تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىش بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز

   ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 28-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خوۋ ۋېيدۇڭ ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

   خوۋ ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: سۇ بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكى مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە چېتىلىدىغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئىچىدىغان سۇ ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا ئىچىدىغان سۇنى دېزىنفېكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلىش ئاساسىدا، سۇ بىلەن تەمىنلەش تارماقلىرى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىدى:

   بىرىنچىدىن، سۇ مەنبەسىنى قوغداشنى كۈچەيتتۇق. سۇ ئامبىرى، سۇ مەنبەسىنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇپ، مەخسۇس ئادەمنى 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرى ۋە سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ خالىغانچە كىرىپ چىقىشىنى قاتتىق چەكلىدۇق. تېخنىكىلىق مۇداپىئە بىلەن ئادەم مۇداپىئەسىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خادىملارنى ھەر كۈنى كۆپ قېتىم كۆزىتىپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدۇق. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، ئەتراپتىكى مۇھىتنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، سۇ ئامبىرى، سۇ مەنبەسى ئەتراپىدىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرى، داۋالاش تاشلاندۇقلىرى ۋە خەتەرلىك تاشلاندۇق بۇيۇملار قاتارلىق بۇلغىما مەنبەلىرى ۋە خەۋپ-خەتەر مەنبەلىرىنى ئۈنۈملۈك تۈگەتتۇق.

   ئىككىنچىدىن، سۇ سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتۇق. زاۋۇتتىن چىققان سۇ ۋە تۇرۇبا تورى سۈيىنى تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، ئىلگىرىكى ئالتە سائەتتە بىر قېتىم تەكشۈرۈشتىن ئۈچ سائەتتە بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە قىسقارتىپ، تەبىئىي سۇ، زاۋۇتتىن چىققان سۇنىڭ ھالقىلىق كۆرسەتكۈچىنى ھەر بىر -ئىككى سائەتتە بىر قېتىم تەكشۈردۇق. نۇقتىلىق رايونلارنىڭ سۇ سۈپىتىدىن قەرەلسىز ئەۋرىشكە ئالدۇق ۋە تەكشۈردۇق.

   ئۈچىنچىدىن، جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. جىددىي رېمونت قىلىش ئەترىتى تەشكىللەپ، 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈپ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىدىكى كاشىلىلارنى بىرىنچى ۋاقىتتا نەق مەيدانغا بېرىپ رېمونت قىلىپ، سۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىشىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋاقتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قىسقارتتۇق. شەھەر رايونىدا سۇ چىقىرىشنى راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سۇ چىقىرىش تۇرۇبا تورىدىكى كاشىلىلارنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىپ، پاسكىنا سۇنى يولغا چىقارماسلىق، سۇنى چىقىرىۋېتىشتە توسۇلۇش بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

   تۆتىنچىدىن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇشنى چىڭىتتۇق. ئىش ئورنىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇدۇق ھەمدە قەرەللىك ھالدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈردۇق. ماسكا تاقاش، تارقاق غىزالىنىش، قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردۇق. ئىش ئورنىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئەتىگەن، چۈش، كەچتە ئۈچ قېتىم ئۆلچەش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ھەم ھېسابات دەپتىرى تۇتۇپ، تىزىملاپ ئەنگە ئېلىپ، قىزىش، يۆتىلىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بايقالغانلارنى بىرىنچى ۋاقىتتا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلدۇق.

   خوۋ ۋېيدۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈرۈش، سۇ بىلەن تەمىنلەشنى تەڭشەش، سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، رېمونت قىلىش مۇلازىمىتى، جىددىي رېمونت قىلىش، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىش بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى