تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە چاچ چۈشىدىغان كىشىلەر توپى تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلىمەكتە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئالتە ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلۈدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغانلار بىر قەدەر كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئېلان قىلغان چاچ چۈشكەن كىشىلەرنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، دۆلىتىمىزدە چاچ چۈشىدىغان كىشىلەر 250 مىليوندىن ئاشقان.

نېمىشقا چاچ چۈشىدۇ؟

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەھەرلەردىكى كىشىلەرنىڭ چاچ چۈشۈش نىسبىتى ئۈچىنچى، تۆتىنچى قاتاردىكى شەھەر ۋە يېزىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ چاچ چۈشۈش نىسبىتى جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى، ئىرسىيەت ئامىلى. دادىسىنىڭ چاش چۈشۈش ئەھۋالى بولسا، ئوغلىنىڭ چاچ چۈشۈش نىسبىتى %50، قىزىنىڭ چاچ چۈشۈش نىسبىتى %20 بولىدىكەن؛

ئىككىنچى، روھىي بېسىم. ئۇزۇن مۇددەت روھىي بېسىم ئېشىپ كەتسە چاچ چۈشۈشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، چاچ چۈشۈش بەدەندىكى ئەرلىك ھورمون سەۋىيەسىنىڭ مېتابولىزمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يەنە يۇقۇملىنىش، جىددىي ئىشلار، مىكرو ئايلىنىش قاتارلىق ئامىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.

قانداق قىلغاندا چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

بىز چاچنىڭ فىزىئولوگىيەسىگە ئاساسەن چاچنى ئاسرىساق بولىدۇ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

بىرىنچى، چاچ ئاجىز كىسلاتالىق مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىشقار، سوپۇن پاراشوكى قاتارلىقلار بىلەن يۇيۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا چاچ پاخپىيىپ قالىدۇ. تۈك خالتىسىدا نۇرغۇن تۈكلۈك تېرە بولۇپ، خۇددىي كاھىشقا ئوخشاش تۈك غولىنى قوغداپ تۇرىدۇ، تۈكلۈك تېرە ئاجىز كىسلاتالىق مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىشقارلىق مۇھىتتا كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پىۋا بىلەن چاچنى يۇيۇشقا بولىدۇ، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن چاچ يۇمشاق بولىدۇ.

ئىككىنچى، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تاللىغاندا نېيترال ياكى ئاجىز كىسلاتالىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش، ئىشقارلىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

ئۈچىنچى، ھازىر بازاردا نۇرغۇن چاچ ئاسراش مەھسۇلاتلىرى بار، ئىشلىتىشكە بولىدۇ، لېكىن مۇنتىزىم زاۋۇتتا ئىشلەپچىقارغان ياكى ئىشلەپچىقارمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. سىلىتسىي بولغان ياكى بولمىغان ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھا پەرقى ناھايىتى چوڭ، بىراق، ئەمەلىيەتتە رولىدا  چوڭ پەرق يوق.

تۆتىنچى، كالا مۈڭگۈزىدىن ياسالغان تارغاق ياكى ياغاچتىن ياسالغان تارغاق بىلەن چاچنى تاراش، تارغاق چىشى شالاڭراق، ئۇچى يۇمشاقراق بولۇش كېرەك.

«ياخشى بەدەن، ياخشى باش تېرىسى، ياخشى تۈك خالتىسى بولغاندىلا ياخشى چاچ بولىدۇ». باش تېرىسىنىڭ ساغلاملىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ باش تېرىسىنى دائىم قول بىلەن ئۇۋۇلاپ بەرسە بولىدۇ، باشنى ئۇۋۇلاش تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، قاننى جانلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تارغاق بىلەن قايتا-قايتا تاراپ بەرسە، چاچ ئاسراش ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىس: جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى چاچ مېدىتسىناسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ دىڭچۈەن

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى