تىياشان تورى خەۋىرى (ليۇ مېڭمېڭ، لۈ يىخەن خەۋىرى، فوتوسى): يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىسىدا كېچىلەپ كۈرەش قىلىۋاتقان تېببىي خادىملارنى ئەلا سۈپەتلىك ئارقا سەپ كاپالىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش تېببىي خادىملار مەركەزلىك تۇرۇشلۇق بۇ جايدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ چوڭ ئىشى بولۇپ قالدى. 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ كادىرلار شۆيۈەنى (تەشكىلات خىزمىتى بىناسى)گە كىرگەندە، بىر مۇلازىمەت «پورتى» — ئوزۇقلۇقى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلغان، تۈرى، تەمى مول يېمەكلىك، پاكىز، جىمجىت ئۆي، تولۇق تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى كۆردى... بۇلارنىڭ ئارقىسىدا بىر تۈركۈم كەسپىي ۋە قىزغىن كىشىلەر ئالدىراشچىلىقتا ئىدى.
8-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر تېببىي خادىملار مەركەزلىك تۇرۇشلۇق جايدا، ئاشپەز دوختۇر-سېسترالار ئۈچۈن كەچلىك تاماق تەييارلىماقتا. (سۈرەتنى خىزمەتچى خادىم تەمىنلىگەن)
ئاشپەزلەر باشلىقى ليۇ چۇنبو
دوختۇر-سېسترالار ئۈچۈن ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
بۇ تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاشخانىدا ئاشپەزلەر باشلىقى ليۇ چۇنبو بىر تەرەپتىن ئوچاق بېشىدا تۇرۇپ چوڭ قازاندىكى قورۇما چۆپنى قورۇغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن تاماق قاچىلايدىغان ئۇستاملارغا بۆلۈپ قاچىلاشقا تەييارلىنىشنى تاپىلىدى.
«دوختۇر-سېسترالار نۆۋەتلىشىپ بەن ئالمىشىدۇ، بەزىدە ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن ئاشقاندىلا كېتىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ مېڭىشتىن بۇرۇن ئەتىگەنلىك تاماق يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەتىگەنلىك ئىسمېنىدىكى خىزمەتداشلىرىمىز سەھەر سائەت 3تىن باشلاپ تەييارلىق قىلىدۇ، دوختۇر-سېسترالار ئۇماچ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىز كۈچىمىزنىڭ بېرىچە ئۇلارنى ناشتىدا ئۇماچ ئىچكۈزىمىز. مەن ئۇماچ ئەتكەندە ئادەتتە ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلسام، ئاندىن تەمى ياخشى بولىدۇ.» ليۇ چۇنبونىڭ ئېيتىشىچە، دوختۇر سېستىرالارنىڭ ياخشى غىزالىنىشى ئۈچۈن، ئۇ بىر ھەپتە بۇرۇن قورۇما تىزىملىكىنى تەييارلاپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئالىدىكەن.
ليۇ چۇنبو ۋە ئۇستاملارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى دوختۇر-سېسترالار يېمەكلىك ئارقىلىق ھېس قىلدى. «ئاشخانا ئەكەپ بەرگەن جۇۋاۋىدا ئۆينىڭ تەمى بار، ئاڭلىشىمچە ئاشخانىدىكى 20 نەچچە كىشى جەمئىي 6000 دانىدىن ئارتۇق تۈگكەنىكەن، بۇنىڭدىن بەك تەسىرلەندۇق.» مۇخبىر بىلەن سىنلىق كۆرۈشكەندە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا 1-بىنا 1-ئاغرىقلار رايونىنىڭ سېسترالار باشلىقى لى پىڭ شۇنداق دېدى.
8-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر تېببىي خادىملار مەركەزلىك تۇرۇشلۇق جايدا، ئاشپەز دوختۇر-سېسترالار ئۈچۈن جۇۋاۋا پىشۇرماقتا. (سۈرەتنى خىزمەتچى خادىم تەمىنلىگەن)
ليۇ چۇنبو مۇنداق دېدى: بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پىچەتلەنگەن قاچىلىق تاماقنى تاماق يەتكۈزگۈچى خادىم بىر-بىرلەپ دوختۇر-سېسترالارنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى تاماق ئۈستىلىگە قويۇپ قويىدۇ، ئۇچراشماي تەقسىملەپ يەتكۈزۈلىدۇ.
ياتاق مۇلازىمىتى ما چيۇشيا
تازىلىق سوۋغا بولىقى تارقاتتى
يوتقان كىرلىكلىرىنى ئالماشتۇرۇش، لازىمەتلىكلەرنى سەپلەش، ئىچىملىك سۇ، تازىلىق قىلىش... 48 ياشلىق ما چيۇشيا ئۇچىسىغا مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، ماسكا تاقاپ، ئۆيدە ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.
ما چيۇشيا تۇرۇشلۇق جاينىڭ 4-قەۋىتىدىكى ياتاق مۇلازىمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، بۇ قەۋەتتە 26 دوختۇر-سېسترا تۇرىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى تولۇق تەييارلىق بىلەن ئاممىۋى رايونلارنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرىدۇ، ئىشىك تۇتقۇچى، لىفىت كۇنۇپكىلىرىنى ئىسپىرت بىلەن سۈرتىدۇ، ياتاق ۋە كارىدوردىكى ئەخلەت ساندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەمدە دېزىنفېكسىيەلەيدۇ.
«ما ھەدە بەك ئەستايىدىل، مېنى ھەممىدىن بەك تەسىرلەندۈرگىنى مەن تۇرۇشلۇق جايغا كېلىشتىن بۇرۇن ئالدىراشچىلىقتا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىۋالماپتىكەنمەن، ياتاققا كىرىپ تۇرۇشۇمغا ئۇ ماڭا بىر تازىلىق بۇيۇملىرى بولىقى ئەكىلىپ بەردى، ئۇنىڭ ئىچىدە چىش پاستىسى، چىش چوتكىسى، كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، يەنە تېرمومېتىر بار ئىكەن.» سېسترا شۈ چيەننىڭ ئېيتىشىچە، ما چيۇشيا يەنە ھەربىر ياتاققا بىردىن داس قويۇپ قويغان بولۇپ، ئىچىدە دېزىنفېكسىيە دورىسى ۋە دەسمال بار بولۇپ، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ھەر ۋاقىت ئىشلىتىشىگە قولايلىق ئىكەن.
«بىز كاپالەت ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال رايون بويىچە ئولتۇراقلىشىش، كارىدور ئايرىپ چىقىش، بىر ئادەمنى بىر قېتىم تەكشۈرۈش، بىر قەدەمدە بىر دېزىنفېكسىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ياتاقنى يۇقۇمغا قارشى جەڭگە قاتناشقان دوختۇر-سېسترالارنىڭ تۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەندىزە بويىچە ئۆزگەرتىپ، دوختۇر-سېسترالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدۇق.» ياتاق دىرېكتورى ئەن گوخۇا شۇنداق دېدى.
داۋالاش ئەترىتىدىكى شۈ چاۋ
داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش
«نۇرغۇن دوختۇر-سېسترالار كۈندە كۆپ قېتىم دېزىنفېكسىيەلىنىدۇ، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن پات-پات ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە رېئاكسىيە خاراكتېرلىك ئەسۋە پەيدا بولدى، كۆز ئاسراش ئەينىكىنىمۇ قايتا-قايتا دېزىنفېكسىيەلەيدۇ، ئۇنىڭدىكى قالدۇق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بەزىدە ئۇلارنىڭ كۆزىنى غىدىقلايدۇ، بىز بۇنى مۇلازىمەت كاپالەت گۇرۇپپىسىغا ئىنكاس قىلدۇق، ئۇلار ناھايىتى تېزلا كۆزگە تېمىتىدىغان دورا ۋە ئەسۋەنى داۋالايدىغان دورىلارنى سېتىۋالدى.» ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا 1-بىنا 1-ئاغرىقلار رايونىنىڭ مۇدىرى شۈ چاۋ مۇنداق دېدى: دوختۇر-سېسترالار ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۇرۇشلۇق جاي 13 ئەزاسى بولغان ۋاقىتلىق داۋالاش ئەترىتى تەشكىللەپ، جىددىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش دورا ساندۇقى سەپلەپ، مەسىلە كۆرۈلسە ھەر ۋاقىت داۋالاپ-قۇتقۇزدى.
«بىز ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئۆز بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئەھۋالىنى توپلايمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى بار يولداشلارغا داۋالاش كاپالەت گۇرۇپپىسى نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈپ، قەرەللىك يوقلاپ، دوختۇر-سېسترالارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىپ تەكشۈرىمىز.» تۇرۇشلۇق جاينىڭ مۇلازىمەت كاپالەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى جوۋ گوشى شۇنداق دېدى.
8-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى سەي جۆجىننىڭ تۇغۇلغان كۈنى. «ئۇ كۈنى مەن تۇرۇشلۇق جايغا قايتىپ كېلىپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ تورتنى تۇتقىنىچە ئالدىمدا پەيدا بولۇپ، تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە، ئۇ مەنزىرىنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇمايمەن.» سەي جۆجىن شۇنداق دېدى.
8-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر تېببىي خادىملار مەركەزلىك تۇرۇشلۇق جايدا، ئاشپەز دوختۇر-سېسترالار ئۈچۈن كەچلىك تاماق تەييارلىماقتا. (سۈرەتنى خىزمەتچى خادىم تەمىنلىگەن)
ئىگىلىنىشىچە، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىگە ئاتلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 18 مېھمانخانا بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ مەركەزلىك تۇرۇشلۇق جايىغا ئايلانغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 51 مەخسۇس خىزمەتچى خادىمدىن تەشكىللەنگەن تۇرۇشلۇق مېھمانخانا مۇلازىمەت كاپالىتى گۇرۇپپىسى تاماق بىلەن تەمىنلەش ۋە ياتاق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ ساغلام، بىخەتەر ھالدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.