تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆلچەش ئىنتايىن زۆرۈر

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: ھازىر مەھەللىلەر ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆلچەيدۇ، بۇنداق قىلىش زۆرۈرمۇ؟ 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن گوشىن مۇنداق تونۇشتۇردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئادەم بەدىنىدە كۆرۈلىدىغان مۇھىم ئىپادە سىجىل قىزىش ھەم يۆتىلىش، دېمى سىقىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىشتۇر، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى بايقاشتىكى ئەڭ ئاددىي بىۋاسىتە بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ناھايىتى زۆرۈر.

مېدىتسىنادا ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە 36.5 سېلسىيە گىرادۇستىن 37.2 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ، لېكىن ھەربىر ئادەمنىڭ ئاساسىي بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش بولمايدۇ، نورمال ئادەمنىڭ ئوخشاش بىر كۈن ئىچىدە چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىنكى بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىمۇ پەرق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەربىر ئادەمنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا بولغان سەزگۈرلۈك دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلەرنىڭ چىدامچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك، بەزىلەرنىڭ بىرقەدەر ئاجىز بولىدۇ. ئەگەر كۈندە پەقەت بىر قېتىملا تېمپېراتۇرا ئۆلچىگەندە، ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا توغرا ئىگىلىگىلى بولمايدۇ.

مېدىتسىنادا 37.3 سېلسىيە گىرادۇس ئادەم بەدىنىنىڭ قىزىشىدىكى كىرىتىك چەك دەپ قارىلىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 37.3 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەندە بىنورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسى ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ ئاساستا، قىزىش يەنە تېمپېراتۇرا ئارىلىقىغا ئاساسەن تۆۋەن قىزىتما، ئوتتۇرا ھال قىزىتما، يۇقىرى قىزىتما، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى قىزىتما دەپ تۆت تۈرگە ئايرىلىدۇ، شۇڭا، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆلچىگەندە ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ھەقىقىي كۆزىتىپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللەر ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، ئادەتتىكى زۇكام، ئادەتتىكى باكتېرىيەلىك ئۆپكە ياللۇغى، ئۈچەي يولى يۇقۇملىنىش قاتارلىق كېسەللەرمۇ قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇدا، كۆپ قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاندىن بەدەن تېمپېراتۇرىسى بىنورمال ئاھالىلەرنى ۋاقتىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرگىلى ۋە دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ.

مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار ئۆيىگە بېرىپ ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەندە، ماسكا تاقىشى، مۇداپىئە كىيىمى كىيىشى ھەم دېزىنفېكسىيەلەش پۈركۈمىسى ئېلىپ، ئاھالىلەر بىلەن بىر مېتىر ئارىلىق ساقلاپ، تېگىشمەيدىغان تېرمومېتىر ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىشى كېرەك. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ بولۇپ، ئاھالىلەر ئىشىكنى تاقىغاندىن كېيىن، تېگىشمەيدىغان تېرمومېتىرنى دېزىنفېكسىيە قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەر يۈزىنى دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن، كېينىكى بىر ئائىلىدىكىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ئەڭ زور چەكتە ساقلىنىشى كېرەك.

«شەھەر ئاھالىلىرى بەدەن تېمپېراتۇرىسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن ھامان مەھەللىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك، بىز ئىلمىي پەرقلەندۈرۈپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ۋېن گوشىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى