مۇلازىمەت دەل جايىدا بولدى دېھقانلار ديەنزەن قىلدى
«دەسلىپىدە مېۋە-چېۋە، كۆكتات پىشقاندا ساتالماي، بىز تېرىقچى ئائىلىلەر ئېتىز بېشىدا چۆگىلەپ يۈرەتتۇق. ھازىر ياخشى بولدى، دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىزگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ ۋە ياردەم بېرىۋاتىدۇ، بىز ئۇلارغا ديەنزەن قىلىمىز!» 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شى تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانى 1-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى ياڭ ۋېيجياڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە بىر تەرەپتىن توقاچ شاپتۇل ئۈزگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.
ئېتىز بېشىدىكى يول بويىدا، تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانى 1-ليەنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گو يەن ۋېيشىن توپىدىكى توقاچ شاپتۇل، ئۈزۈم ۋە كۆكتات سېتىۋالغانلارنى ئستاتىستىكا قىلىۋاتاتتى، ئىككى ئاپتوموبىل يېرىمدىن كۆپرەكىنى قاچىلاپ بولۇپ، مال يەتكۈزۈشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى. بۇ بىر نەچچە كۈندە، گو يەنگە ئوخشاش قوشۇمچە كۆكتات ساتقۇچى بولۇۋاتقان پارتىيە ئەزالىرى -كادىرلار خېلى كۆپ ئىدى.
ياڭ ۋېيجياڭ تۇرۇشلۇق تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانىدا 12-شىنىڭ چوڭراق مېۋە-چېۋە، كۆكتات تېرىش بازىسى بار ئىدى. مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن پىشىشىغا ئەگىشىپ، مول ھوسۇل دېھقانلارنى خۇشال قىلغانىدى. لېكىن يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، ئەسلىدىكى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن باغلار جىمجىتلىققا چۆمدى، ئاساسىي جەھەتتىن ھېچكىم كېلىپ مېۋە-چېۋە ئۈزمىدى. قانداق قىلىپ مەھسۇلاتنى سېتىپ چىقىرىش تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى.
يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە، تەۋەلىكتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەھسۇلاتنى سېتىش «يېشىل يول»نى ئېچىپ، مەسئۇل رەھبەر گۇرۇپپا باشلىقى بولغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھەرقايسى ليەندۈيلەرگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر كارخانىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئورگان ئاشخانىلىرى سېتىۋېلىش ۋە مېۋە-چېۋە، كۆكتات سېتىش سودىگەرلىرى، جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش بازىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، ۋېيشىن توپىدا سېتىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى تېرىقچى ئائىلىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، ھازىرغا قەدەر، سېتىش سوممىسى 1 مىليون 300 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
بۇ دېھقانچىلىق مەيدانى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي زېڭ شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، دېھقانچىلىق مەيدانى پارتىيە كومىتېتى تەۋەلىكتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئوبوروت، تىرانسپورت قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، تەۋەلىكتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرالىشىغا، يىراقلارغا توشۇلالىشىغا، بېسىلىپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى»
(شياڭ لاڭ)
شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى
گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى