تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بەزى ئاغرىق مىساللىرى نېمە ئۈچۈن 3- قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە ئاندىن مۇسبەت چىقىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا بەزى ئاغرىق مىساللىرىنىڭ ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقىپ، 3 - قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئاندىن مۇسبەت چىققان ھەم ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى دەپ بېكىتىلگەن. 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن گوشىن بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەردى.

ۋېن گوشىن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن، بۇ خىل ئەھۋال بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇمنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى تېز بولۇپ، تۇنجى 14 كۈن ئىچىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بىرقەدەر تېز كۆپەيدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېنىك ئاغرىقلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپ، قىسمەن ئاغرىقلارنىڭ زەھەر تازىلىشى بىرقەدەر كېيىن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە تېخىمۇ زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى. «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئادەتتە ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولىدۇ، بۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا كېسىلى قوزغىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ئۈچ كۈندىن ئاز بولىدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ يەتتە كۈندىن كۆپ بولىدۇ، لېكىن ئاساسىي جەھەتتىن 14 كۈن يوشۇرۇن مەزگىلى ئىچىدە بولىدۇ، قايتا - قايتا تەكشۈرگەندە ئاندىن بايقىغىلى بولىدۇ» دېدى ۋېن گوشىن.

يەنە بىر تەرەپتىن، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى كۆپ خىل ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقسا، ئەۋرىشكە ئېلىنغان ئورۇندا ۋىرۇس نوكلېئىك كىسلاتاسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، يۇقۇملانغان ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇدا ئىككى قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مەنپىي چىقىشى ئاساسلىقى ئىككى سەۋەبتىن بولغان. بىرىنچى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ۋىرۇس ئاساسلىقى ئۆپكىدە بولۇپ، پەيدا قىلغان ياللۇغ ئۆپكە ھاۋا يولىنى توسۇۋالغانلىقتىن، ۋىرۇسنى چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، بۇرۇن - يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى ۋىرۇس ناھايىتى ئاز بولۇپ، ۋىرۇستىن ئەۋرىشكە ئېلىش تەسكە توختايدۇ. ئىككىنچى، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىش ۋە ئەۋرىشكە ئېلىش پەيتى مەسىلىسى بولۇپ، ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئىلگىرىلىشىنىڭ تېز - ئاستىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەۋرىشكە ئېلىش پەيتى ۋە ۋاقىت ئارىلىقىمۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ساختا مەنپىينى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىمۇ ئەۋرىشكە ئېلىش مەشغۇلات سەۋىيەسى، ئەۋرىشكە سىناق دورىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 7 - نۇسخىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»گە ئاساسەن، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى چۈشەندۈرۈشتە، تەجرىبىخانىنىڭ نەتىجىسىگىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ، چوقۇم تارقىلىشچان كېسەللىك تارىخى ۋە كىلىنىكىلىق ئىپادىسى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىش كېرەك. ئەگەر ئېنىق تارقىلىشچان كېسەللىك ئاشكارىلىنىش تارىخى بولسا، ھەم كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر بولسا، بىر قېتىملىق ياكى ئىككى قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە مەنپىي چىقسا، يۇقۇملانمىغان دەپ ئاددىيلا ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ، ساختا مەنپىي بولۇشى مۇمكىن، تەكرار ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى تارقالغان يۇقىرى خەتەرلىك رايونلارغا بارمىغان، يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى بولمىغان بولسا ھەمدە قىزىش، گال ئاغرىش قاتارلىق كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەت ئىپادىلىرى كۆرۈلمىسە، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقسا، ساختا مەنپىي بولۇشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى