تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دەل جايىدا تەكشۈرۈش پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، شيې لۇڭ فوتوسى، خەۋىرى

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈش بۆلۈمىدە، تەكشۈرۈش تېخنىكى جاڭ رۇي بىيو خىمىيەلىك ئىممۇنىتېت ئاقما لىنىيەسى ئالدىدا ئەۋرىشكىنى ئالدىن بىر تەرەپ قىلماقتا.

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈش بۆلۈمىدە، تەكشۈرۈش تېخنىكى لى فېي قان تىپىنى تەكشۈرمەكتە.

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈش بۆلۈمى PCR تەجرىبىخانىسىدا، تەكشۈرۈش تېخنىكى ۋاڭ زىفەن بىيو بىخەتەرلىك ئىشكاپى ئىقتىدارىغا ئىگە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئېلىش - كېڭەيتىش بىر گەۋدىلەشكەن ئاپپارات ئالدىدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈش بۆلۈمى PCR تەجرىبىخانىسىدا، تەكشۈرۈش تېخنىكى ۋاڭ زىفەن بىلەن لو يۈننىڭ بىرى ئايرىپ تىزىملاپ دەلىللەشكە مەسئۇل بولدى، بىرى بىيو بىخەتەرلىك ئىشكاپى ئالدىدا ئولتۇرۇپ قول مەشغۇلاتى بىلەن ئەۋرىشكە قوشقاندىن كېيىن، ئەسۋاب ئارقىلىق تەكشۈرۈشكە يوللىنىدىغان نوكلېئىك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسىنى ئالدى.

«ئاغرىقلارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتا ئەۋرىشكىسى نەتىجىسىنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كىلىنىكىنى ئەڭ توغرا ھۆكۈم بىلەن تەمىنلەپ، ئاغرىقلار ئۈچۈن داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتىنى قولغا كەلتۈرىمىز.» بوي ئېگىزلىكى 2.04 مېتىر كېلىدىغان ۋاڭ زىفەن ئالاھىدە ئىشلەنگەن چوڭ نومۇرلۇق مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن بولۇپ، تەجرىبىخانىغا بىر كىرىپ كەتسە ئالتە - يەتتە سائەت ئىشلەيتتى.

يەنە بىر تەكشۈرۈش ئۆيىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىدىن كەلگەن تەكشۈرۈش تېخنىكى سۇڭ جىنپىڭ دائىملىق قان تەكشۈرۈشنى تەھلىل قىلىۋاتاتتى، ئۇ ئۆزى يالغۇز پۈتۈن قان ھۈجەيرىسىنى تەھلىل قىلىش ئەسۋابى قاتارلىق بەش ئەسۋابتا مەشغۇلات قىلاتتى. «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ قان كۆرسەتكۈچىمۇ داۋالاشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ھۆكۈم قىلىش ئاساسى ھېسابلىنىدۇ، مەن بۇ تەكشۈرۈشلەرنى تېزدىن تاماملىشىم كېرەك» دېدى سۇڭ جىنپىڭ.

مىكرو ئورگانىزم تەجرىبىخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىدىكى ۋىرۇسقا ئەڭ يېقىن جاي، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرى ئاساسەن بىر قىسىم باكتېرىيە، زەمبۇرۇغلارنىڭ بىرىكىشىدىن يۇقۇملىنىدۇ، ئانتىبىيوتىكلارنى قانداق مۇۋاپىق ئىشلىتىشتە بىزنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىمىزگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.» تەجرىبىسى مول مۇئاۋىن مۇدىر تەكشۈرۈش تېخنىكى لى جىڭ بۇ ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالدى.

باكتېرىيە يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئاز دېگەندە تۆت خىزمەت كۈنى كېتىدۇ، لى جىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ ئاجرالمىلىرى، چىقىرىندىلىرى، قۇسۇقىنىڭ سۇۋالمىسىنى ياساشنى ئۆزى يالغۇز تاماملاپ، خىروموسوما تەھلىلى قىلىپ، مىكروسكوپتا تەكشۈرۈپ، مول تەجرىبىسىگە تايىنىپ تېز ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لىن جىچياڭ ئىش ئورنىدا بىر ئايدىن كۆپرەك چىڭ تۇردى. «تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز، ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن، بىزنىڭ ئازراق چارچىغىنىمىز ھېچقانچە ئىش ئەمەس» دېدى لىن جىچياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى