرگە قويۇپ ساقلاش. ئېشىپ قالغان تاماقلارنى يېگەندە، تاماقنى ئىسسىتقاندا باكتېرىيەنىڭ ئومۇمىي سانى ئازراق بولىدۇ، ئەگەر ئوچۇق ھالەتتە قويۇپ قويغاندا باكتېرىيە كۆپىيىشكە باشلايدۇ، شۇڭا قىزىتقاندا ئايرىم قاچىلاپ، يېڭى پېتى ساقلاش قۇتىسىغا سېلىش كېرەك، قىزىتىپ بولۇپ قول كۆيمىگىدەك بولغاندا، ئاندىن قۇتىنىڭ ئاغزىنى ھىم ئېتىپ توڭلاتقۇغا سېلىش كېرەك.

  مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنىڭ بىر قىسمى كۆكىرىپ قالغان بولسا يېمەسلىك كېرەك. چۈنكى مېۋە-چىۋىلەردىمۇ قان تومۇر بولىدۇ، شۇڭا كۆكىرىپ قالغان قىسمى باشقا ئورۇنلارغا تەسىر قىلىدۇ، گەرچە بەزى قىسمى قارىماققا ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز.

  يېمەكلىك ساقلاش ۋە مەشغۇلات قىلىش بوشلۇقى بولغان توڭلاتقۇ، ئاشخانىنى قانداق قىلغاندا توغرا دېزىنفېكسىيە قىلغىلى بولىدۇ؟

  ياڭ شياۋيەن: توڭلاتقۇنى ئۈچ كۈندە بىر قېتىم يۇيۇپ، يېمەكلىكنى قايتىدىن تۈرگە ئايرىپ، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى تازىلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىپىنى بېرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پاكىز سۇ بىلەن توڭلاتقۇنىڭ ئىچكى دىۋارىنى ئەستايىدىل سۈرتۈپ، ئاندىن قۇرۇق لۆڭگە بىلەن يەنە بىر قېتىم سۈرتۈش كېرەك، بۇنداق بولغاندا باكتېرىيە يەنە پەيدا بولمايدۇ.

   ئاشخانىنى بىر ھەپتىدە بىر، ئىككى قېتىم تەلتۆكۈس تازىلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز. يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى ئىسسىق ئىشقار سۈيىگە چىلانغان دەسمال بىلەن، ئاشخانا ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىنى ئەستايىدىل سۈرتۈش، ھەر بىر يوچۇقنى قالدۇرۇپ قويماسلىق. پاكىز سۇ بىلەن بىر قېتىم سۈرتۈش، تەبىئىي قۇرۇتۇش ياكى پاكىز دەسمال بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتۇش كېرەك. ھەر قېتىم بۇس تارتقۇنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، سىرتقى يۈزىنى سۈرتۈپ تۇرۇش، ھەر ھەپتىدە بىر-ئىككى قېتىم تازىلاش كېرەك.

  ئاشخانا سايمانلىرىنى بىر ھەپتىدە بىر قېتىم يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قاينىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئاشخانا ئەخلەت ساندۇقى بىر قەدەر مەينەت، ھەر كۈنى سۈرتۈشتىن باشقا، ئەخلەت ساندۇقىغا بىر ھەپتىدە بىر تال 84 كۆپۈك تابلېتكىسى ياكى مۇۋاپىق مىقداردا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قۇيۇپ، ئىلمان سۇ قۇيۇپ 30 مىنۇت چىلاپ قويۇپ، ئاندىن پاسكىنا سۇنى تۆكۈۋېتىپ، ئەخلەت ساندۇقىنىڭ ئىچى-تېشىنى پاكىز سۇدا يۇيۇپ، تەبىئىي قۇرۇتۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى