ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭرەن): 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى نىڭبو كوچىسى مەھەللىسى شىنچىڭ مېييۈ ئولتۇراق رايونىدا، قۇربانجان يۇنۇس بىر كۈنلۈك پىدائىيلار مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سائىتىگە قارىدى، سائەت 23:00 بولغان ئىدى.
شۇ كۈنى، قۇربانجاننىڭ قەدەم ھېسابلىغۇچى 36 مىڭ قەدەم ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى، ئۇ مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىۋەتكىنىدە، كىيىمى ئاللىقاچان ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى.
قۇربانجان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى باش نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ، 17 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە. 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئەمدىلا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن ئۈرۈمچىگە دەم ئېلىشقا قايتىپ كەلگەن ئۇ مەھەللىنىڭ پىدائىي قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، كەسكىنلىك بىلەن تىزىملاتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە ئەزالىرى ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈشى كېرەك، بۇنداق ئالاھىدە ۋاقىتتا، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلسام خاتىرجەم بولىمەن.
ئىلگىرى تەشۋىقات خىزمىتىنى ئىشلەپ باققان قۇربانجان ھەر قېتىم ئاھالىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغاندا، مەيلى كۆكتات يەتكۈزگەندە ياكى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەندە بولسۇن، ئاھالىلەرگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.
«دەسلەپتە، ئولتۇراق رايونىمىزدىكى قىسمەن كىشىلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىگە ئانچە ماسلىشىپ كېتەلمىدى، ھەر قېتىم ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتتىم.» بۇنىڭدىن باشقا، قۇربانجان ۋېيشىندىن پايدىلىنىپ، ئولتۇراق رايوننىڭ ۋېيشىن توپىغا ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار تەشۋىق قىلغان بىر قىسىم خەۋەرلەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتتى، ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى كۆچمە «كىچىك كاناي» دەپ ئاتاشتى.
نەچچە كۈندىن كېيىن، قۇربانجاننىڭ ئاۋازى پۈتۈپ قالدى، لېكىن ئۇ «كوتۇلداش»تىن توختاپ قالمىدى، «ھەدە، بۇ دورا ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، بىر كۈندە ئۈچ قېتىم ئىچىسىز …» ئولتۇراق رايوندىكى نۇرغۇن ياشانغانلار ۋېيشىن ئىشلىتىشنى بىلمىگەچكە، توپتىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالمايتتى، قۇربانجان ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر قېتىم ئىشىك ئالدىغا بارغاندا، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى تەپسىلىي سورايتتى، ئائىلىدە تۇرغاندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تاپىلايتتى.
ئائىلىلەرگە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق بىر قەدەر ئېغىر بۇيۇملارنى يەتكۈزۈپ بېرىشتەك ئىشلارنى قۇربانجان دائىم تالىشىپ تۇرۇپ قىلاتتى. بىر كۈنلۈك خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، قۇربانجان يەنە مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە ياردەملىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئىستاتىستىكا جەدۋىلى ۋە ئىككىنچى كۈندىكى كۆكتات يەتكۈزۈش تەپسىلاتىنى رەتلەيتتى، بەزىدە تاڭ ئاتاي دېگەندە ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ، بىر نەچچە سائەت ئۇخلاپلا يەنە خىزمەتكە چىقاتتى.
«مەھەللە كادىرلىرى بەك جاپا تارتتى، ئۇلارغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلالىسام خۇشال بولىمەن.» دېدى قۇربانجان، پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە دائىم ۋاقتىدا تاماق يېگىلى بولمايدۇ، لېكىن ئائىلىلەرگە كىرگەندە، دائىم ئاھالىلەرنىڭ ئۆيدە ئېتىپ تەييار قىلغان مانتا، مومىلارنى ئىشىككە ئېسىپ قويغانلىقىنى كۆرگىنىدە، ئۇنىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولاتتى.
«كۆپچىلىك ئۆز ئارا ياردەملىشىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتمەكتە. ئىشىنىمەنكى، ئورتاق تىرىشچانلىقىمىز ئاستىدا، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلىمىز.» دېدى قۇربانجان تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.