شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىپ ئوقۇشى ۋە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ئىچكىرى رايونغا بېرىپ داۋالىنىشى ئۈچۈن يېشىل يول ئاچتى، يۇقىرىقى خادىملار شىنجاڭ ساغلاملىق كودى (ئۈرۈمچى راۋان يۈرۈش كودىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) «يېشىل كودى» ۋە يېقىنقى يەتتە كۈن ئىچىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى (مەنپىي)نى ئېلىپ، تۇرۇشلۇق مەھەللىسىدە تەكشۈرتۈپ تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، يولغا چىقسا بولىدۇ.
يۇقىرىقى خادىملار مەھەللىلەردىكى ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار ئارقىلىق تۇرۇشلۇق مەھەللىسىگە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى سۇنسا بولىدۇ. مەھەللە ھەر كۈنى خادىملارنىڭ ئۇچۇرىنى ياخشى ئىستاتىستىكا قىلىدۇ، رايون(ناھىيە)لۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى جەملىگەندىن كېيىن، ۋاقتىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا يوللايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى ياكى ئىقتىدارى بار باشقا رايون(ناھىيە)لۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى ھەم تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، رايون(ناھىيە)نىڭ دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 24 سائەت ئىچىدە، كەسپىي دوختۇر - سېسترالارنى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئەۋرىشكە ئېلىشقا تەشكىللەيدۇ؛ تەكشۈرۈش تەرتىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، 24 سائەت ئىچىدە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى چىقىرىپ رايون(ناھىيە)لۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىغا تاپشۇرىدۇ، ئاندىن مەھەللە ئارقىلىق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىراجىتىنى ئۈرۈمچى شەھىرى مالىيەسى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئەگەر يۇقىرىقى خادىملاردا ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە نورمالسىزلىق بايقالمىغان بولسا، ئۇلار مەھەللە ئارقىلىق رايون(ناھىيە)لۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، رايون(ناھىيە)لۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەنلىك ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىدۇ ھەم تامغا بېسىپ بېرىدۇ. بۇ ئىسپات پەقەت يېقىنقى يەتتە كۈن ئىچىدىكى، ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى ئىچىدە ئىشلىتىلىدۇ. نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولغانلارنى رايون(ناھىيە)لۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى دەرھال ئالاقىدار تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
«يۇقىرىقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالاقىدار خادىملارنى تۇرۇشلۇق مەھەللىسى مەخسۇس ئادەم، مەخسۇس ئاپتوموبىل بىلەن نۇقتىدىن نۇقتىغا ئاپىرىپ - ئەكېلىپ، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغان يېشىل يولنىڭ بىخەتەر، تېز، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى ليۇ جۈن.