تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە كۆكتات، گۆش تۈرىدىكىلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىدى

8-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىمىگۇ رايونى قاراماي شەرقىي يولى مەھەللىسىدىكى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا، بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئاھالىلەرگە كۆكتات بولىقى ماسلاشتۇرۇپ تەقسىملىمەكتە. (مۇخبىر جياڭ شياۋ فوتوسى)

   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، سايباغ رايونى شىنخۇا مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق جاڭ رۇيفاڭ پىدائىيلار ۋاكالىتەن سېتىۋالغان كۆكتاتلارنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇ مال سېتىۋېلىش بېلىتىدىكى شوخلىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكى ھەر كىلوگىرامى 4.3 يۈەندىن 2.9 يۈەنگە ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىدى.

   يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى باھانى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇپ، يەرلىكنىڭ كۆكتات بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك باھاسى بازىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ھۆددىگە ئېلىش مېخانىزمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنى تىرەك قىلىپ، ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەردە ۋاقىتلىق كۆكتات بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار ئارقىلىق كۆكتات، گۆش تۈرىدىكىلەرنى ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىپ، كۆكتات، گۆش بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى)نىڭ بازار تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شەھەر ئاھالىلىرى دائىم يەيدىغان 60 خىل كۆكتاتنىڭ باھاسى يەنىمۇ چۈشكەن، كالا، قوي گۆشىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى مۇقىملىق ئاساسىدا چۈشكەن.

   8-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىنىڭ سېتىش باھاسى رەتلەنگەندىن كېيىن بايقىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز خىل كۆكتاتنىڭ باھاسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، شىڭسەينىڭ باھاسى ھەر كىلوگىرامى 13.5 يۈەندىن 4.9 يۈەنگە، قىزىل لازىنىڭ باھاسى ھەر كىلوگىرامى 11.2 يۈەندىن 6 يۈەنگە، شوخلىنىڭ باھاسى ھەر كىلوگىرامى 4.3 يۈەندىن 2.9 يۈەنگە، كاۋىنىڭ باھاسى ھەر كىلوگىرامى 2.3 يۈەندىن 1.8 يۈەنگە، كۇگۇانىڭ باھاسى ھەر كىلوگىرامى 3.6 يۈەندىن 2.9 يۈەنگە، يۈەنگۇنىڭ باھاسى ھەر كىلوگىرامى 20.6 يۈەندىن 16.7 يۈەنگە، موگونىڭ باھاسى ھەر كىلوگىرامى 7.2 يۈەندىن 5.9 يۈەنگە چۈشكەن.

   شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گۆشنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن، قوي گۆشىنىڭ بازاردىكى پارچە سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىلوگىرامى 70 يۈەن، كالا گۆشىنىڭ بازاردىكى پارچە سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىلوگىرامى 75 يۈەن، چوشقا گۆشنىڭ بازاردىكى پارچە باھاسى ھەر كىلوگىرامى 50 يۈەن بولغان.

   شىمىگۇ رايونى قاراماي شەرقىي مەھەللىسى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى دەن مۇنداق دېدى: «ھازىر دۇكاندا 60 نەچچە خىل كۆكتات بار، كۆپىنچىسىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 3-2 يۈەنگىچە بولۇپ، ئالدىنقى مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ ئەرزان بولدى».

   يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) چاڭچۈن جەنۇبىي يولى مەھەللىسى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جىڭجىڭ مۇنداق دېدى: «كۆكتات باھاسى چۈشتى، بىز ئاھالىلەرگە تەمىنلەيدىغان كۆكتات بولىقىنىڭ باھاسىمۇ چۈشتى. ئەسلىدىكى كۆكتات بولىقىدا ئىككى-ئۈچ تال شوخلا بار ئىدى، ھازىر تۆت-بەشنى سالساق بولدۇق».

   تىيانشان خۇاڭنيۇ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى مەھەللە كالا، قوي گۆشىنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىدا ھازىر قوي گۆشىنى پارچە سېتىش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىلوگىرامى 70 يۈەن، كالا گۆشىنى پارچە سېتىش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىلوگىرامى 75 يۈەن بولدى. دىرېكتور ۋۇ شيەنگۇاڭنىڭ ئېيتىشىچە، كالا، قوي گۆشىنىڭ باھاسى مۇقىملىق ئاساسىدا چۈشكەن، سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، ھەممىسى شۇ كۈنى سويۇلغان يېڭى كالا، قوي گۆشلىرى ئىكەن، ھەر قايسى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈپ، ئەتراپتىكى مەھەللىلەرگە مۇلازىمەت قىلىنىدىكەن.

   يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنلىيەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۇنىۋېرسال توپ سېتىش بازىرىدا ھەر كۈنى 4000-3000 تۇياق قوي، 100 تۇياقتىن ئارتۇق كالا سېتىلىپ، بازار تەمىناتى مۇقىملاشتۇرۇلدى. بازارنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى دىرېكتورى ۋاڭ شىڭلۈننىڭ ئېيتىشىچە، بازاردا 80دىن ئارتۇق كالا، قوي گۆشى سودىگىرى بار بولۇپ، ئۇلار ساتقان قوي گۆشىنىڭ پارچە سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىلوگىرامى 70 يۈەن، كالا گۆشىنىڭ پارچە سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى  ھەر كىلوگىرامى 75 يۈەن بولغان.

   يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى مۇھىم بولغان زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىنى تەمىنلەش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى يوللارنى تەكشۈرۈشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، شەھەر(رايون) بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سېتىش كارخانىلىرىنى بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن يېتەكلىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 491 مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ئاھالىلەرنى مۇقىم باھالىق كۆكتات بىلەن تەمىنلىدى، ھەر قايسى چوڭ گۆش بازارلىرى ۋە كارخانىلار تەقسىملەش- يەتكۈزۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ تەمىناتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ «كۆك-تاق»ى، «ئاشلىق خالتىسى»نى ئورتاق ياخشى قوغدىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى