تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چىشنى چىڭ چىشلەپ ئاخىرغىچە چىڭ تۇرايلى

فەن خۇڭيى

ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنور قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ ھەممىسى بىر خانىلىق ساندا بولۇپ، بۇنىڭدىن كىشىلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى ئۈمىدنى كۆردى. ھالبۇكى، قانچىكى مۇشۇنداق پەيتتە، قىلچىمۇ بوشىشىش پىسخىكىسى بولماسلىقى، چىشنى شۇنچە چىڭ چىشلەپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

بۇ مەيدان «يۇقۇمغا قارشى جەڭ»دە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئومۇمىيەتنى تونۇپ، چوڭ داۋلىنى چۈشىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆيىدە تۇرۇپ، قاتتىق بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشقا پائال ماسلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. دەل ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەدەل تۆلىشى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشى، چىڭ تۇرۇشى ۋە تىرىشىشى بولغاچقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى كېڭىيىۋاتىدۇ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

لېكىن بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يەنىلا كەسكىنلەشكەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، سەللا بىخەستەلىك قىلساق، قىلغان ئەجرىمىز بىكارغا كېتىشى مۇمكىن، ئىلگىرىكى جاپالىق تىرىشچانلىقىمىزمۇ يوققا چىقىدۇ. شۇڭا، ۋەزىيەت قانچە ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنسېرى، «تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىق»تەك ئۇدا جەڭ قىلىش روھىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاپ، بەلگىلىمە بويىچە ئىش قىلىپ، سىرتقا چىقماسلىق، توپلاشماسلىق، شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. پەقەت ھەربىر كىشى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى قىلچە بوشاشماي ئادا قىلىپ، ۋىرۇسقا ھېچقانداق پايدىلانغۇدەك پۇرسەت قالدۇرمىسىلا، ۋىرۇس چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ، چوقۇم يوقىلىدۇ، بىز چوقۇم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرەلەيمىز!

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى