تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بىر ئايغا يېقىن ئايرىلغان سېسترا ئانا نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش نەق مەيدانىدا قىزى بىلەن ئۇچراشتى: ئاپا، سىزنى قۇچاقلاپ قويسام بولامدۇ؟

لىن فەن قىزى ياۋ ياۋنىڭ نوكېلىئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئالدى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى): بۇ ئىككى كۈندە، بىر پارچە خاتىرە سۈرەت توردا تارقىلىپ نۇرغۇن تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى، سۈرەتتە بىر «تولۇق قوراللانغان» سېسترا بىر كىچىك قىزنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىۋاتاتتى. قارىماققا ئاددىيلا كۆرۈنگەن بۇ سۈرەتنىڭ ئارقىسىدا كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ھېكايە بار ئىدى.

  سۈرەتتىكى سېسترانىڭ ئىسمى لىن فەن بولۇپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئاياللار تاشقى 4-بۆلۈمىنىڭ سېستراسى، كىچىك قىز ئۇنىڭ يەتتە يېرىم ياشلىق قىزى ياۋ ياۋ. 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، لىن فەن 7-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە كەتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم قىزى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

  «مەن بەك تەلەيلىككەنمەن، دەل بىزنىڭ مەھەللىگە بۆلۈنۈپتىمەن، ئۆزۈمنىڭ ئائىلىسى بار ئولتۇراق رايوندىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىدە، ئايرىلغىلى بىر ئايغا يېقىن بولغان قىزىم بىلەن كۆرۈشتۈم.» 8-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە، ئالدىنقى كۈنى قىزى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدە گەپ بولغاندا، لىن فەن ئىنتايىن ھاياجانلاندى.

  7-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە، لىن فەن جىددىي چاقىرتىلىپ دوختۇرخانىغا كەتكەندىن كېيىن، ئاھالىلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىگە ئاجرىتىلغان بولۇپ، ھەر كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەردە ئالدىراش يۈردى، 8-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە، تۇرۇشلۇق ئورنىدا دەم ئالغان لىن فەن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەتىگەندە خىزمەتداشلىرى بىلەن تىيانشان رايونى گۇاڭخۇا يولى مەھەللىسىگە يېتىپ بېرىپ ئاھالىلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىشى كېرەك ئىدى. «مەن ئاڭلاپلا، بۇ بىزنىڭ ئۆي تۇرۇشلۇق مەھەللە ئەمەسمۇ، بەلكىم كۆرۈشمىگىلى بىر ئايدەك بولغان ئېرىم ۋە قىزىم بىلەن كۆرۈشۈپ قالارمەن دېگەنلەرنى ئويلىدىم.» دېدى لىن فەن، ئۇ دەرھال ئېرىگە ئۇچۇر يوللىدى، شۇ كۈنى كەچتە ئۇ ئىنتىزارلىق ئىلكىدە پۈتۈن كېچە دېگۈدەك ئۇخلىمىدى.

  ئەتىگەن سائەت 8:30دا، لىن فەن ۋە خىزمەتداشلىرى مەھەللىگە يېتىپ باردى، ئۇ تەلىيىگە يارىشا ئۆزىنىڭ ئۆيى تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايوندىكى ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسىغا بۆلۈندى. «ئولتۇرۇپلا يۈرىكىم دۈپۈلدەك سوقۇشقا باشلاپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولدۇم.» دېدى لىن فەن، ئۇلار 10-قەۋەتتە ئولتۇراتتى، مەھەللە خىزمەتچى خادىمى 1-قەۋەتتىن باشلاپ ئاھالىلەرنى قەۋەتمۇقەۋەت چۈشۈشكە ئۇقتۇرۇش قىلدى، ئۇ 40قا يېقىن ئاھالىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئېرى ۋە قىزىمۇ چىقتى. «قىزىمنى كۆرگەن شۇ پەيتتە، كۆزلىرىم ئاچچىق بولۇپ، كۆز ياشلىرىم ئېقىپ چۈشىدىغاندەكلا ھېس قىلدىم. مەن ئۇنى چاقىرىپ، ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى قۇچاقلىماقچى بولدۇم، بىراق مەن پەقەت ئويلاشقىلا بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. كېيىن چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم.» دېدى ئۇ، «كۆز ياشلىرىم ئېقىپ، كۆز توسقۇچ ئەينەكنى تۇمانلاشتۇرۇۋەتسە، بۈگۈن ھېچقانداق ئىش قىلالماسلىقىم مۇمكىن.»

  قىزى لىن فەننىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇچە، ئۇنىڭ ئېرى قىزىغا مۇنداق دېدى: «ياۋ ياۋ، بۇ ئاپىڭىز بولىدۇ.» ياۋ ياۋ داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى، كۆزلىرى ئالدىدىكى بۇ ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىغان ئايالغا تىكىلدى. ئارقىدىن لىن فەن تۆۋەن ئاۋازدا «ياۋ ياۋ» دەپ چاقىردى، ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ياۋ ياۋ خۇشاللىقىدىن «ئاپا، سىز قانداقسىگە بۇ يەردە بولۇپ قالدىڭىز؟» دەپ ۋاقىرىۋەتتى.

  ئەسلىدە لىن فەننىڭ ئېرى ئەتىگەندە ئۇنىڭ ئولتۇراق رايونغا كېلىدىغان خەۋرىنى قىزىغا ئېيتمىغانىدى. «ئۇ بىر تەرەپتىن، مەن بۇ ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسىدا بولماي قالسام، بالام مېنى كۆرەلمەي ئۈمىدسىزلىنىپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، بالىمىزنى ھەيران قالدۇرماقچى بوپتۇ» دېدى لىن فەن.

  ياۋ ياۋ تەقەززالىق بىلەن ئاپىسىغا تۆۋەن ئاۋازدا مۇنداق دېدى: «ئاپا، سىزنى قۇچاقلىسام بولامدۇ؟ سىلاپ قويساممۇ بولىدۇ.» لىن فەن ئاڭلىغاندىن كېيىن قەتئىيلىك بىلەن «بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى، قىزدا ئۈمىدسىزلىنىش ئىپادىسى كۆرۈلۈپ، مۇلايىملىق بىلەن ئاپىسىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىشىغا ماسلاشتى. قىسقىغىنە نەچچە ئون سېكونتلۇق ئەۋرىشكە ئېلىش ئاياغلاشقاندا، ياۋ ياۋ ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي قالدى، لىن فەنمۇ يىغلاپ سېلىشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋېلىپ قىزىغا «بۇيرۇق قىلدى»: «ياۋ ياۋ، داداڭ بىلەن دەرھال ئۆيگە قايتىپ كەت، ئارقاڭدا يەنە نۇرغۇن ئادەم ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلار ئاناڭغا موھتاج.» ياۋ ياۋ قەدەمدە بىر كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىغان ھالدا دادىسىغا ئەگىشىپ ماڭدى.

  لىن فەننىڭ قىزى بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى كۆرۈنۈشنى گۇاڭخۇا يولى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى جاڭ جۈنمىڭ سۈرەتكە تارتىۋالدى. «مەن لىن فەننىڭ بىر ئايدەك ئۆيگە قايتمىغانلىقىنى بىلىمەن، ئەينى چاغدا مەن يېنىدا ئىدىم، شۇڭا بۇ دەقىقىنى خاتىرىلىۋالدىم، كېيىن ئۇنىڭ ئېرىگە يوللاپ بەردىم. ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قىممەتلىك پەيتتىن خاتىرە قالدۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.» دېدى جاڭ جۈنمىڭ.

  نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتى چۈشتە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلغا چىقىشتىن ئىلگىرى لىن فەن بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئېرى بىلەن قىزىنىڭ ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلىقىنى بايقىدى، قىزى ئۇنىڭغا قاراپ قول پۇلاڭلىتىپ تۇراتتى، ئېرى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدى، ئۇ قىزى بىلەن تېلېفوندا خوشلاشتى، «ئاپا، سىز تېزرەك قايتىپ كېلىڭ.» قىزىنىڭ ئەركىلىشىنى ئاڭلاپ، لىن فەن گېلىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولۇپ گەپ قىلالماي قالدى، ئۇ كۈچەپ يۇتۇۋېتىپ «ھە، ھە» دەپ ماقۇل بولدى. ئۇمۇ ئۇلارغا قول پۇلاڭلاتتى ھەم دەرھال بىنا ئاستىدىكى تاللا بازىرىغا بېرىپ قىزىغا ئۇ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ، پىدائىيلارنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلدى. ئارقىدىن، ئېرى ۋە قىزىنىڭ قاراپ تۇرۇشى بىلەن ئاپتوموبىلغا چىقىپ ئايرىلىپ، كېيىنكى ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

  «قىزىمنى كۆرگەندىن كېيىن، ھەر كۈنى خىزمەتتە كۈچ-قۇۋۋىتىم ئۇرغۇپ تاشتى.» لىن فەن مۇنداق دېدى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىپ، بىزنىڭ بالدۇرراق ئۆيدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. (سۈرەتلەرنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى