تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى: پىدائىيلارنى ھاقارەتلىگەنلەر، ئۇرغانلار قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ھەمدە ئاشكارىلىنىدۇ

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 29-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، كەڭ پىدائىيلارنىڭ مۇلازىمەت قىزغىنلىقىنى قوغداش ۋە قوزغاش ئۈچۈن، پىدائىيلارغا بولغان غەمخورلۇق، قوغداش كۈچەيتىلىپ، پىدائىيلارنى ھاقارەتلەش، ئۇرۇش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ۋەقەلەر قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ھەمدە ئاشكارىلىنىدۇ.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى پىدائىيلارنىڭ مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى بىر تۇتاش شۇ جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خادىملىرىنىڭ ماددىي ئەشيا كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. پىدائىيلارنى ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى، دېزىنفېكسىيە دورىسى قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ، پىدائىيلارنىڭ غىزالىنىش، نۆۋەتچىلىك قىلىش، قاتناش قاتارلىق ئارقا سەپ كاپالەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

  شۇنداقلا، پىدائىيلارنى كۈندىلىك باشقۇرۇشمۇ كۈچەيتىلىدۇ، پىدائىيلارنىڭ مەھەللە (كەنت)نىڭ باشقۇرۇشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنىشى، ئىش ئورنىدىكى مەزگىلدە تەلەپ بويىچە بىردەك پىدائىيلار بەلگىسى تاقىشى، كۈندىلىك ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ كىرىش-چىقىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە خىلاپلىق قىلغان، تەلەپچانلىق ئېڭى ناچار، ھەرىكىتى مۇۋاپىق بولمىغان پىدائىيلارنىڭ پىدائىيلىق سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ