تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاغرىقلار رايونىدىكى «مېھىر - شەپقەت سۇپىسى»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋىرى، شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 3 - بىنا 5 - كېسەللىك رايونىدا، سېسترالار باشلىقى بەي جىئەي (سولدىن 2 - كىشى) «مېھىر - شەپقەت سۇپىسى» كۆچمە ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كېسەلخانا ئالدىغا كېلىپ، ئاغرىقنىڭ كېرەكلىك بۇيۇملارنى تاللاپ ئېلىۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.

«بىر قۇتا باباۋجوۋ ئالاي، چىش چوتكىسىنىمۇ ئالماشتۇرسام بولغۇدەك...» 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سائەت 20دە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 3 - بىنا 5 - كېسەللىك رايونىدا، سېسترالار «مېھىر - شەپقەت سۇپىسى» كۆچمە ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ 509 - نومۇرلۇق كېسەلخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، بىر ئاغرىق كېرەكلىك بۇيۇملارنى تاللىدى.

«بۇنى ئېلىڭ، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىمۇ تولۇقلاش كېرەك.» بۇ كېسەل رايونىنىڭ سېسترالار باشلىقى بەي جىئەي بىر بولاق قۇرۇق مېۋىنى ئاغرىقنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

«رەھمەت، بۇ يەردە ھەقىقەتەن نېمە دېسە شۇ بار ئىكەن.» كېسەل رايونىدىكى «مېھىر - شەپقەت سۇپىسى» تىلغا ئېلىنغاندا، بۇ ئاغرىق ئىنتايىن يېقىملىق ھېس قىلدى.

«نۇرغۇن ئاغرىق بۇ يەرگە كەلگەن چاغدا كۈندىلىك بۇيۇملارنى تولۇق ئەكېلىۋالمىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز يەنە ئاغرىقلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى مولراق قىلىشنى ئويلىدۇق.» بەي جىئەي دوختۇر - سېسترالارنى تەشكىللەپ كېسەل رايونىدا «مېھىر - شەپقەت سۇپىسى» تەسىس قىلدى. دوختۇر - سېسترالار ئۆزلىرىنىڭ مېۋە - چېۋە، ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىك قاتارلىق نەرسىلىرىنى، دوختۇرخانا ھەرقايسى كېسەل رايونلىرىغا سەپلەپ بەرگەن يۇيۇنۇش، يۇيۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى داۋالاش ھارۋىسىغا تىزىپ، ئاغرىقلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ھەقسىز تەمىنلىدى.

كۆچمە «مېھىر - شەپقەت سۇپىسى» مانا مۇشۇنداق «تىجارەت» باشلىدى، ھەر كۈنى بۇيۇملارنىڭ «كەم قالغانلىرىنى تەكشۈرۈپ، يەتمىگەنلىرىنى تولۇقلىدى». كىچىككىنە «مېھىر - شەپقەت سۇپىسى» ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، مېھىر - شەپقەتنى مۇجەسسەملىدى.

«سىلەرنىڭ مۇشۇنداق بوشاشماي چىڭ تۇرۇشىڭلاردىن، بىز ھەممە ئىشنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.» 5 - كېسەل رايونىدىكى «سالامەتلىكىڭىزنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىگە مۇبارەك» دېگەن ۋىيشىن توپىدا، ئاغرىقلار دوختۇر - سېسترالارغا بولغان رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ، يەنە ئۆزئارا ئىلھام، مەدەت بېرىپ تۇرىدۇ.

«دوختۇر - سېسترالار ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ، خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكە ئىشلىسەكلا، ئاندىن ئاغرىقلارنى خاتىرجەم داۋالىنىپ سالامەتلىكىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايمىز» دېدى بۇ كېسەل رايونىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جاۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى