تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆلچەشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى: ناھايىتى زۆرۈر

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يى تۇڭيۈەن، جانات تولقىن) ھازىر مەھەللە تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆلچەيدۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ 8-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 29-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن گوشىن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ۋېن گوشىن مۇنداق دېدى: بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈشتىكى ئاساسلىق ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى. ئادەم بەدىنىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى مۇھىم ئىپادىسى سىجىل قىزىش ھەم يۆتىلىش، كۆكرەك سىقىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. گەرچە قىزىش يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى بولمىسىمۇ، لېكىن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش يەنىلا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى بايقاشتىكى ئەڭ ئاددىي بىۋاسىتە بىر خىل ئۇسۇل. شۇڭا ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم  ئۆلچەش ناھايىتى زۆرۈر.

  ۋېن گوشىن نېمە ئۈچۈن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۈچ قېتىم ئۆلچەيدىغانلىقىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۈردى، ئۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئويلاشتۇق دېدى:

  بىرىنچىدىن، ئادەمنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئېنىقسىز بولىدۇ. مېدىتسىنادا، ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە 36.5 تىن 37.2قىچە بولىدۇ، ئەمما ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلەرنىڭ سەل تۆۋەن، بەزىلەرنىڭ سەل يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، مۇھىت ۋە ۋاقىتنىڭ تەسىرىدە، نورمال ئادەمنىڭ بىر كۈن ئىچىدە چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىنكى بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىمۇ پەرق بولىدۇ، ئادەتتە چۈشتىن كېيىنكى بەدەن تېمپېراتۇرىسى چۈشتىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا يۇقىرىراق بولىدۇ، بىراق ئامپلىتۇدىسى 1دىن ئاشمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا بولغان سەزگۈرلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلەرنىڭ چىدامچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك، يەنە بەزىلەرنىڭ بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ. مەسىلەن: بەزى كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38قا چىقىپ كەتسىمۇ، يەنىلا روشەن سېزىم بولمايدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37قا چىقسىلا بىئارام بولىدۇ. شۇڭا، ھەر كۈنى بىرلا قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەندە، ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ۋاقتىدا توغرا ئىگىلىگىلى بولمايدۇ.

  ئىككىنچىدىن، قىزىتما ئۆلچىمى ھۆكۈم قىلىشتىكى ئېھتىياج. مېدىتسىنادا، 37.3 ئادەم بەدىنىنىڭ قىزىشىدىكى كرىتىك چەك دەپ قارىلىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃37.3قا يەتسە، بىنورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا تەۋە بولىدۇ. مۇشۇ ئاساستا، قىزىتما يەنە تېمپېراتۇرا ئارىلىقىغا ئاساسەن تۆۋەن قىزىتما (℃38~37.3)، ئوتتۇرا ھال قىزىتما (38.1~℃39)، يۇقىرى قىزىتما (℃39.1~41)، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى قىزىتما (41تىن يۇقىرى)دىن ئىبارەت تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ، شۇڭا، بىر كۈندە ئۈچ قېتىم تېمپېراتۇرا ئۆلچەش بىزنىڭ ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ئۆلچەپ، تەكشۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، قىزىش سەۋەبىنىڭ كۆپ خىللىقى. قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللەر ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن: ئادەتتىكى زۇكام، ئادەتتىكى باكتېرىيەلىك ئۆپكە ياللۇغى، ھەتتا ئۈچەي يولى ياللۇغى قاتارلىق ئادەتتىكى كېسەللەرمۇ ئاغرىقتا قىزىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ياكى سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى ياللۇغلانغاندا، ئاغرىقتا قىزىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا، ئۇدا، كۆپ قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، ئاندىن بەدەن تېمپېراتۇرىسى بىنورمال بولغان ئاھالىلەرگە ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ.

  ۋېن گوشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەندە، ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ماسكا تاقىشى، مۇداپىئە كىيىمى كىيىشى، ھەمدە دېزىنفېكسىيە پۈركۈمىسى ئېلىۋېلىشى كېرەك. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەندە، ئاھالىلەر بىلەن بىر مېتىر ئارىلىق ساقلىشى، تېگىشمەيدىغان تېرمومېتىر ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىشى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ بولۇپ، ئاھالىلەر ئىشىكنى ياپقاندىن كېيىن، تېگىشمەس تېرمومېتىرنى دېزىنفېكسىيە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەر يۈزىنى دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن كېيىنكى ئائىلىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ئەڭ زور چەكتە ساقلىنىشى كېرەك. ئەگەر بەدەن تېمپېراتۇرىسىدا نورمالسىزلىق بايقالسا، ۋاقتىدا مەھەللىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  «بىز چوقۇم ئىلمىي ئاساستا ئىلغاپ تەكشۈرۈپ ۋە دىياگنوز قويۇپ، زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز، كەڭ شەھەر ئاممىسىنىڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە پائال ماسلىشىپ، ھەركۈنلۈك بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. »دېدى ۋېن گوشىن.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى