تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 8-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى تۆت، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى بەش بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 41 (بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 39، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇم بىلەن چېتىشلىق ئاغرىق مىسالى بىر، بىڭتۇەندە بىر)؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار ئۈچ بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە؛ خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقتىن ئادەتتىكى تىپقا ئۆزگەرگىنى ئۈچ.
8-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 401 (خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىق مىسالى 9، ئېغىر ئاغرىق مىسالى 25)ى بار بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە؛ ھازىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 128ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 127، سانجى ئوبلاستىدا بىر (ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن)؛ 10 مىڭ 450 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت نۆلدىن 8-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 24كىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 425، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 108.