تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا 30 مىڭغا يېقىن پارتىيە ئەزاسى تولۇق قوراللىنىپ، بىرىنچى سەپتە ئاتاكىغا ئۆتتى

  «مەن پارتىيە ئەزاسى، ئاۋۋال مەن باراي» __ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش-سەھىيە سېپىدىكى ئەڭ جاراڭلىق جەڭگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىش قەسىمىگە ئايلاندى

  شىنجاڭدا 30 مىڭغا يېقىن پارتىيە ئەزاسى تولۇق قوراللىنىپ بىرىنچى سەپتە ئاتاكىغا ئۆتتى 

  يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ داۋالاش-سەھىيە سېپىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، تېببىي خىزمەتچىلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئاساسىي مۇداپىئە قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزىنى قالقان قىلىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغدىدى.

  «شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى 2415 ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، 29 مىڭ 617 پارتىيە ئەزاسى بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، 200 مىڭغا يېقىن داۋالاش-سەھىيە خىزمەتچىسى بىلەن، بىرىنچى ۋاقىتتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك داۋالاش-سەھىيە ئورۇنلىرىدىكى 897 ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى تېزدىن ھەرىكەتكە كەلدى، 10 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بەس-بەستە جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى سۇندى» دېدى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ يىڭسۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 4-بىنا 14-ئاغرىقلار رايونىدا، پارتىيە ئەزاسى ئالىمجان مۇسا (سولدا) دائىم مەينەت، جاپالىق ئىشلارنى تالىشىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى سېسترا شېن ۋېنروڭغا ئۈلگە بولدى. ئۇلار دائىم بىللە خىزمەت قىلىپ، خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرىدۇ.

  7-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلاردا ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتى قۇرۇلۇپ، قارىمىقىدا 33 ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى تەسىس قىلىندى، ۋاقىتلىق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە تېببىي خىزمەتچىلەر ئەڭ خەتەرلىك بىرىنچى سەپكە ئاتلاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى، مەھەللىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش قاتارلىق ئالتە پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى تەشكىللىدى؛ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش ئەترىتى قۇرۇش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 3-خەلق دوختۇرخانىسىدىكى 71 نەپەر پارتىيە ئەزاسى تېزدىن جەڭگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى؛ ئاپتونوم رايوندىكى 1822 نەپەر داۋالاش ئەترىتى ئەزاسىدىن تەشكىللەنگەن نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش ئەترىتى تېزدىن سەككىز ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى قۇردى. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرى ئۇدا جەڭ قىلىپ، كۆپ قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

8-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 4-بىنا 14-ئاغرىقلار رايونىدا سېسترالار باشلىقى خو فېي بىر ئاغرىقنىڭ چېچىنى تاراپ قويماقتا.

  «مەن پارتىيە ئەزاسى، ئاۋۋال مەن باراي» ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش-سەھىيە سېپىدىكى ئەڭ جاراڭلىق جەڭگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىش قەسىمىگە ئايلاندى. بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن پارتىيە ئەزاسى تېببىي خىزمەتچىلەر «قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان» چىدامچانلىق، «دۈشمەن قورغىنىنى ئالمىغۇچە قايتمايدىغان» جان تىكىپ ئېلىشىش غەيرىتى بىلەن، پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىگە ئاتلاندى.

  پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىق كۈچى ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، بىر تۈركۈم ئاكتىپلار يۇقۇمدا تاۋلاندى. ۋاقىتلىق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بارلىق داۋالاش ئەترىتىدىكى ئەزالارنىڭ كۈرەش ئىرادىسى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك ئىشەنچ ئاتا قىلدى.

                                                                                                                                                       (شيې لۇڭ فوتوسى)

«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

  .

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى