تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ خەۋىرى): 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، 2-بىنادىكى ئاھالىلەرگە كۆكتات بولىقى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ۋۇ شۇتۇڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر گۇرۇپپىدىكى پىدائىي كىچىك ھارۋىنى ئىتتىرىپ مەھەللىنىڭ خەلققە قولاي كۆكتات سېتىش نۇقتىسغا قايتتى. ئالدىن ئاپىسى جاڭ لىچىڭ تەييارلاپ قويغان مېنىرال سۇنى سۇندى، ئارقىدىن تەييارلاپ قويۇلغان كۆكتات بولىقىنى تەرتىپ بويىچە سېۋەتكە سالدى، ۋۇ شۇتۇڭ سۇنى بىر نەپەس بىلەن ئىچىۋەتكەندىن كېيىن، يەنە تەقسىملەپ يەتكۈزۈشكە قاراپ ماڭدى.
بۇ ئانا-بالا ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى چىفاڭ تەۋەلىك رايونى خېبېي مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ئىدى. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، 21 ياشلىق ۋۇ شۇتۇڭ ۋە ئاپىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللە پىدائىيلار قوشۇنىغا تىزىملاتتى، بىر ئايدىن بۇيان، ئانا-بالا ئىككىسى بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتى جەريانىدا مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈپ، ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىدى.
ۋۇ شۇتۇڭ بىلەن ئاپىسى كەچكى شەپەق نۇرىدا يۈرەك چىقىرىپ ئۆز مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى.
«مەن ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن قوغدالغان، بۇ قېتىم مەن كۆپچىلىكىنى قوغدايمەن»
ۋۇ شۇتۇڭ مەھەللىنىڭ ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرى خەي جىيۈەنگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى، «ئۇ بىرىنچى بولۇپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلېفون قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرغان». «مەن ئوغۇل بالا، سالامەتلىكىممۇ ياخشى ھەم ياش، باشقىلارنىڭ يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىغا يۈگۈرۈپ كۆكتات سېتىۋېلىشتەك ئىشلارنى قىلىپ كېتەلەيمەن...» تېلېفون ئۇلىنىشىغىلا، ۋۇ شۇتۇڭ ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرغا ئۆزىنىڭ پىدائىي بولۇشتىكى ئەۋزەللىكىنى ئېيتتى.
ئۇن يەتكۈزۈشمۇ ۋۇ شۇتۇڭنىڭ (ئوتتۇرىدا) خىزمىتى، يېنىدىكى ئۇننى مۈرىسىگە يۈدۈشكە ياردەم قىلىۋاتقىنى ئۇنىڭ ئاپىسى جاڭ لىچىڭ (ئوڭدا).
بۇ ئاكتىپلىقنىڭ كەينىدە بىر مىننەتدارلىق يوشۇرۇنغان. «يىلنىڭ بېشىدا مەن بوۋاملارنىڭ ئۆيىدە ئىدىم، شۇ چاغدا پىدائىيلىققا شۇنداق تىزىملاتقۇم بار ئىدى، ئەپسۇس تىزىملاتقاندا سان توشۇپ كېتىپتۇ.» ۋۇ شۇتۇڭ پىدائىي بولۇشتىكى سەۋەبىنى تىلغا ئالغاندا، ئۆزىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. «مەيلى قايسى دەۋردە بولسۇن، ياش ئەۋلادلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ھامان سانسىزلىغان كىشىلەر تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ئۆسمۈر ۋاقتىمدا، مەن شۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر تەرىپىدىن قوغدالغان. ھازىر، مەن چوڭ بولدۇم، مەن ياش بىر ئەۋلادنىڭ كۈچى بىلەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى قوغدىشىم كېرەك.» دېدى ئۇ.
ۋۇ شۇتۇڭنىڭ قارارى ئاپىسىغا بالىسىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى. «گەرچە ئۇنىڭ بويى خېلى ئېگىز، بەدىنى ناھايىتى قاۋۇل بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مېنىڭ نەزەرىمدە يەنىلا بالا.» جاڭ لىچىڭ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ بۇنداق قارارىنى ئاڭلاپ، ئانا بولغان مەن بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ چوڭ بولۇپ قاتارغا قوشۇلغانلىقىدىن خۇشال بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيمەن.»
«ئانا-بالا ئىككىمىز، مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىشىمىزدىن قەتئىنەزەر، چوقۇم داۋاملاشتۇرۇشقا كېلىشتۇق.» دېدى جاڭ لىچىڭ.
ھەر بىر ئېغىز «رەھمەت» بىلەن چەكسىز تەسىرلەندۇق
پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتى ۋۇ شۇتۇڭنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ جاپالىق ئىدى.
ۋۇ شۇتۇڭنىڭ ئولتۇراق رايونىدا 1400دىن ئارتۇق ئاھالە بار بولۇپ، بۇ ئولتۇراق رايوندا 14 پىدائىي بار. «ئەتىگەنكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە كۆكتات بولىقىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، كۆكتات بولىقى جەمئىي ئىككى خىل بولۇپ، 20 يۈەن 5 كىلوگرام، 30 يۈەن 8 كىلوگىرام.» دېدى ۋۇ شۇتۇڭ، ھەر كۈنى ئۇ ئاز دېگەندىمۇ 50 كۆكتات بولىقىنى ئاھالىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
ۋۇ شۇتۇڭ ۋە باشقا پىدائىيلار خىزمەت ئۈستىدە.
بىر قېتىمدا بىر قانچە ئائىلىگە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇ بىر گۇرۇپپىدىكى پىدائىيلار بىلەن كىچىك ھارۋىغا كۆكتات بولىقىنى بېسىپ، بىر ئادەم ھارۋا ئىتتىرسە، قالغان ئىككى ئادەم ئىككى قولىدا لىققدە نەرسە-كېرەكلەرنى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ.
«ئىككى كۈن ئىشلەپ، ئۇ ئوبدانلا قارىداپ كەتتى. كەينىدىن ھەر كۈنى مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ ھەممە يېرىنى پۈركۈپ يۈرۈپ ئازراق ئاقىرىپ قالدى، ئەمما ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ قۇرۇق تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىدىم.» دېدى جاڭ لىچىڭ.
ۋۇ شۇتۇڭ تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايوندا، ئاھالىلەر كۆكتات ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر توپىدا تىزىملىتىپ سېتىۋالىدۇ، پەقەت بىرلا ياشانغان بوۋاي بار بولۇپ، پەرزەنتلىرى يېنىدا بولمىسا، قارىماققا بۇ ئاددىي مەشغۇلات ۋېيشىن ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان ئۇنىڭغا ئوخشاش ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن قىيىن ئىدى.
«مەنمۇ مەھەللە كادىرىدىن بۇ ياشانغان بوۋاينىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدىم.» دېدى ۋۇ شۇتۇڭ، ئۇ ئىزچىل بوۋاينىڭ غېمىنى يەپ، «زاكاز تالونى»نى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىنلا، بوۋاينىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، لازىملىق نەرسە-كېرەكلىرىنىڭ بار-يوقلىقىنى سوراپ تۇردى.
«بىرىنچى قېتىم نەرسە-كېرەكلەرنى سېتىۋېلىپ يەتكۈزۈپ بەرگەندە بۇ بوۋاينىڭ پۇل تۆلىگەندە نەق پۇل ئىشلىتىدىغانلىقىنى بايقىدىم، ئەمما مەن يېنىمغا پۇل سالمىغاچقا ئاشقان پۇلنى ئالماشتۇرۇپ كەلمەكچى بولدۇم. بۇ بوۋاي قولۇمغا 100 يۈەن پۇلنى تۇتقۇزۇپ، ‹بۇنى ئېلىپ قاچان پارچە پۇل بولغاندا قايتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ› دېدى.» ۋۇ شۇتۇڭ مۇنداق دېدى: «شۇ چاغدا مەن كۈندە قىلىۋاتقان پىدائىيلار مۇلازىمىتى، ئاددىيلا بىر كۆكتات بولىقى يەتكۈزۈش بولماستىن، ئەكسىچە قوشنىلار ئارا ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈش، ئىشەنچنى يەتكۈزۋاتقانلىقىمىنى ھېس قىلدىم».
شۇنىڭدىن باشلاپ، ۋۇ شۇتۇڭ ئولتۇراق رايوندىكى ياشانغانلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولىدىغان بولدى، ئۇلارغا مۇئامىلە قىلغاندا سەۋىرچانلىق ۋە ئىنچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى. «بۇ بالىغا بەك ئامراق بولۇپ قالدۇق، كۈلۈپلا تۇرىدۇ، ھەر قېتىم نەرسىلىرىمىزنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن سالامەتلىكىمىزگە دىققەت قىلىشىمىزنى تاپىلاپ تۇرىدۇ.» ئولتۇراق رايوندىكى جاڭ سۇيۈن موماي شۇنداق دېدى. «مېنىڭ بۇ بالىغا قارىسام بەك زوقۇم كېلىدۇ، ئۇ ئىشچان، ئەستايىدىل بولغاندىن سىرت، مىجەزىمۇ شۇنداق ئوڭلۇق.» ئولتۇراق رايوندىكى بىر پىدائىي شياڭ ياڭ مۇنداق دېدى: مەيلى قانداق ئىشقا يولۇقسۇن، ئۇ ھەمىشە ئەڭ ئۈمىدۋار، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن ئۆزىگە مەدەت بېرىپ، كۆپچىلىككە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىدۇ.
ئۆزئارا ئىلھام بېرىش، بۇ ئانا-بالا ناھايىتى كۆيۈمچان
ئوغلىنىڭ پىدائىيلار ئىش ئورنىدا ئىپادىسى ياخشى بولسا، ئانىسى تەبىئىي ئارقىدا قالسا بولمايدۇ.
«بىز ئانا-بالا ئىككىمىزدىن بىرىمىز كۆكتات تەقسىملەپ، بىرىمىز ئائىلىلەرگە يەتكۈزىمىز، ھەرقايسىمىزنىڭ ئىش تەقسىماتى ئايرىم، ھەرقايسىمىز ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتىمىز.» دېدى جاڭ لىچىڭ. «مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، خىزمەت جەريانىدا تەبىئىي ھالدا ئوغلۇمغا ئۈلگە بولىمەن».
جاڭ لىچىڭ بىر كارخانىنىڭ خىزمەتچىسى، يۇقۇم مەزگىلىدە، پىدائىيلار مۇلازىمەت خىزمىتىدىن باشقا، يەنە ئۆز خىزمىتىنى تاماملاشقا توغرا كەلگەن ئىدى.
«ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئاپام ھەر كۈنى بىر نەچچە سائەت بالدۇر قوپۇپ، ھەتتا چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىمۇ، قولىدىكى خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. بەك جاپالىق، لېكىن مەن ئاپامنىڭ بىرەر قېتىم ئاغرىنغىنىنى ئاڭلاپ باقمىغان، ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ياخشى باشقۇرۇپ، تەقسىم قىلالايدۇ.» دېدى ۋۇ شۇتۇڭ.
ئاپىسىغا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، ۋۇ شۇتۇڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەھەتتە «ياردەمچى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئاپىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى».
ۋۇ شۇتۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ۋۇ شۇتۇڭ ئاپىسى بىلەن بىللە تاماق ئېتىپ، ئائىلىسىنىڭ ئۆي ئىشلىرىنىمۇ تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ. پىدائىيلار خىزمىتىدە ئۇنىڭ ياردىمى ئاپىسىنىڭ «يۈكىنى يېنىكلىتىش» بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
«ئىلگىرى ئاھالىلەرنىڭ ‹زاكاز تالونى›نى ئاپام ئىككى نۇسخا كۆچۈرۈپ، بىرنى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ، بىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈشكە مەسئۇل بولغان ئادەمگە بېرەتتى، بۇنىڭ بىلەن خىزمەت مىقدارى ئېشىپ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى كېلىپ چىقتى.» ۋۇ شۇتۇڭ مۇنداق دېدى: «كېيىن مەن ھەر كۈنى كەچتە ئالدىن توپتىكى ‹زاكاز تالونى›نى رەتلەپ بىۋاسىتە excelدا گىرافىك تۈزۈپ، ئاپامغا ئىككى نۇسخا بېسىپ چىقىرىپ بېرىمەن، بۇنىڭ بىلەن پىدائىيلارنىڭ يۈكى يېنىكلەپ، خىزمەت ئۈنۈمى ئۆستى».
«ئۇ گۈزەللىكنى بايقاشقا ماھىر، مەسىلەن، ئۇ مەن بىلەن كەچكى شەپەق ئاستىدا سېلىشتۇرما يۈرەك شەكلىنى چىقىرىپ، ئۆز ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ دۇنيا، بۇ جەمئىيەتنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەپ بەردى.» دېدى جاڭ لىچىڭ.
«بىز باشتىن-ئاخىر گۈزەللىككە ئىشىنىمىز، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتى ئارقىلىق، مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزدۇق، يۇقۇمنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىپ، تۇرمۇشنىڭ قايتىدىن ئىزىغا چۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز». ۋۇ شۇتۇڭ ئۆزىنىڭ پىدائىيلار ھەرىكىتىنى يۇقۇم ئاخىرلاشقىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەرەپ تەمىنلىگەن)