تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى قوللاش سىياسىتى 43 مىڭ 800 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىگە نەپ يەتكۈزدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مىن خەۋىرى): قەرزنىڭ قەرەلى ئۆتۈپ كېتىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى كەڭ قويۇۋېتىش، ئۇدا پۇل تاپشۇرۇشنى بېكىتىشنى كەڭ قويۇۋېتىش، ئىجارە ئۆي پۇلىنى ئېلىشنى ئەلالاشتۇرۇش، قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ تاپشۇرۇش نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش ياكى كېچىكتۈرۈپ تۆلەش قاتارلىقلاردا شىنجاڭ يەنە يۇقۇم مەزگىلىدە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويدى.

  8-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋەزىيىتىگە قارىتا، شىنجاڭ بىر قاتار تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ كارخانىلارغا ئېلىپ كەلگەن تىجارەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ، تاپشۇرىدىغان ئورۇن ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى ھەل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇدا تاپشۇرۇشنى بېكىتىشنى كەڭ قويۇۋېتىش سىياسىتىدىن 7-ئايدا تاپشۇرۇشنى ئۈزۈپ قويغان 12 مىڭ 200 تاپشۇرغۇچى ئورۇن، 43 مىڭ 800 تاپشۇرىدىغان ئىشچى-خىزمەتچى مەنپەئەتلەنگەن.

   قەرزنىڭ قەرەلى ئۆتۈپ كېتىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى كەڭ قويۇۋېتىش جەھەتتە، شىنجاڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان ياكى كۆزىتىلىۋاتقانلار، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملار، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى، پىدائىيلار قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشقان خىزمەتچى خادىملار ۋە يۇقۇمنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ۋاقتىنچە كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر توپىغا قارىتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە قەرزنى نورمال قايتۇرالمىغانلارنى قەرەلىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن قاتاردا بىر تەرەپ قىلمايدۇ، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەنلىك خاتىرىسى سۈپىتىدە ئىناۋەت  گۇۋاھلىقى تارماقلىرىغا يوللىمايدۇ.

  ئۇدا تاپشۇرۇشنى بېكىتىشنى كەڭ قويۇۋېتىش جەھەتتە، شىنجاڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ۋاقتىدا يېتەرلىك تاپشۇرالماي، تاپشۇرۇشنى توختىتىپ قويغانلار، يۇقۇمدىن كېيىن تاپشۇرغۇچى ئورۇن تولۇقلاپ تاپشۇرسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى تاپشۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ ھېسابلاپ، قەرز ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

  «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقرىش تەننەرخى ئۆرلەپ، كارخانىلارنىڭ نەق پۇل ئوبوروت بېسىمى نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ، ئۇدا تاپشۇرۇپ بېكىتىشنى كەڭ قويۇۋەتكەندىن كېيىن، قىسقا مۇددەتتە كارخانىلارنىڭ يۈرۈشۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلەپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى قوللاشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ» دېدى شىنجاڭدىكى بىر يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى، ئۇلار ئىلتىماس سۇنۇپ بولغان بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئىمكانقەدەر تېز تولۇقلاپ تۆلەپ بېرىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىنجاڭ يەنە ئىجارە ئۆي پۇلىنى ئېلىشنى ئەلالاشتۇرىدىغان بولۇپ، ئۆي ئىجارىسى تاپشۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئۆي ئىجارە ئالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر توردىكى «بىر بېكەت شەكلى» ئارقىلىق ئىجارە ئۆي پۇلىنى ئېلىش كەسپىنى بېجىرسە، پۇل نەق ۋاقىتتا ھېساباتقا كىرىدۇ؛ يۇقۇمنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە قىيىنچىلىققا يولۇققان كارخانىلار «تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش نىزامى» بويىچە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ياكى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تىجارەت ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى تۆلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى ياكى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى بېجىرسە بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن  دەپ بىرتەرەپ قىلىنمىغان تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزى 9500 يۈرۈش، 24 مىليون 467 مىڭ 400 يۈەن بولغان؛ ئۇدا تاپشۇرۇشنى بېكىتىشنى كېڭەيتىش سىياسىتى بويىچە 7-ئايدا تاپشۇرۇشنى ئۈزۈپ قويغان 12 مىڭ 200 تاپشۇرغۇچى ئورۇن، 43 مىڭ 800 تاپشۇرغۇچى ئىشچى-خىزمەتچى مەنپەئەتلەنگەن؛ 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن بۇيان، 5160 ئىشچى-خىزمەتچى توردىكى يوللار ئارقىلىق ئىجارە ئۆي پۇلىدىن 56 مىليون 382 مىڭ 400 يۈەننى ئېلىۋالغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى پۇكەي كەسپى ۋاقىتلىق ئىش بېجىرىشتىن توختىتىلغان، ھەرقايسى مەركەزلەر «ئورۇندا نۆۋەتچىلىك قىلىش + ئۆيدە خىزمەت قىلىش + توردا بېجىرىش» خىزمەت ئەندىزىسى بويىچە، ئىشخانا سورۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي خىزمەتلەرنى نورمال ئىلگىرى سۈرۈپ، توردىكى مۇلازىمەتنىڭ «ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، كەڭ تاپشۇرغۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەر توردىكى كەسىپ زالى، يان تېلېفون Appسى، مۇلازىمەت قىزىق لىنيەسى 12329، ۋېيشىن سۇپىسى قاتارلىق توردىكى يوللار ئارقىلىق بېجىرگەن، كەسىپ تەكشۈرگەن، ھەرقايسى مەركەزلەر توردىكى يوللارنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، كەڭ تاپشۇرغۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كەسىپ بېجىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا توردا بېجىرىلگەن تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى كەسپى 42 مىڭ 500گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، «يان تېلېفون ئاممىۋى فوندى» 手机公积金) App) ئارقىلىق بېجىرىلگىنى 15 مىڭ 200، ئورۇننىڭ تور كەسىپ زالى ئارقىلىق بېجىرىلگىنى 27 مىڭ 300 بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى