تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئايىغى چاققان، جاپاغا چىداملىق، ئىنچىكە ئويلايدىغان ئۈچ پىدائىي ئاكا-ئۇكىغا دىيەنزەن

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى): «ئاكا، سىز يەتكۈزۈپ بولدىڭىزمۇ؟ مەن بۇ يەردە ساقلاپ تۇراي، ئىشىڭلار تۈگىسە دەرھال ئۆيگە قايتىپ تاماق يەڭلار.» 8-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتە، چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، تېخىچە 1-بىنادىكى ئاھالىلەرگە گۈرۈچ، ئۇن يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان جې جىنلۇڭ يەنىلا تاماق يېمىگەن ئىككى ئاكىسىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتاتتى. ئويلىمىغان يەردىن بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، چوڭ ئاكىسى جې يوۋسۇ بىلەن ئىككىنچى ئاكىسى جې يالۇڭ دەرھال كېلىپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، ئېشىپ قالغان ماددىي ئەشيالارنى بىرلىكتە يەتكۈزۈپ بەردى.

جې ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئاكا-ئۇكا تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە تەييارلىق قىلدى. جې يوۋسۇ (سولدىن 1-كىشى)، جې يالۇڭ (ئوڭدىن 1-كىشى)، جې جىنلۇڭ (ئوتتۇرىدا). (مەھەللە تەمىنلىگەن سۈرەت)

  جې ئائىلىسىدىكى ئۈچ قېرىنداش ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) دۇڭجەن شىمالىي مەھەللىسىدىكى پىدائىيلار بولۇپ، ئۈچەيلەن سىجى خۇاچېڭ ئولتۇراق رايونىدا تۇرىدۇ، ئادەتتە بىرلىكتە گۆش تۈرىدىكىلەرنى توپ تارقىتىش سودىسى قىلىدۇ. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۈچ ئاكا-ئۇكا بىرلىكتە مەھەللە پىدائىيلار ئەترىتىگە كىرىپ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان بىنادىكى ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشقا مەسئۇل بولدى. ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈش، ئەخلەت يىغىش، دورا سېتىۋېلىش، توك سېتىۋېلىش..... ئاددىي، تەكرار خىزمەتتە، ئۇلار ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

جې يوۋسۇ ئالدىراش ئىشلىمەكتە. (مەھەللە تەمىنلىگەن سۈرەت)

  «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مېنى كۈچلۈك، ئايىغى چاققان دېيىشىدۇ.» 30 ياشلىق جې يوۋسۇنىڭ تەلەپپۇزى سالماق، چاققان ئىدى، «مەن ئادەتتە جىسمانىي ئەمگەكنى كۆپ قىلىمەن، سالامەتلىكىممۇ ياخشى، بۇ قېتىم ئەسقاتىدىغان بولدۇم.» ئولتۇراق رايوندىكى بىنالارنىڭ ھەممىسى ئېگىز قەۋەتلىك بىنالار، نەچچە يۈزلىگەن ئاھالىلەرنىڭ ئەخلەتلىرىنى تازىلاش نۇرغۇن پىدائىيلارغا نىسبەتەن ئاسان ئەمەس. «ھەر كۈنى ئەتىگەندە، ئۇ يىغىۋالغان ئىككى قول ھارۋىسى ئەخلەتنى بىنادىن ئېلىپ چۈشىدۇ، مەن دېرىزىدىن كۆرۈپ تۇرىمەن، ئۇ ھەر قېتىم يۈگۈرۈپ ئەخلەت توشۇيدۇ، توشۇش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز. ئۇ ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ئەخلەت تازىلايدۇ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىسسىقتا ئەخلەتلەرنى كارىدوردا قالدۇرۇپ قويسا بولمايدىكەن» دېدى ئاھالە ۋاڭ لىنلىن.

  كۈچلۈك بولغاچقا، توشۇيدىغان ئېغىر ئىشلارنى جې يوۋسۇ ھەمىشە تالىشىپ قىلىدۇ. مەھەللە خىزمەتچى خادىمىنىڭ دېيىشىچە، ئىككى خالتا 25 كىلوگىراملىقتىن گۈرۈچنى ئۇ ماددىي ئەشيا تەمىنات نۇقتىسىدىن كۆتۈرگەن پېتى ئېلىپ كەتكەن، تېز مېڭىپ، يول بويى دەم ئالماي، بىردەمدىلا ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن. «كۈچلۈك بولغانىكەنمەن، كۆپرەك ئىش قىلسام چېنىقىپمۇ قالىدىكەنمەن» دېدى جې يوۋسۇ.

جې يالۇڭ ئاھالىلەرگە دورا يەتكۈزۈپ بەرمەكتە. (مەھەللە تەمىنلىگەن سۈرەت)

  بالىنىڭ ئىككىنچىسى جې يالۇڭ 27 ياش بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىدە ئۇ ئىنتايىن جاپاغا چىدايتتى. 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، كۆپچىلىك زاكاز قىلغان توخۇ گۆشلىرى ئولتۇراق رايونغا يېتىپ كەلدى، ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بولغان جې يالۇڭ يەنە ساندۇقتىن ئېلىش، ئايرىپ قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولدى، ئاندىن ئۆيمۇئۆي يەتكۈزۈپ بەردى. ئۈچىنچى تۈركۈم ئادەملەر نۆۋەت ئالماشقۇچە 600دىن ئارتۇق توخۇنىڭ ھەممىسىنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈپ بولدى، كۆپچىلىك جې يالۇڭنىڭ ئىزچىل ئىسمېنا ئالماشماي باشتىن-ئاخىر ئىشلەۋاتقانلىقىنى بايقىدى. «ئۇ مۇداپىئە كىيىمى، ئىشتان ۋە قىسقا يەڭلىك كۆڭلىكىنى سالغاندا خۇددى سۇغا چىلىغاندەك بولۇپ كەتكەنىدى» دېدى جې يالۇڭ بىلەن بىللە كەلگەن پىدائىي.

  «كۆكتات، دورا يەتكۈزۈشتە، ئۇنى كۆرۈش قېتىم سانىم ئەڭ كۆپ، ھەر قېتىم چوڭ، كىچىك بولاقلارنى كۆتۈرگىنىچە كۈلۈپ يۈرىدۇ.» جې يالۇڭ ھەققىدە گەپ بولغاندا، ئاھالە شيۇڭ لىرۇڭ ئۇنىڭغا تولۇق قايىل بولدى.

  ئەمەلىيەتتە، بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، جې يالۇڭ مەھەللىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشقان بولۇپ، ئولتۇراق رايوننىڭ ئىشىكىدە نۆۋەتچىلىك قىلغان، بەزىدە بىر تۇرغانچە بىر كۈن تۇرۇپ كېتەتتى. «بۇنچىلىك جاپا تارتسام ھېچ گەپ ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالىرىنى ۋاقتىدا ئىشلىتەلىگەنلىكىنى كۆرسەم، كۆڭلۈك خۇشال بولىدۇ» دېدى جې يالۇڭ.

جې جىنلۇڭ (سولدا) بىلەن جې يالۇڭ ماددىي ئەشيالارنى توشۇماقتا. (مەھەللە تەمىنلىگەن سۈرەت)

  26 ياشلىق جې جىنلۇڭ 1-بىنادىكى ئاھالىلەرنىڭ قەلبىدە بىر ئەستايىدىل يىگىت. كۆپچىلىك ئۇنىڭغا «بايقاشقا ماھىر بىر جۈپ كۆزى بار» دەپ باھا بەردى، ھەمىشە ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقايدۇ. بىنادا بىر يالغۇز تۇرىدىغان موماي بولۇپ، ئۇ جې جىنلۇڭ نۇقتىلىق خەۋەر ئالىدىغان ئاھالە. «مەن تۇنجى قېتىم ئۆيلەرگە نەرسە يەتكۈزۈپ بەرگەندە، موماينىڭ گەپ خالىمايدىغانلىقىنى، كەيپىياتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بايقىدىم، مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى سېغىنغانلىقىنى بىلدىم.» شۇنىڭدىن كېيىن، جې جىنلۇڭ ھەر كۈنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەندە، ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بەرگەندە، موماي بىلەن بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشتى، «موما بۈگۈن سىزگە يەنە نېمە لازىم؟ موما بۈگۈن ئۆينى نەچچە قېتىم ئايلاندىڭىز....... قىلغۇدەك گەپ بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىشىم كېرەك.» جې جىنلۇڭنىڭ دېيىشىچە، پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇ موماينىڭ ماددىي ئەشيالىرىنىڭ كەملىكىنى بايقاپ، دەرھال يەتكۈزۈپ بەرگەن. كېيىن موماينىڭ روھىي كەيپىياتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ھەر كۈنى ئۇنى كۆرگەندە كۈلۈمسىرەيدىغان بولغان.

  ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئالغاندا، بىنادىكى بىر خانىمنىڭ يەڭگىگىلى ئۇزۇن بولمىغانلىقى، قورساقنى يارغان چاغدىكى يارىنىڭ تولۇق ساقايمىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، جې جىنلۇڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن چاقلىق ئورۇندۇق  تېپىپ ئۇنى ئىتتىرىپ ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسىغا ئېلىپ كەلدى. ئىشىك ئالدىغا مال يەتكۈزگەندە بىر يالغۇز تۇرىدىغان ھەدىنىڭ تۈزۈك ماڭالمايدىغانلىقى كۆردى، ئۇنىڭ ئۆيىدە پۇتىنى قايرىۋالغانلىقىنى بىلىپ، جې جىنلۇڭ دەرھال ئۇنىڭغا مەلھەم دورا سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بەردى. «بەزى ئىشلارنى ئىنچىكە كۆزەتمىسە بايقىغىلى بولمايدۇ، كۆپچىلىككە مۇلازىمەت قىلغانىكەنمىز، مەسىلىنى كۆپرەك بايقىغاندىلا، ئاندىن ئىمكانقەدەر ئەتراپلىق ئىش قىلغىلى بولىدۇ» دېدى جې جىنلۇڭ.

  ئادەتتە ئۈچ ئاكا-ئۇكا بوش ۋاقتى چىقسىلا ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، «بىز كۆپ قىسىم ۋاقىتتا ئۆزىمىز قىلغان ئىشلارنى دېيىشىپ، مەسىلىلەرنى ئۆزئارا ئامال تېپىپ بىرلىكتە ھەل قىلىمىز. گەرچە ئېغىزىمىزدا دېمىسەكمۇ، كۆڭلىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز.» دېدى جې جىنلۇڭ.

  «ئۈچ ئاكا-ئۇكىنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار: ئىشنى تالىشىپ قىلىدۇ، ھەمىشە ئۆزى ئىشنى ئاز قىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ.» دۇڭجەن شىمالىي مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ما شياۋشياۋ جې ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئاكا-ئۇكىنى شۇنداق ماختىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۈچ ئاكا-ئۇكا ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ بىناسىدىكى ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلغاندىن باشقا، مەھەللىدە ئىش بولسىلا، چاقىرغان ھامان يېتىپ بارىدىكەن. نۆۋەتتە مەزكۇر مەھەللىدە 160 پىدائىي بار بولۇپ، ئۈچ ئاكا-ئۇكا ھەمراھتىن باشقا، يەنە ئۈچ جۈپ ئەر-خوتۇن ھەمراھلارمۇ بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى