تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ئۇدا 11 كۈن تۆۋەنلىدى

يەنە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 49 ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇمدىن بۇيان بىر كۈندە دوختۇرخانىدىن چىققانلار سانى ئەڭ كۆپ بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇانىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى سانى ئۇدا 11 - كۈنى تۆۋەنلەپ، بىر كۈندە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئۇدا 6 - كۈنى يېڭىدىن دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى سىجىل مۇستەھكەملەنگەن.

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سائەت نۆلدىن سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە دوكلات قىلىنغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى سەككىز بولۇپ، ھەممىسى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلار؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى بەش. 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سائەت 24 كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 503، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 129.

كۆزىتىش مۇددىتىنىڭ توشۇشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر قىسىم شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقان يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارغا قارىتا مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش ئارقا - ئارقىدىن بىكار قىلىنىپ ئۆيلىرىگە قايتتى، نۆۋەتتە مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقان يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ سانى 13 مىڭ 548گە تۆۋەنلىدى.

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 49 ئاغرىق دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، بۇ، بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇمدىن بۇيان بىر كۈندە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر كۈن. شۇ كۈنى يەنە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بەش يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى. ھازىرغىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 351، تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 100 بولۇپ، جەمئىي 451.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا بىرلەشمە داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لېي ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، 49 ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ئىلگىرىكى ئەڭ كۆپ بولغان 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى دوختۇرخانىدىن چىققان 47 ئاغرىقتىن ئاشتى، بارغانسېرى كۆپ ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى كۆرۈپ، ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى. بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى نۇقتىدا تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قوللاپ ياردەملەشتى، كەڭ دوختۇر - سېسترالار پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ قۇتقۇزۇش - داۋالاش، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويدى، كىلىنىكىلىق داۋالاش ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، كېسەللىك جەريانى ئۈنۈملۈك قىسقاردى، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز داۋاملىق ئېغىر تىپتىكى، خەتەرلىك ئېغىر تىپتىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى داۋالاشتىكى قىيىن نۇقتىلارغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈپ، كېسەلگە قاراپ داۋالاپ، بۇ بىر قىسىم ئاغرىقلارنى سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى