تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق ۋە تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى جەمئىي 500دىن ئاشتى

ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 41 ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق ۋە تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى جەمئىي 500دىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىكتە دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 41 ئاغرىق دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخاندىن چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 39، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاغرىق مىسالى بىر، بىڭتۇەندە بىر؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئۈچ يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى. ھازىرغىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 425، تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 108، جەمئىي 533.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا بىرلەشمە داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لېي ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 500دىن ئاشتى. دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلارنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھەربىر ئېغىز رەھمىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىگە بولغان مىننەتدارلىقى، ھەمدە دوختۇر - سېسترالارنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، كۆڭۈل قويۇپ قۇتقۇزۇپ، داۋالاپ، ئاغرىقلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە، كۆيۈنگەنلىكىگە بولغان رەھمەت ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. بۇ ئىللىق سۆزلەر بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق دوختۇر - سېسترالارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى، بىز قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى سىجىل كۆڭۈل قويۇپ، كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، كىرىچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى