تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ ئۆسۈپ يېتىلىش

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: كىشىلىك ھاياتتا ھامان بوران-چاپقۇن بولىدۇ، تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

  يۇقۇم سەۋەبىدىن، بالىلارنىڭ يازلىق تەتىلنى تېخىمۇ خۇشال ئۆتكۈزۈشى تەسىرگە ئۇچرىدى. ئەڭ روشەن ئۆزگىرىش شۇكى، «ساياھەت پىلانى» «ئائىلە ئەندىزىسى»گە ئايلىنىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، يۇقۇم مەزگىلىدىكى يازلىق تەتىل، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئالاھىدە دەرسكە ئايلىنىپ، تۇرمۇشى يەنىلا رەڭدار ھەم خۇشال ئۆتتى.

  ئالاقە تورى «ئۆيدە تۇرۇۋاتقان»دىكى تۇرمۇشقا يېڭى مەنا قوشتى. يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، بالىلار تۈرلۈك بۇلۇت پائالىيەتلىرىگە خالىغانچە تاللاپ قاتناشتى. «بۇلۇت تېرمىنالى يازلىق لاگېرى»دا، ساز، شاھمات، ھۆسىنخەت، رەسم قاتارلىق تۈرلۈك سەنئەت دەرسلىرىنى ئۆگەندى؛ «بۇلۇت تېرمىنالى كۇتۇپخانا»سىدا كىتاب دېڭىزىنى قانغۇچە سەيلى قىلدى؛ «بۇلۇت تېرمىنالى دەرسخانا»سىدا ئۆيدىن چىقمايلا داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىيالىدى.

  يۇقۇمنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كىشىلەر ساغلاملىقنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتى. يازلىق تەتىلدە ئائىلىدە، نۇرغۇن بالىلار ساغلام ھەرىكەت قىلىدىغان تۇرمۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشقا باشلىدى. بۇ مەزگىلدە، نۇرغۇن ئائىلىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئورتاق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى. بالىلار ھەر كۈنى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە «ئائىلە تەنتەربىيە دەرسى»گە قاتنىشىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ خۇشاللىقىنى ئورتاق ھېس قىلىپ، بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈردى.

  ئۆيدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، نۇرغۇن بالىلارنىڭ ياشاش ئىقتىدارى ئۆستى. ئادەتتە بالىلارنىڭ زېھنىنى ئۆگىنىشكىلا قارىتىشى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بارلىق ئۆي ئىشلىرىنى دېگۈدەك ئۆزى قىلاتتى. بۇ يازلىق تەتىلدە، نۇرغۇن بالىلار ئاددىي ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى ئۆگىنىۋالدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئۆي يىغىشتۇرۇشقا، كىر يۇيۇشقا باشلىدى؛ بەزى ئەزەلدىن ئۆي ئىشى قىلىپ باقمىغان بالىلار «ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغان كىچىك ئائىلە باشلىقى»غا ئايلىنىپ، تاماق ئېتىش، قورۇما قورۇشنى ئۆگىنىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ «كىچىك ياردەمچىسى»گە ئايلاندى، بالىلارنىڭ ئەمگەك قارىشى يېتىلىپ، يەنە بەزى ئەمەلىي تۇرمۇش ماھارەتلىرىنى ئىگىلەپ، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارى ئۆستى. ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزى چىقىشمۇ ياشاش ئىقتىدارىنىڭ بىر قىسمى، بالىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، ئۇلارنى تۇرمۇشقا مۇستەقىل يۈزلەنگەندە تېخىمۇ تەمكىن قىلىدۇ.

  بۇ يازلىق تەتىلدە، نۇرغۇن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پىدائىيلىرى سېپىگە قوشۇلدى. ھەر كۈنى، ئۇلار مەھەللە كادىرلىرىغا ماسلىشىپ، ئۆيمۇئۆي كۆكتات يەتكۈزۈپ بېرىپ، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەپ، ئەخلەت يىغىپ، ئاھالىلەرنىڭ دورا سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى...كىچىك ئەمما كۆپ ئىشلارغا، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراش بولۇپ، دائىم چارچاپ ھالىدىن كېتەتتى، ئەمما ئاھالىلەرنىڭ تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشى، سەمىمىي رەھمىتى، قىزغىن ماختاشلىرى، ئىللىق ھال سورىشى، ئۇلارغا جاپالىق ئەمگىكىنىڭ قىممىتىنى، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇردى. بۇ ئالاھىدە مەزگىلدىكى «جەمئىيەت ئەمەلىيىتى دەرسى»، «2000-يىللاردا تۇغۇلغان»لار، «90-يىللاردا تۇغۇلغان»لارنى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىغا ئىگە قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنى جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى «ئوزۇقلۇق»قا ئايلىنىپ، ئۇلارنى كەلگۈسى جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىدىغان، ئۆز قىممىتىنى يارىتىىدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى.

  ئۆگىنىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش بالىلار تۇرمۇشىنىڭ يادروسى، مەيلى تۈمەن چاقىرىملىق يولنى بېسىش ياكى شەخسىي قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈش، تۇرمۇش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشتە بولسۇن، ھەممىسى ئۈزلۈكسىز قەلبنى بېيىتىش، ئەقىل-ئىدراكنى يېتىلدۈرۈش جەريانىدۇر. مۇشۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدىكى يازلىق تەتىلدىكى ئالاھىدە تۇرمۇش تەسىراتى بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ ئۆسۈپ يىتىلىش پۇرسىتى، ئەقىل-پاراسەت ۋە ئىلھاملارنى ئېلىپ كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى