تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى 50 يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش «جەڭچى»سى پارتىيەگە كىردى

8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 1 - بىنا 5 - ئاغرىقلار رايونىدا، دوختۇر پېڭ جېن (ئوڭدىن 2 - كىشى) ۋە سېسترا گو يۈتىڭ سىنلىق ئالاقىلىشىش ئارقىلىق پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بەرمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: «مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىمەن...» 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 12دە، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان 50 يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش «جەڭچى»سى ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا، پارتىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ ئوڭ مۇشتىنى كۆتۈرۈپ تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ، شەرەپ بىلەن پارتىيەگە كىردى.

كۆز ئالدىدا قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى، ئۇچىسىدا قېلىن مۇداپىئە كىيىمى. «90 - يىللاردا» تۇغۇلغان سېسترا گو يۈتىڭ 1 - بىنا 5 - ئاغرىقلار رايونىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتاتتى، ئۇ ئاغرىقلار رايونىدا: «يۇقۇم ئاخىرلاشمىسا، مەن چېكىنمەيمەن، يۇقۇمغا قارشى جەڭدە غەلىبە قىلمىغۇچە جەڭدىن قايتمايمەن» دەپ قەسەم بەردى. گو يۈتىڭ ئالدىنقى قېتىم شىنجاڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ئىدى، ئۈرۈمچىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە بىر قېتىم ھېچنېمىگە پىسەنت قىلماي، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، ئاغرىقلارنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىدى.

«يۇقۇم ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر بولغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش دەل كوممۇنىستلارنىڭ شەخسىيەتسىزلىكى ۋە قورقماسلىقىنىڭ ئىپادىسى.» ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىسى ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى يۈ ئەيپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ 50 يولداش دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى ئىپادىسى گەۋدىلىك بولدى ھەم پارتىيە تەشكىلاتىغا ئاكتىپ يېقىنلاشتى، دوختۇرخانا ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتى يىغىنىدا تەتقىق قىلىش ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا يوللاپ تەستىقلىتىش ئارقىلىق، بۇ 50 يولداشنى كاندىدات پارتىيە ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىش قارار قىلىندى.

ئۈرۈمچىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 33 داۋالاش ئەترىتى، 2023 كىشىنى توپلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنى قۇرۇپ، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى مەركەزلىك قوبۇل قىلىپ داۋالاپ، داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بېكىتىلگەن دوختۇرخانا كىلىنىكا، تېببىي تېخنىكا ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىدىن 26نى، مەمۇرىيەت ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىدىن يەتتىنى، داۋالاش خادىملىرى تۇرۇشلۇق جاي مېھمانخانا مۇلازىمەت كاپالىتى ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىدىن 18نى قۇردى ھەم پارتىيە گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى.

بېكىتىلگەن دوختۇرخانا 4 - بىنا 12 - ئاغرىقلار رايونىدىكى كاندىدات مۇدىر ۋىراچ لو شياۋمېي مۇنداق دېدى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم − شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم، بۇ مېنىڭ غايە - ئېتىقادىمنى تېخىمۇ چىڭىتتى. مەن بۇنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىپ، ھاياتلىقنى قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە تەشكىلاتىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمەن.

«يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە پارتىيەگە كىرىشىم تەستىقلاندى، ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىۋاتىمەن.» قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسىدىن بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالاش - قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىۋاتقان ICU سېستراسى گۈلىستان ئەمەتجان مۇنداق دېدى: ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەل ئالۋاستىسىغا قارشى كۈرەش قىلىمىز، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز بار.

«يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپى كوممۇنىستلارنى سىنايدىغان بىلەي تاش، سىنتاش، چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا ئاندىن ئىستىلنى سىنىغىلى، ئىستىلنى تاۋلىغىلى، ئىستىلنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى تېخىمۇ كۆپ خادىملارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا ئاكتىپ يېقىنلىشىپ، كەڭ ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە باشتىن - ئاخىر ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى يۈ ئەيپىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ