تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پىدائىي ۋاڭ جىگو بىلەن سۆھبەت: كىشىلەر ئارا ياخشى نىيەت كۆپرەك بولسا، بۇ دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل بولغان بولاتتى

  

پىدائىي ۋاڭ جىگو. 

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۇەن شياۋلى خەۋىرى، فوتوسى): ئايرودۇرۇمغا ئايروپىلانغا چىقىدىغان ئاھالىلەرنى ئاپارغاندا، 50 ياشتىن ئاشقان سىچۈەنلىك ئەر پېڭ ئەپەندىنىڭ يان تېلېفونىدىن كاشىلا چىقىپ جىددىيلىشىپ يىغلىۋەتكىنىنى كۆرۈپ، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پىدائىي ۋاڭ جىگو كەسكىنلىك بىلەن يان تېلېفونىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ ئېلىپ كېتىپ ئىشلىتىشىگە بەردى.

   ۋاڭ جىگونىڭ بۇ ھەرىكىتى ئالىبابا تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيەسى بىلەن تىيانشان تورى بىرلىشىپ بەرگەن تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە ئالاھىدە مۇكاپاتى ۋە 5000 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

    بۇنىڭغا ۋاڭ جىگو قانداق قارايدۇ؟ 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئاھالىنى دوختۇرخانىغا داۋالىنىشقا ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، ۋاڭ جىگو مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

    مۇخبىر: يان تېلېفوننى ئارىيەتكە بېرىۋەتكەندىن كېيىن، تۇرمۇشىڭىز يەنىلا قولايلىق بولدىمۇ؟ ھازىر يان تېلېفونىڭىزنى قولىڭىزغا ئالالىدىڭىزمۇ؟

    ۋاڭ جىگو: مېنىڭ مۇشۇ بىرلا يان تېلېفونۇم بار ئىدى، بارلىق ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسى ئىچىدە ئىدى. شۇ كۈنى يان تېلېفوننى ئارىيەتكە بېرىۋەتكەندىن كېيىن، بىزنىڭ پىدائىيلار مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى يېرنار دوستىدىن بىر يېڭى يان تېلېفون سېتىۋېلىپ ئېھتىياجىمدىن چىقىپ تۇرۇشقا ياردەم بەردى، مۇھىم ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنى پېڭ ئەپەندى ۋېيشىندا بىرمۇبىر يوللاپ بەردى. گەرچە ئادەتتىكىدەك ئۇنداق قولايلىق بولمىسىمۇ، ئەمما ماڭا ھېچقانداق زىيان بولمىدى.

    پېڭ ئەپەندىمۇ ئىنتايىن سەمىمىي ئادەم ئىكەن، قايتقاندىن كېيىن، بىرىنچى ۋاقىتتا مەن بىلەن ئالاقىلاشتى، بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مېنىڭ يان تېلېفونۇمنى تېز يوللانمىدىن ماڭا سېلىپ بەردى، يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قولۇمغا تېگىدۇ. ئۇ ئىنتايىن قىزغىن ئىكەن، ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي ماڭا ئىككى يەشىك ھاراق ئەۋەتمەكچى بولغانىدى، مەن ئالمىدىم، ئۇنىڭغا ياردەم بېرەلىگىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.

    مۇخبىر: نۇرغۇن كىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يان تېلېفون ئىنتايىن مۇھىم شەخسىي بۇيۇمدۇر، مەخپىيەتلىكتىن باشقا، ئىچىدە نۇرغۇن بانكا ھېسابات ئۇچۇرلىرىمۇ بولىدۇ، ئارىيەتكە بېرىۋەتكەندىن كېيىن پۇشايمان ۋە ئەندىشە قىلدىڭىزمۇ؟

    ۋاڭ جىگو: يان تېلېفوننى ئۇنىڭغا ئارىيەتكە بەرگەن ئاشۇ پەيتتە، مەن ھەقىقەتەن كۆپ ئويلاپ كەتمىگەنىدىم. كېيىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ شەھەر رايونىغا قايتقاندا، ئىنچىكە ئويلاپ ئازراق دەككە-دۈككىدە بولدۇم. مەن سودا قىلىدىغان ئادەم، يان تېلېفوندا يېقىنقى مەزگىلدىكى سېلىشتۇرۇپ چىقىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مال تالونلىرىم بار ئىدى، بۇ مال تالونلىرى بولمىسا مېنىڭ سودامغا دەخلى يېتەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، يان تېلېفون بانكا ھېسابات ئۇچۇرلىرى، شەخسىي ئۇچۇرلار، ئىجتىمائىي ئالاقە دېتاللىرىدىكى پاراڭلىشىش خاتىرىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يان تېلېفوندا ئىدى، يان تېلېفونۇم يوق بولغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بايقىدىم.

    بىراق، راستىمنى ئېيتقاندا، مەن ئۇنچىلىك ئەنسىرەپمۇ كەتمىدىم ۋە پۇشايمانمۇ قىلمىدىم، چۈنكى يان تېلېفوننىڭ كارتىسى مەندە ئىدى. ئەمما شۇ چاغدا ئايرودۇرۇمدا يۈز بەرگەن ئەھۋال بىلەن پېڭ ئەپەندىنىڭ ئىپادىسىگە قاراپ، مەن پېڭ ئەپەندىنىڭ بىر سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم، كىشى بىلەن كىشى ئوتتۇرىسىدا ھامان مۇشۇنداق ئىشەنچ بولۇشى كېرەك.

   ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇ مېنىڭ ئىشەنچىمنى يەردە قويمىدى. ئاشۇ كۈنى سەھەر سائەت ئۈچتىن ئاشقاندا، ئۇ ماڭا تېلېفون قىلىپ، ئايروپىلاندىن چۈشۈپ بولغانلىقىنى ئېيتتى، يەنە بىرىنچى ۋاقىتتا مېنىڭ ۋېيشىنىمنى قوشتى. ئەتىسى ئەتىگەندە، ۋېيشىن ئارقىلىق، ئۇ مەن ئېھتىياجلىق بولغان مال تالونى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئەۋەتىپ بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ماڭا ئۆزىنىڭ يېڭى يان تېلېفون سېتىۋالغانلىقىنى، مېنىڭ يان تېلېفونۇمغا قەتئىي قالايمىغان چېقىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    مۇخبىر: ئەتراپىڭىزدىكىلەر، ئۆيىڭىزدىكىلەر سىزنىڭ يان تېلېفوننى ئارىيەتكە بەرگەنلىكىڭىزنى بىلگەندىن كېيىن قانداق ئىنكاستا بولدى؟

    ۋاڭ جىگو: يۇقۇم سەۋەبىدىن، مەن ھازىر ئۆيدا يالغۇز تۇرۇۋاتىمەن، خوتۇنۇم بىلەن بالام باشقا جايدا تۇرىۋاتىدۇ. شۇ كۈنى كەچتە، خوتۇنۇم بىلەن توردا پاراڭلاشقاندا، ئۇنىڭغا يان تېلېفونۇمنى باشقىلارغا ئارىيەتكە بەرگەنلىكىمنى ئېيتتىم. خوتۇنۇم ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئارتۇقچە بىرنەرسە دېمەي، ئارىيەتكە بەرگەن بولسىڭىز بوپتۇ، دېدى. مەن ئادەتتە ئىش قىلسام لايىقىدا قىلىپ كەلگەچكە، ئۇمۇ بۇ ئىش سەۋەبلىك مېنى ئەيىبلەپ كەتمىدى. ئەتراپىمدىكى دوستلىرىم بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، ھەممىسى ماڭا قايىل بولۇپ، يان تېلېفوندەك مۇشۇنچىۋالا مۇھىم نەرسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەنلىكتەك جاسارىتىمنى ماختاشتى.

    مۇخبىر: بۇنداق قىلغىنىڭىزدىن ھاياجانلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ كېلەر قېتىم كۆپرەك ئويلىنامسىز؟

    ۋاڭ جىگو: ئەستايىدىل ئويلاپ باقسام، ھەقىقەتەن سەل ھاياجانلىنىپ قاپتىمەن. بىراق، يەنە مۇشۇنداق ئىشقا يولۇقسام، يەنىلا شۇنداق قىلىشىم مۇمكىن. ماڭىمۇ ئىلگىرى باشقىلار ياردەم قىلغان. ئېسىمدە قېلىشىچە 2015-يىلى 8-ئايدا، بىر قانچە دوستلۇرۇم بىلەن شىزاڭغا ئۆزىمىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغىلى بارغانىدۇق. ئۆزىمىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغان 3-كۈنى، مەن سومكامنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم، سومكىدا يۇيۇنۇش بۇيۇملىرى ۋە كىيىملەردىن باشقا، يەنە 30 مىڭ يۈەن نەق پۇل ۋە كىملىك، بانكا كارتىسى قاتارلىق مۇھىم كىنىشكە ۋە ھۆججەتلەر بار ئىدى.

    ئەينى چاغدا، مەن ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتكەنىدىم، بىر سىناپ بېقىش مەقسىتىدە، ئارقامغا يېنىپ 50 نەچچە كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ ئالدىنقى كۈنى كەچتە تۇرغان مېھمانخانىغا كەلگىنىمدە، سومكىنىڭ مېھمانخانىنىڭ ئالدى سۇپىسىغا قويۇلغانلىقىنى بايقىدىم. ئەسلىدە، مەن ياتاقنى قايتۇرغاندىن كېيىن، مېھمانخانا مۇلازىمەتچىسى سومكىنى بايقاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدى سۇپىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىكەن. مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلىنىپ، ھېلىقى مۇلازىمەتچىگە 2000 يۈەن بەرمەكچى بولدۇم، بىراق ئۇ ھەرقانچە قىلساممۇ ئالغىلى ئۇنىمىغانىدى.

    شۇ سەۋەبتىن، مەن پېڭ ئەپەندىنىڭ يان تېلېفونىدا چاتاق چىققاندىن كېيىن قانچىلىك جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندىم، يەنە باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىنكى ئىللىقلىقنى چۈشىنىمەن. كىشىلەر ئارىسىدا، ياخشى نىيەت كۆپرەك بولسا، بۇ دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. كېيىن بۇنداق ئىشقا يولۇقسام، مەن يەنىلا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزۈم توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلىمەن.

    مۇخبىر: تاراتقۇلارنىڭ تەشۋىقاتىغا ئەگىشىپ، سىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىڭىزنى بارغانسېرى كۆپ كىشى بىلدى، تەسىراتىڭىز قانداق؟

ۋاڭ جىگو: مەن ئۆزۈمنىڭ ھەرىكىتىنىڭ بۇنچىۋالا زور دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدىم. يېقىندا، نۇرغۇن تونۇش، ناتونۇش دوستلار ماڭا تېلېفون قىلىپ، ئۇچۇر يوللاپ، بۇ ئىشنى ناھايىتى ياخشى قىلغانلىقىمنى ئېيتتى. مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىمۇ چاقچاق قىلىپ مېنى «چولپان» بولۇپ كەتتىڭ دېيىشتى، قىزىم ۋە خوتۇنۇممۇ مېنىڭ زىيارەت خەۋىرىمنى كۆرگەندىن كېيىن، مەندىنمۇ بەكرەك ھاياجانلاندى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلەندى. كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئىشنى ماختىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.

    گەرچە توردىكى«يان تېلېفونى پۇلغا ئەرزىمىگەچكە كارى بولمىغاندۇ؟» دېگەندەك باھالار كۆڭلۈمنى سەل بىئارام قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بەكمۇ كۆڭلۈمگە ئېلىپ كەتمىدىم، نېمىلا بولمىسۇن نۇرغۇن كىشى بۇ ئىشىمنى ئېتىراپ قىلدى.

    مۇخبىر: بۇ ئىشتىن كېيىن روھىي ھالىتىڭىز ۋە تۇرمۇشىڭىز تەسىرگە ئۇچرىدىمۇ؟

   ۋاڭ جىگو: روھىي ھالىتىم ۋە تۇرمۇشۇمدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ماڭا نىسبەتەن بۇ ئىش كىچىككىنە بىر ئىش. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئاھالىلەرنى ئاپىرىپ-ئەكەلگەندە، ئولتۇراق رايوندىكى بىر قىسىم پىدائىيلار ياكى خىزمەتچى خادىملار مېنى كۆرگەندە، مېنىڭ يان تېلېفوننى ئارىيەتكە بەرگەنلىك ئىشىمنى قىزغىنلىق بىلەن سورايدۇ، نېمىلا بولمىسۇن خېلى دىققەت قوزغاپتۇ. مېنىڭچە تۇرمۇشتا كۆپچىلىك ھامان ھەرخىل مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ تۇرىدۇ، بىز پەقەت روھىي ھالىتىمىزنى ياخشى تەڭشىيەلىسەكلا، تۇرمۇشقا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى