تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۇقۇم چېكىنمىسە، پىدائىيلار ئاپتوموبىل ئەترىتىمۇ تارقالمايدۇ


چىڭخې يولى مەھەللىسىنىڭ خالىسانە پىدائىيلار ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن بەلگىسى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز سۈن فاڭتىڭ، ۋاڭ جوۋ خەۋىرى، فوتوسى): 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃31 بولۇپ، ئازراق دىمىق ئىدى، ليۇ يادۇڭ شامال ئۆتمەيدىغان مۇداپىئە كىيىمى ۋە پەلىيىنى كىيىپ، ئاپتوموبىلنى دېزىنفېكسىيەلىگەندىن كېيىن، مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە تەۋەلىكىدىكى قايتا تەكشۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ئاغرىقنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.

  يۇقۇمنىڭ دەسلىپىدە، ليۇ يادۇڭ تۇرۇشلۇق جايدىكى چىڭخې يولى مەھەللىسىنىڭ چاقىرىقى بىلەن سايباغ رايونى پىڭدىڭشەن تەۋەلىك رايونى چىڭخې يولى مەھەللىسىنىڭ «خالىسانە پىدائىيلار ئاپتوموبىل ئەترىتى»گە ئەزا بولۇپ، باشقا 12 پىدائىي بىلەن بىرلىكتە، 24 سائەت مەخسۇس ھالدا داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق ئاھالىلەرگە قولايلىق ياراتتى.

ليۇ يادۇڭ مۇداپىئە پەلىيى كىيمەكتە.

  ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكى پىدائىيلار ئادەتتە ئۆيىدە تۇرىدۇ، ناۋادا ئېھتىياج بولسا، مەھەللە ۋېيشىن توپى ۋە تېلېفون قىلىش شەكلى ئارقىلىق پىدائىيلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. ليۇ يادۇڭنىڭ ۋېيشىنىدا، «چىڭخې يولى مەھەللىسى خالىسانە پىدائىيلار ئاپتوموبىل ئەترىتى» ۋېيشىن توپى بىردىنبىر چوققىلانغان ۋېيشىن توپى ئىدى.

  «كەچتە مەن <زاكاز>نى ئەڭ كۆپ ئالىمەن، مەن ئاپتوموبىل ئەترىتىدە ئەڭ ياش، باشقا پىدائىيلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئائىلە قۇرغان، مەن بىر ئادەم يالغۇز تۇرىمەن، كەچتە ئادەتتە ئەتىگەن سائەت ئۈچكىچە ساقلاپ، ۋېيشىن توپىدا ھېچقانداق ۋەزىپە بولمىغاندىلا ئاندىن ئۇخلايمەن.» دېدى ليۇ يادۇڭ.

  گەرچە ھەر قېتىملىق سەپەردە پەقەت ئولتۇراق رايون بىلەن دوختۇرخانا ئارىسىدا بېرىپ كېلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما دەسلەپتە ليۇ يادۇڭ يەنىلا ئازراق روھىي بېسىم ھېس قىلدى. ئۇ بارا-بارا بۇ خىل پىدائىيلىق مۇلازىمىتىگە ماسلىشىپ، ھەر كۈنى ئاپتوموبىلىنى دېزىنفېكسىيە قىلدى.

  8-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر سائەت 2:18دە، مەھەللە كادىرى چېن سىچاۋ ۋېيشىن توپىدا تېخى دەم ئالمىغان پىدائىينىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدى، ليۇ يادۇڭ تېزلىكتە ئىنكاس قايتۇردى ھەمدە مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ بىنادىن چۈشتى.

  «70 نەچچە ياشلىق بىر ياشانغان كىشى كەچتە يۇقىرى قان بېسىمى تۇيۇقسىز 220گە چىقىپ كەتكەنىدى، مەن ۋە مەھەللە كادىرى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش يولىدا، موماي پات-پاتلا ئاپتوموبىلنى توختىپ قۇستى، يەنە ئىككى قېتىم ئۇدۇللا ئاپتوموبىلغىلا قۇسۇۋەتتى، موماينىڭ بىئارام بولۇۋاتقان ھالىتىگە قاراپ، مەنمۇ بەك بىئارام بولغانىدىم.» ليۇ يادۇڭنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۇ دوختۇرخانىدا سەھەر سائەت ئۈچتىن سەھەر سائەت يەتتىگىچە ساقلاپ، تاكى موماينى داۋالاش ئاخىرلاشقاندىلا ئاندىن موماينى ئېلىپ قايتقان.

  «كېيىن ئائىلىنى ھۆددىگە ئالغان كادىرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق داۋالاش ئارقىلىق، موماينىڭ قان بېسىمى ئىزچىل تۇراقلىشىپتۇ، مەن كۆڭلۈمدە ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.» دېدى ليۇ يادۇڭ.

  ليۇ يادۇڭ بىلەن بىللە «خالىسانە پىدائىيلار ئاپتوموبىل ئەترىتى»گە كىرگەن پارتىيە ئەزاسى فەن شياۋچياڭ 2-ئايدا پىدائىيلار ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قاتناشقانىدى.

  «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا، بىز پارتىيە ئەزالىرى ئاممىغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىمىز كېرەك.» دېدى فەن شياۋچياڭ.

فەن شياۋچياڭ ئاپتوموبىل ئىچىنى دېزىنفېكسىيەلىمەكتە.

  56 ياشلىق جاڭ يىشىن فەن شياۋچياڭنىڭ ئاپتوموبىلىدا دوختۇرخانىغا خىمىيەلىك داۋالىنىشقا كېتىۋېتىپ تونۇشۇپ قالغان، كۈن ئارىلاپ دوختۇرخانىغا بېرىپ خىمىيەلىك داۋالاشقا قاتنىشىشى كېرەك بولغاچقا، يولدا فەن شياۋچياڭ ھەمىشە جاڭ يىشىن بىلەن پاراڭلىشىپپ، ئۇنىڭ جىددىي كەيپىياتىنى پەسەيتتى.

  8-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 19دا، فەن شياۋچياڭ جاڭ يىشىننى ئېلىپ ئولتۇراق رايونغا قايتىدۇ، ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندىن كېيىن، فەن شياۋچياڭ قائىدە بويىچە ئۇنى دېزىنفېكسىيە قىلدى، ئاندىن ئائىلىنى ھۆددىگە ئالغان كادىر ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى، ئەمما بۇ قېتىم جاڭ يىشىن بۇرۇلۇپلا فەن شياۋچياڭنى توختىتىۋالدى، فەن شياۋچياڭ نەملىشىپ كەتكەن كۆز توسقۇچتىن جاڭ يىشىننىڭ يىغلىغانلىقىنى كۆردى.

  «راستتىنلا سىزگە كۆپ رەھمەت، ھەر قېتىم سىز ئىزچىل دوختۇرخانا سىرتىدا مېنى ساقلاپ تۇرغاندا، كۆڭلۈم ئەمىن تېپىپ قالىدۇ.» جاڭ يىشىن ئۆكسۈپ يىغلاپ سۆزلىگەچكە، ياشلىرى ماسكىسىنى ھۆل قىلىۋەتكەنىدى. فەن شياۋچياڭمۇ تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ھېچقىسى يوق، پەقەت سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولسىلا، شۇ ھەممىدىن ئەلا.»

  ئەمەلىيەتتە، چىڭخې يولى مەھەللىسى «خالىسانە پىدائىيلار ئاپتوموبىل ئەترىتى»دىكى ھەربىر ئەترەت ئەزاسىنىڭ ئىللىق مۇلازىمەت قىلغانلىق ھېكايىسى بار، ئۇلار يۇقۇم چېكىنمىسە، خالىسانە پىدائىيلار ئەترىتىنىڭمۇ تارقالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سايباي رايونى پىڭدىڭشەن تەۋەلىك رايونى چىڭخې يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى گاۋ يىڭنىڭ دېيىشىچە، 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە، چىڭخې يولى مەھەللىسى «خالىسانە پىدائىيلار ئاپتوموبىل ئەترىتى» ئاھالىلەرنى جەمئىي 320 قېتىم ئاپىرىپ ئەكەلگەن بولۇپ، 1787 ئائىلىدىكى 5342 ئاھالىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، سايباغ رايونىدا بۇنداق پىدائىيلار ئاپتوموبىل ئەترىتىدىن جەمئىي 180ى بار ئىكەن، بۇ ئاپتوموبىل ئەترەتلىرى خادىملار ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ھەر قايسى ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتچى خادىملىرىنى ھەقسىز يول يۈرۈش، داۋالىنىش، ئاھالىلەرگە دورا بۇيۇملىرى، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى