تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پىدائىي ۋاڭ جىگو ئالىبابا تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۇەن شياۋلى خەۋىرى) يىراقتىكى يۇرتىدا، كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغان دادىسى ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى، بىراق قايتىش يولىدا، يان تېلېفونىدىن كاشىلا چىقىپ، ئەندىشە ۋە ئىلاجىسىز قالغان 50 ياشتىن ھالقىغان بۇ ئەر ئايرودۇرۇمدا جىددىيلەشكىنىدىن يىغلاپ كەتتى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، بىر ئېغىز جاراڭلىق ئېيتىلغان: مېنىڭ يان تېلېفونۇمنى ئىشلىتىڭ، دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

  8-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئايرودۇرۇمدا سېخىيلىق بىلەن يان تېلېفونىنى تەقدىم قىلغانلىقى ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پىدائىي ۋاڭ جىگو ئالىبابا تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيەسى  تىيانشان تورى بىلەن بىرلىشىپ تارقاتقان تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە ئالاھىدە مۇكاپاتى ۋە 5000 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى.

  مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ۋاڭ جىگو مۇكاپات پۇلىنى ئىئانە قىلىپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى داۋاملاشتۇرۇپ تارقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  8-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭغا كاماندۇرۇپكىغا كەلگەن سىچۈەنلىك ئەر پېڭ شۈتىڭ دادىسىنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلاپ قالغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەرھال ئايرودۇرۇمغا قاراپ يولغا چىقىدۇ، لېكىن يان تېلېفونىدىن كاشىلا كۆرۈلۈپ، يان تېلېفونىنى ئاچالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۆيىگە ئوڭۇشلۇق قايتىشى ئۈچۈن، ئايرودۇرۇمدا ئادەم ساقلاپ تۇرغان ۋاڭ جىگو ئۆزىنىڭ يان تېلېفونىنى پېڭ شۈتىڭنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىدۇ.

  بۇ ئىش تىيانشان تورىدا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ كەڭ دىققەت-ئېتىبارى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، كۆپچىلىك بەس-بەستە ۋاڭ جىگونى «شىنجاڭ ئوغلانى»دەپ ماختىدى. (تەپسىلاتىنى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى تىيانشان تورىدا ئېلان قىلىنغان «دادىسىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغان چېڭدۇلۇق ئەرگە جىددىي پەيتتە ئەسقاتقان شىنجاڭلىق پىدائىي:‹مېنىڭكىنى ئىشلىتىڭ» ماۋزۇلۇق خەۋەردىن كۆرۈڭ)

  ۋاڭ جىگونىڭ خەيرلىك ئىشى ئالىبابا تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئالىبابا تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيەسى تىيانشان تورى بىلەن بىرلىشىپ ۋاڭ جىگوغا تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە ئالاھىدە مۇكاپاتى ۋە 5000 يۈەن مۇكاپات پۇلى تارقاتتى.

  ۋاڭ جىگوغا مۇكاپات تارقىتىش سەۋەبى مۇنداق يېزىلغان ئىدى: «مۇشۇ دەقىقىدە، كىشىلەر ئارىسىدىكى ياخشى نىيەتنى كۆردۇق، ئەزەلدىن تونۇشمىسىمۇ، باشقا كۈن چۈشكەندە ياردەم بېرىش، بۇ يەردە ناتونۇش ئادەم يوق، پەقەت ئاق كۆڭۈل ئادەم بار. يەنە شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، بۇ بىر مۇھەببەت بىلەن ئىللىقلىققا تولغان تۇپراق. ئىشەنچ بولغاچقا، ئاددىي، رەھمەت سىزگە، كىشى قەلبىنى ئىللىتقىنىڭىزغا، شىنجاڭنى گۈزەل قىلغىنىڭىزغا...»

  ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە ۋاڭ جىگونىڭ سەل ئەقلى يەتمىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، باشقىلارغا ياردەم بېرىش «ئادەتتىكى ئىش» بولغاچقا، مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن.

  «بىر 50 نەچچە ياشلىق ئەر، ئايرودۇرۇمدا جىددىيلىشىپ يىغلاپ كەتتى، مەن چىداپ تۇرالمىدىم، شۇڭا ئۆزلۈكىمدىن ياردەم بەردىم. پېڭ ئەپەندىم يېقىندا يان تېلېفونومنى پوچتىدىن ئەۋەتىپ بەردى، ماڭا ھېچقانداق زىيان بولمىدى. بىراق، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمدىن خۇشال بولدۇم، بۇ ماڭا بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈش. مەن مۇكاپات پۇلىنى ئىئانە قىلىپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ تارقىتىشنى ئويلاۋاتىمەن.» دېدى ۋاڭ جىگو.

  ۋاڭ جىگو مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، نۇرغۇن مەھەللە خىزمەتچى خادىمى، پىدائىي، دوختۇر-سېسترا قاتارلىقلار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ، كۆپچىلىك ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جەمئىيەتتە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقاتتى. «مەن تۇرۇۋاتقان تىيانشان رايونى تىنچلىق يولى تەۋەلىك رايونى گوجىچىڭ مەھەللىسىدىكى مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىل ئەترىتىدە 13 پىدائىي بار، كۆپچىلىك ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلغانلىقىدىن پۇشايمان قىلمايدۇ، بۇ شەرەپ، بىزنىڭ كوللېكتىپقا مەنسۇپ ».

  ئىگىلىنىشىچە، ئالىبابا تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيەسى ئالىبابا گۇرۇھى تىيانشان تورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100دىن ئارتۇق چوڭ تاراتقۇلار بىلەن بىرلىشىپ بەرپا قىلغان چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بويىچە ئېچىۋېتىلگەن سۇپا، «ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىش، چىنلىق، ئاقكۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنى ئەۋج ئالدۇرۇش»نى مەقسەت قىلغان، پۈتۈن جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاددىي كىشىلەرنىڭ خەيرلىك ئىشىنى ئىزدەپ مۇكاپاتلايدۇ. نۆۋەتتە، ئالىبابا تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە سۇپىسى 7000دىن ئارتۇق ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقاتقان كىشىنى مۇكاپاتلىغان، 65 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق فوندى مەبلىغى سېلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى