تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىمىز

ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى:

قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى يۈ شى، سۇ لۇپىڭ، ۋېي خۇڭپىڭ، جاۋ يۆ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەممە ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.

ھازىر يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى ئۆيىدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىش ئىشەنچىنى ئاجىزلاشتۇرماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ ۋە ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ قەتئىي غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ.

ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ بەك تەسىرلەندۇق

«بىز ئۆيدە ئارام ئېلىۋاتىمىز، مەھەللە خىزمەتچىلىرى پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي بىزگە مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، تەرگە چۆمۈلۈپ نەرسە - كېرەك ئەكېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، تېمپېراتۇرا ئۆلچەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، قانداقمۇ تەسىرلەنمەي تۇرالايمىز؟» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى لۇڭشېڭ كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لۇڭشېڭ كوچىسى شىمالىي مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ما چىڭ 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى.

ئۆيدە تۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە، تۇرمۇش كاپالىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەر كۈنى بىنا ۋىيشىن توپىدا مال سېتىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلسىلا، ما چىڭ دەرھال زاكاز قىلىپ، ئېسىگە كەلگەنلىكى نەرسىنى سېتىۋالغانىدى.

ما چىڭ مۇنداق دېدى: كېيىن مەھەللىدىكى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ۋە تاللا بازارلىرىدا تاۋارلارنىڭ موللۇقى، مەھەللە پىدائىيلىرى ئارقىلىق سېتىۋېلىشنىڭ ئىنتايىن قولايلىق ئىكەنلىكى، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسەن ئۆيىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى بويىچە زاكاز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

مەھەللە ھەممىلا ئىشتا ئاھالىلەرنىڭ غېمىنى يېدى، ئاھالىلەر بۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بەك تەسىرلەندى، شۇنداقلا ئەمەلىيىتىدە مەھەللە خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوللىدى، ھەمكارلاشتى. ئۆيدە تۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە، مەھەللە ۋىيشىن توپىدا ئۆيدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ نوپۇس ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلىشىنى ئۇقتۇرغاندا، ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرغانلار كۆپ بولمىدى؛ ھازىر، مەھەللە ئۇقتۇرۇش قىلسىلا، ئاھالىلەر ھەمىشە شۇ ھامان جاۋاب قايتۇرىدۇ. بولۇپمۇ ھەر كۈنى تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ۋاقتى بولغاندا، ئاھالىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىكى تۈۋىدە ساقلاپ تۇرىدۇ، مەھەللە كادىرلىرى ۋە پىدائىيلار كېلىشى بىلەنلا، ئاھالىلەر دەرھال ئىشىكىنى ئېچىپ تېزدىن ئۆلچىتىدۇ.

«ھەربىرىمىز مەھەللە خىزمىتىگە ئاكتىپ ھەمكارلاشساق، مەھەللە خىزمەتچىلىرى خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرەلەيدۇ، شۇنداقلا ۋاقىت چىقىرىپ ئارام ئالالايدۇ. كۆپچىلىك پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىسا، بىز يۇقۇم ئۈستىدىن تېخىمۇ تېز غەلىبە قىلالايمىز.» ما چىڭ مۇنداق دېدى: كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر، ئاھالىلەر ھازىر ئاكتىپ، ئۈمىدۋار پوزىتسىيە بىلەن ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، بىرلىكتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ.

كەسپىي جەھەتتىن بېسىمنى يېنىكلىتىپ، ئىشەنچ تارقاتتى

8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ناشتىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ياڭزىجياڭ يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى چىڭسۇڭيۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى چېن خۇي يان تېلېفونىدا ساقلىۋالغان مۇزىكىنى قويۇپ، بېسىمنى ئازايتىش گىمناستىكىسى ئوينىدى. «بۇنى بىزگە روشەن مۇئەللىم ئۆگەتكەن. ئىزچىل ئۆيدە تۇرۇۋەرسە ئادەمنىڭ ئىچى تىتىلداپ كېتىدىكەن، گىمناستىكا ئوينىسا قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، كەيپىياتمۇ خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالىدىكەن».

ئاھالىلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ئۆيدە ئولتۇرۇشتىن پەيدا بولغان پاسسىپ كەيپىياتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ كەسپىي زاتلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قاتنىشىپ، تور ئارقىلىق ئۈمىدۋار ياشايدىغان تۇرمۇش پوزىتسىيەسىنى تارقاتتى.

چېن خۇي تىلغا ئالغان «روشەن مۇئەللىم»نىڭ ئىسمى روشەنگۈل مەمەت بولۇپ، 2 - دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملىتىپ مەھەللىدە پىدائىي بولدى. ئاھالىلەرنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەپ، بېسىمنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، روشەنگۈل ئۇسسۇل ئويناپ بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى خاراكتېرىدىكى بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دەرسلىكىنى تۈزدى ھەمدە ۋىيشىن سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق، ئاھالىلەرنى يۇقۇم مەزگىلىدە ئائىلە تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا يېتەكلىدى.

ھەربىر سائەتلىك مىكرو دەرس ئاران 40 مىنۇتلا بولسىمۇ، ئاھالىلەر كۆپ نەپكە ئېرىشتى. ھەرىكەت ئىشلەش، توغرا يۆنىلىشتە يېتەكلەش، كىتاب ئوقۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۇسسۇل ئويناپ بېسىمنى يېنىكلىتىش ئارقىلىق ئاھالىلەر بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىپلا قالماي، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىمۇ ئازادىلىككە ئېرىشتى. «مېنىڭ كەسپىي بىلىمىمنىڭ كۆپچىلىككە تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ئېلىپ كېلىشىنى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى روشەنگۈل.

ھەممە ئادەم كۈچ قوشۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلىدى

«دادا، بۇ كۈنلەردە نەدە تۇرۇۋاتىسىز؟» «قاراڭ، بىزنىڭ پىدائىيلار <قوماندانلىق باش ئىشتابى>مىزنى كۆرۈپ بېقىڭ!» 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، پىدائىي خې جىجيې قىزى بىلەن سىنلىق سۆزلەشتى.

خې جىجيې ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) نېفىت يېڭى كەنتى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى خۇڭمياۋ مەھەللىسى پىدائىيلار كوللېكتىپىنىڭ يېتەكچىسى. ئۇنىڭ قىزىغا «ئېكسكۇرسىيە» قىلدۇرغىنى ئۆزى پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىۋاتقان ئولتۇراق رايون دەرۋازىسىدىكى قاراۋۇلخانا ئىدى.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، خې جىجيې تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىپ مەھەللىگە ھەمكارلىشىپ، 200 نەچچە كىشىلىك پىدائىيلار كوللېكتىپى تەشكىللىدى. «يىل بېشىدىكى يۇقۇم مەزگىلىدە، بىز مەھەللىدە 30 نەچچە كىشىلىك پىدائىيلار كوللېكتىپى تەشكىللەپ، بەلگىلىك تەجرىبە توپلىغانىدۇق. بۇ قېتىم قوبۇل قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىلىشى بىلەن، نۇرغۇن ئاھالە ئاكتىپ تىزىملاتتى. ھازىر مەھەللىدە جەمئىي 240 پىدائىي بار، ئايرىم - ئايرىم تۆت ئولتۇراق رايوندا ئاھالىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ» دېدى خې جىجيې.

«خۇڭمياۋ مەھەللىسىدە 2900 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئاھالە بار، پىدائىيلار كوللېكتىپىنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشى بولغاچقا، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى ۋە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى» دېدى خۇڭمياۋ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چياۋ ۋەنخۇڭ.

«ھەربىرىمىز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئازراق كۈچ چىقارساق، يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلالايمىز» دېدى خې جىجيې.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى