تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8-ئاينىڭ 16-كۈنى شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى يېڭىدىن كۆپەيمىدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن بىرى يېڭىدىن كۆپەيدى

   ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى:​ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 8-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى نۆل، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى بىر بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 23، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار ئىككى بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە؛ خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقتىن ئادەتتىكى تىپلىققا ئۆزگەرگىنى ئىككى، ئېغىر ئاغرىقتىن ئادەتتىكى تىپلىققا ئۆزگەرگىنى ئۈچ.

  8-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 378 (خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىق مىسالى يەتتە، ئېغىر ئاغرىق مىسالى 23)ى بار بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاغرىق مىسالى؛ ھازىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 127سى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 126، سانجى ئوبلاستىدا بىر (ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن)؛ 9446 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت نۆلدىن 8-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 24كىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 448، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 110.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى