تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى

يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر راخمانجان داۋۇت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى شارائىتىدا، شىنجاڭ مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خىزمەت شەكلى، ئۇسۇلىنى تەڭشەپ، توردا مۇلازىمەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، تېز ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۈچ قوشتى.

شىنجاڭ خىزمەت ئىزدەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان تىزىملاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئىسىم ئۇچۇر سىستېمىسى» ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئىسىم ئۇچۇرىنى ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى بويىچە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەرگە يوللايدۇ. ھەرقايسى جايلار «تۇنجى بېكەت تىزىمغا ئالدۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى»نى يولغا قويۇپ، مەھەللە، كەنتنى بىرلىك قىلىپ، تېلېفون، ۋېيشىن، قىسقا ئۇچۇر، QQ قاتارلىقلار ئارقىلىق، تەۋەلىك رايونىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق قاپلىغان ھالدا بىرمۇبىر ئالاقىلىشىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش ئارزۇسىنى نۇقتىلىق ئېنىقلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلار نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ياكى دائىمىي تۇرۇشلۇق جايدا «شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى» ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى، «شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت 12333»، «شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى تورى» قاتارلىق مۇلازىمەت سۇپىلىرى ئارقىلىق، توردا ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرسا، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ خىزمەت ئىزدەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى تىزىملىتالايدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا 121 مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىنى ئېچىپ، خىزمەت ئىزدەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدىكەن، سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىدىكەن، ئىش ئورنىنى كۆرسىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 80 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

(مۇخبىر جياڭ فۇئېر)

گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى