تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بىرىنچى سەپتىكى پارتىيە ئەزاسى丨پىدائىي «شياۋ ليۇ»: كونا قوشنىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن باش تارتمايمەن

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شىنجۈن خەۋىرى، فوتوسى): «ئىشىك چېكىلگەن ئاۋازنى ئاڭلاپلا، شياۋ ليۇنىڭ توخۇنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدىم.» 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، ياڭ ليەنيۇڭ بوۋاي ئىشىك چېكىلگەن ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ماسكىنى تاقاپ ئىشىكنى ئاچتى-دە، مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن ليۇ يىرۇنىڭ ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ ئىشىك ئالدىدا ئۆزى زاكاس قىلغان توخۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇنىڭغا:«شياۋ ليۇ، مۇداپىئە كىيىمى كىيىۋېلىپ تازا ئىسسىپ كەتكەنسىز؟» دېدى.

  ليۇ يىرۇ ئولتۇراق رايوندا ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئەخلەتلىرىنى يىغماقتا.

  ياڭ ليەنيۇڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى رادىيو-تېلېۋىزىيە مەھەللىسى ئىتتىپاق يولى ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ ئاھالىسى. ئۇ دەۋاتقان شياۋ ليۇ شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پروگرامما يوللاش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇ يىرۇ. يۇقۇم تۇيۇقسىز يۈز بەردى، 53 ياشلىق ليۇ يىرۇ مەھەللىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پىدائىي بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئون نەچچە يىل ياشىدىم، بۇ يەردىكى كۆپ قىسىم قوشنىلار بىلەن تونۇش، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى 70-80 ياشلىق كونا خىزمەتداشلار، كونا رەھبەرلەر، كونا قوشنىلاردۇر، بەزىلىرى ئېغىر كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان، بەزىلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى يېنىدا ئەمەس، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلار كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ياردەمگە تولىمۇ موھتاج بولىدۇ، ئۇلار ماڭا بەك ئىشىنىدۇ، ھەر كۈنى ئادەتتىكىدەك كۆكتات يەتكۈزۈش، گۈرۈچ، ئۇن سېتىۋېلىش، سۈت، تۇخۇم سېتىۋېلىش، ئەخلەت تۆكۈش، مەھەللىلەردە تەقسىملەپ تەييارلاپ قويۇلغان دورىلارنى تارقىتىشقىچە، قانداقلا ئېھتىياجى بولسا، ماڭا ئېيتسا،  مەن چامىمنىڭ يېتىشىچە قىلىپ بېرىمەن.»

  ليۇ يىرۇ ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئېھتىياجىنى خاتىرىلىمەكتە.

  20 نەچچە كۈندىن بۇيان، ليۇ يىرۇ يەنە بىر پىدائىي بىلەن 46 ئائىلىگە كۆكتات، دورا يەتكۈزۈپ بەردى، ئەخلەتلەرنى توشۇدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئاھالىلەرنىڭ تېلېفونى قەرز بولۇپ قالسا، يان تېلېفونى نورمال ئىشلىمەي قالسا، ئۆيىدىكى سۇ تۇرۇبىسى بۇزۇلۇپ قالسا، تەبىئىي گاز سېتىۋېلىشقا توغرا كەلسە . . . پەقەت ئاھالىلار دەپلا قويسا، ليۇ يىرۇ بىلەن ھەمراھى دەرھال ياردەملىشىپ بىر تەرەپ قىلىپ بەردى.

  مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىۋەتكەندە، ليۇ يىرۇنىڭ كىيىملىرى ئاللىقاچان ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى.

  53 ياشلىق پىدائىي «شياۋ ليۇ» كونا قوشنىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى، ئاھالە يۈ خۇامىن مۇنداق دېدى: «گەرچە ليۇ يىرۇ پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، ئەمما پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە، ئۇ يەنىلا سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ جاپا-مۇشەققەتكە چىدايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى نامايەن قىلدى. بىز ئۇنىڭغا ۋە بارلىق خىزمەتچى خادىملارغا رەھمەت ئېيتىمىز. ۋىرۇس رەھىمسىز، ئادەملەر رەھىمدىل، بىز ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساقلا، چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ