«ليەنجاڭ، تۈنۈگۈن كەچتە ليەندۈينىڭ 7-نومۇرلۇق بېغىغا سۇ قۇيۇش ئاخىرلاشتى، يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن پۈتۈن ليەندىكى باغلارغا سۇ قويۇپ بېرىش خىزمىتى تاماملىنىدۇ.» 8-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى 3-تۇەن 13-ليەنىنىڭ سۇ تەقسىملەش خادىمى پېي يەنبىن بۇ ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ليەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ليەنجاڭى چېن گوجېڭغا ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.
«باغقا سۇ قۇيۇش بىلەن بىرگە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاپ، توپلىشىۋالماسلىقنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتىڭ.» دېدى چېن گوجېڭ تاپىلاپ.
بۈگۈنكى كۈندە، 3-تۇەننىڭ ھەرقايسى ليەندۈيلىرىگە كىرگەندە، ھەممىلا يەردە كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرغانلىقىنى، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ئۈچىنچى تۇەننىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، 3-تۇەن پارتىيە كومىتېتى مەسئۇلىيەت سۇبيېكتلىق رولىنى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلار بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ، 13 ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ۋە 17 ليەندۈينىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىنى ساقلىدى؛ تەۋەلىك رايوندىكى 29 دائىرە باشلىقى، 184 بىنا باشلىقى، 198 بىرلەشمە ئائىلە باشلىقى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، مەھەللە، ليەندۈي قاتارلىق رايونلارنى يېپىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەۋەلىك رايونىدا «بىر تاختا شاھمات» بولۇشتەك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، 3-تۇەن پارتىيە كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى قارىمىقىدىكى بەش خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە ئالتە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەت مەخسۇس بەنىدىن توپلىشىۋالماسلىق ئالدىنقى شەرتىدە، ئۇچراشماسلىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ، ليەندۈي، كارخانىلارغا ئىشلەپچىقىرىش يېتەكچىلىكى ۋە مۇلازىمىتى قىلدى؛ تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش نۆۋەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇھىتنى تۈزەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ماسلاشتۇردى ھەم پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىق ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى.
(گو شياۋچۈن)
شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى
گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى