تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئاغرىقلار رايونىدىكى ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى

8-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 4-بىنا 14-ئاغرىقلار رايونىدا سېسترالار باشلىقى خو فېي بىر ئاغرىقنىڭ چېچىنى تاراپ قويماقتا.

ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئاغرىقلار رايونىنىڭ مۇدىرى جاۋ بىڭ دوختۇرخانىدىن چىقماقچى بولغان بىر ئاغرىقنى ئۇزىتىپ قويدى ھەمدە غەيرەت قىلىشى ئۈچۈن مەدەت بەردى.

پارتىيە ئەزاسى ئالىمجان مۇسا (سولدا) دائىم مەينەت، جاپالىق ئىشلارنى تالىشىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى سېسترا شېن ۋېنروڭغا ئۈلگە بولدى. ئۇلار دائىم بىللە خىزمەت قىلىپ، خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرىدۇ.

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چاۋ جىن خەۋىرى، شيې لوڭ فوتوسى): «قانچىكى ئاچقۇچلۇق پەيتتە، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇش كېرەك.» 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 4-بىنا 14-ئاغرىقلار رايونىدا سىنلىق ئۇلانما ئارقىلىق ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى يىغىنى ئېچىلىۋاتاتتى. ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئاغرىقلار رايونىنىڭ مۇدىرى جاۋ بىڭ: ھەر بىر ئاغرىقنى ياخشى باشقۇرۇپ، قوغداپ، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق ساقىيىپ، دوختۇرخانىدىن چىقىشى ئۈچۈن تىرىشايلى، دەپ سەپەرۋەرلىك قىلدى.

  14-ئاغرىقلار رايونى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يىنىك تىپلىق، ئادەتتىكى تىپلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ داۋالاشنى تولۇق ئىشتاتلىق باشقۇرىدىغان قوبۇل قىلىپ داۋالاش ئاغرىقلار رايونى، 58 نەپەر دوختۇر-سېسترانىڭ ئىچىدە 17 نەپەر پارتىيە ئەزاسى، ئۈچ نەپەر پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى بار. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قەيەردە بولسا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش شۇ يەردە بولىدۇ، پارتىيە تەشكىلاتى شۇ يەرنى قاپلايدۇ. 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقى بىلەن ئاغرىقلار رايونىدا ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلدى.

  خو فېي بۇ ئاغرىقلار رايونىنىڭ سېستىرالار باشلىقى، شۇنداقلا ئاغرىقلار رايونىدىكى بىردىنبىر ئىلگىرى ۋۇخەنگە ياردەم بەرگەن داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى. ئۇ مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەشتىن ئىسمېنا ئورۇنلاشتۇرۇش، خىزمەت تەرتىپىنى رەتلەش قاتارلىقلارغا ياردەم بېرىشكىچە، ۋۇخەندىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى قىلچە قالدۇرماي كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى. «ۋۇخەندە پارتىيە تەشكىلاتى مېنى ئۇرۇش سېپىدە پارتىيەگە كىرىشكە قوبۇل قىلدى، بۇ قېتىم يەنە ماڭا ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈش پۇرسىتى بەردى، مەن چوقۇم قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمەن.» دېدى كاندىدات پارتىيە ئەزاسى خو فېي.

  يېقىنقى 20 كۈندىن بۇيان، بۇ ئاغرىقلار رايونىدا ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالاش، پائال قۇتقۇزۇپ داۋالاش، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش، پىسخىكىلىق يېتەكلەش، غەمخورلۇق قىلىش... تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى.

  پارتىيە ئەزاسى كەسپىي تايانچلىرى يەنە «كىلىنىكىلىق كۆزىتىش باھالاش جەدۋىلى»نى تۈزۈپ چىقتى، «ۋاقىت باشقۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئېغىر كېسەلگە ئۆزگىرىش ئېھتىمالى بولغان مۇناسىۋەتلىك ئامىللار، ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋاقتىدا خاتىرىلەش ۋە تەھلىل قىلىشتىكى مەقسەت يېنىك تىپلىق، ئادەتتىكى تىپلىق ئاغرىقلارنى بالدۇر ئارىلىشىپ، بالدۇر داۋالاش ئۈچۈندۇر. » جاۋ بىڭنىڭ دېيىشىچە، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ كەسپى  يېتەكچىلىكى ئاكتىپ رول ئويناپ، ھازىر بۇ ئاغرىقلار رايونىدىن ئون نەچچە ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان.

  ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنسىز يېتەكلەشتۇر. ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى «بىرگەبىر» ئامما بىلەن تۇغقانلىشىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

  پارتىيە ئەزاسى ئالىمجان مۇسا ئەر سېسترا بولۇپ، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا كېلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى پىژغىرىم ئىسسىقتا نۇكلېئىك كىسلاتاسى يىغقانىدى، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇ مەينەت، جاپالىق ئىشلارنى تالىشىپ قىلدى. قوشماقلاشقان تۇغقىنى سېسترا شېن ۋېنرۇڭ پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىنى تەنتەنىلىك ھالدا ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىغا تاپشۇرغاندا، «ئەتراپىمدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پايدا-زىيان بىلەن ھېسابلاشماي تۆھپە قوشقانلىقىنى كۆرۈپ، مەن تولىمۇ تەسىرلەندىم.» دېگەنىدى.

  ھازىر رەتلىك يېزىلغان پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىدىن 14 پارچىسى جاۋ بىڭنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى.

  «پارتىيە بايرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز چوقۇم بۇ قېتىمقى يۇقۇم بىلەن بولغان كۈرەشتە سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى قۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ ھاياتىنى قوغدايمىز.» دېدى جاۋ بىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ