تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش كۈچى يەنىمۇ كۈچەيدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئېغىر تىپلىق، خەتەرلىك ئېغىر تىپلىق ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېقىندا دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى دۇڭنەن داشۆ قارىمىقىدىكى جۇڭدا دوختۇرخانىسى، سىچۇەن داشۆ خۇاشى دوختۇرخانىسى، بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى، سۇبېي خەلق دوختۇرخانىسى، خاربىن تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا، جۇڭشەن داشۆ قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىدىن ئىبارەت ئالتە دوختۇرخانىدىن ئېغىر كېسەللەر مېدىتسىناسى بۆلۈمىدىن 18 نەپەر دوختۇر ۋە سېسترانى ئاجرىتىپ، دۆلەت ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بەردى.

8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشىغا قاتناشقاندىن كېيىن، دۆلەت ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كېسەل رايونىغا كىرىپ خىزمەتنى باشلىدى.

«گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ تەلىپى بويىچە، بۇ نۆۋەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش جەريانىدا، بىزنىڭ نۇقتىلىق خىزمىتىمىز كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يېنىك تىپلىق ۋە ئادەتتىكى تىپلىق ئاغرىقلارنىڭ ئېغىر تىپلىققا ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئېغىر تىپلىق ۋە خەتەرلىك ئېغىر تىپلىق ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش.» بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لۇ چېن مۇنداق تونۇشتۇردى: بېكىتىلگەن دوختۇرخانا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئېغىر كېسەللەر مېدىتسىناسى بويىچە سەرخىل قوشۇننى توپلاپ بىرىكتۈرۈپ، ICU كېسەل رايونى تەشكىللەپ قۇرۇپ، 76 دوختۇر، 330 پەرۋىش خادىمى سەپلىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىمۇ بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا CRRT ،ECMO نەپەسلىنىش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم بولغان ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى كۈچلۈك سەپلەپ بېرىپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى.

نۆۋەتتە، دۆلەت ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى دوختۇر، سېسترالارنى گۇرۇپپىغا ئايرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ICU كېسەل رايونىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋە مۇئاۋىن سېسترالار باشلىقىلىق ۋەزىپىىسنى ئۈستىگە ئېلىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەملەشمەكتە. لۇ چېن مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلەت ئېغىر كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش كۈچى ھەمدە دۆلەت ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ئەترىتىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، بىز ئېغىر تىپلىق، خەتەرلىك ئېغىر تىپلىق ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، بۇ بىر قىسىم ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرىمىز.

لۇ چېن مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، بېكىتىلگەن دوختۇرخانا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئېغىر تىپلىق، خەتەرلىك ئېغىر تىپلىق ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مۇھىم نۇقتا قىلدى، دۆلەت ئېغىر كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ھەر كۈنى كېسەل رايونىغا كىرىپ ياتاق تەكشۈرۈپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىگە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ئۇنى تەڭشىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەت بىلەن ئېغىر كېسەللىكلەر دوختۇر - سېسترالىرىنى تەربىيەلەپ، ئېغىر تىپلىق، خەتەرلىك ئېغىر تىپلىق ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. يۇقىرى سەۋىيەلىك كوللېكتىپنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىشى، كۆپ پەن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشى بولغاچقا، بىز دۆلەتنىڭ 7 - نۇسخىدىكى دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بىرخىللاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالىدۇق. ئېغىر ئاغرىقلارغا قارىتا بىر ئادەمگە بىر تەدبىر قوللاندۇق. 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت نۆلدىن 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سائەت 24 كىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئېغىر تىپلىق 38 ئاغرىق ئادەتتىكى تىپلىققا ئۆزگەردى، خەتەرلىك ئېغىر تىپلىق ئىككى ئاغرىق ئادەتتىكى تىپلىققا ئۆزگەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى