تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھاياتلىقنى قوغداش ئۈچۈن ھەققانىيەت يولىدىن قايتمايمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، سۇ لۇپىڭ، يۈ مېڭرەن

بۇ يىل 1 - ئايدا، ئۇلار ۋۇخەنگە بېرىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش سەپىرىگە ئاتلاندى؛ 7 - ئايدا، ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭىدىن يۈزبەرگەندە، ئۇلار يەنە بىر قېتىم جەڭگە ئاتلىنىشقا ئىلتىماس قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ، تولۇق قوراللىنىپ ھاياتلىقنى قوغدىدى.

كەسكىنلىك بىلەن جەڭگە ئاتلىنىشقا ئىلتىماس قىلىش پائال ئاتلىنىش

«خۇبېيغا ياردەم بېرىشتە مەن بار! يۇرتىمىز جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ!» 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سەھەردە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس ۋە خەتەرلىك ئېغىر كېسەللەرنى دىياگنوز قويۇش - داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گوۋ ئەنشۇەن جەڭدىن ئىلگىرىكى سەپەرۋەرلىكنى تاماملاپ، خۇبېيغا ياردەم بەرگەن 11 دوختۇر - سېسترانى باشلاپ، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 1 - بىنا 4 - كېسەل رايونىغا كىرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى باشلىدى.

«بىزنىڭ تەجرىبىمىز بار، ئىككىلىنىشىمىز ھاجەتسىز.» گوۋ ئەنشۇەن مۇنداق دېدى: بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ ياردەم بېرىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، مەن سەپداشلىرىم بىلەن بىرىنچى ۋاقىتتا تىزىمغا ئالدۇردۇم.

خۇبېيغا ياردەم بەرگەن مەزگىلدە، گوۋ ئەنشۇەن شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسى بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس، دېگەن نامغا ئېرىشتى.

كېسەل رايونىغا بارغاندىن كېيىن، گوۋ ئەنشۇەننىڭ باشلامچىلىقىدا 11 ئەترەت ئەزاسى «زەربىدارلار ئەترىتى» بولۇپ تەشكىللىنىپ خىزمەتلەرنى باشلىدى. ئارقىدىن، نەپەس يولى ئېغىر كېسەللىرى، جىددىي دىياگنوز قويۇش، ئېغىر كېسەل، ياشانغانلار كېسىلى، ئىچكى ئاجراتما، ھەزىم قىلىش قاتارلىق كۆپ بۆلۈمدىن تەشكىللەنگەن «سەرخىل قىسىم» قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە پائال ئاتلاندى.

«بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى بىلەن، كېسەل رايونى 7 - نۇسخىدىكى كۆرسەتمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بىرخىللاشقان، قېلىپلاشقان قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.» گوۋ ئەنشۇەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىم قوبۇل قىلىپ داۋالىغان ئاغرىقلارنىڭ كۆپىنچىسى يېنىك تىپلىق ۋە ئادەتتىكى تىپلىق بولۇپ، دورا بىلەن ئاكتىپ داۋالاش ئاساسىدا، پىسخىكىلىق يېتەكلەش ۋە تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئەھمىيەت بەردۇق، بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئاغرىقلارنىڭ تۇرمۇشىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈردۇق، كېسەل رايونىغا ئۆزى تاللايدىغان يېمەكلىك جازىسى تەسىس قىلدۇق، ئالاھىدە ئاغرىقلارنى خاسلاشقان تۇرمۇشتىن خەۋەر ئېلىش بىلەن تەمىنلىدۇق.

قۇربىنىڭ يېتىشىچە سەپداشلىرىنىڭ ئامان - ئېسەنلىكىنى قوغداش

8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 4 - بىنا 12 - كېسەل رايونىدا، يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەيدىغان سېسترا ما شياۋچىن يېرىم بۇلغانغان رايوندا دەل ۋاقتىدا ھازىر بولدى.

قۇتقۇزۇش - داۋالاش جەريانىدا، دوختۇر - سېسترالارنىڭ شەخسىي مۇداپىئەلىنىش ۋە دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش تەرتىپىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى ياخشى ئىشلىشى ئىنتايىن مۇھىم، يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەيدىغان سېسترالارنىڭ مۇھىملىقى ھەممىگە ئايان. ما شياۋچىن شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5 - دوختۇرخانا ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ سېستراسى، بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم جەڭگە قاتنىشىشقا ئىلتىماس قىلىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىشى، «مەن شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىگە قاتناشقان، تەجرىبەم بار، مەن جەزمەن ئاتلىنىشىم كېرەك».

«ئاۋۋال كۆزىڭىزنى يۇمۇپ، ئاندىن كۆز قوغداش ئەينىكىنى ئېلىڭ» «قولىڭىزنى دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋاقتى 15 سېكۇنتقا توشمىدى، داۋاملاشتۇرۇڭ». ما شياۋچىن ھەربىر ھالقىنى چىڭ كۆزلەپ، سەپداشلىرىنىڭ توغرا قەدەم - باسقۇچلارغا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى. ئۇلار بارلىق مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرىنى سېلىۋېتىپ، تاشقى كېسەللەر ماسكىسىنى تاقىغاندىلا، ما شياۋچىن ئاندىن ئازراق ئارام ئالالايدۇ، «ھەر قېتىملىق كىيىش - سېلىش تەپسىلاتىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم، ئازراق بىخەستەلىك قىلىنسىلا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتىرى بار».

ھەربىر بەن بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ پۇرىقى بىلەن تولغان بوشلۇقتا تۆت سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە خىزمەت قىلىدۇ، سۇ ئىچىشكە پېتىنالمايدۇ، ھاجەتخانىغا بېرىشقا پېتىنالمايدۇ، بەزىدە ھەتتا بېشى قېيىپ، كۆزى قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ، لېكىن بۇلار ما شياۋچىننىڭ نەزەرىدە ئانچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، «بۇ مەيدان ئىس - تۈتەكسىز جەڭدە، مەن جەزمەن قۇربىمنىڭ يېتىشىچە سەپداشلىرىمنىڭ ئامان - ئېسەنلىكىنى قوغدايمەن».

ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش باش تارتماسلىق

«8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سەھەر سائەت 2دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ICU  بىرىنچى كېسەل رايونىدا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا ئېغىر كېسەللەر تېببىي مەركىزى 1 - كېسەل رايونىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ چاۋشيا ئەمدىلا بىر ئاغرىقنى جىددىي قۇتقۇزۇشنى تاماملىدى.

بۇ بىر كۈندە، يۈ چاۋشيا ئىككى قېتىم كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش، ئىككى قېتىم ياتاق تەكشۈرۈشكە قاتنىشىپ، كېسەل رايونىدىكى ئۈچ ئاغرىقنى نەپەس ئەينىكىدە تەكشۈردى، بەدەن سىرتىدا ئوكسىگېنلاش (ECMO) ئوپېراتسىيەسىدىن ئىككىنى تاماملىدى، بۇنداق خىزمەت رىتىمى ئۇنىڭ ئۈچۈن نورمال ئىشقا ئايلانغانىدى.

خۇبېيغا ياردەم بەرگەندە توپلىغان قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەجرىبىلىرىنى ئېلىپ، بۇ قېتىم يۈ چاۋشيا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇپ ھەم ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىدىكى 56 دوختۇر - سېسترانىڭ يېتەكچىسى بولدى. 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ICU كېسەل رايونىغا كىرگەندىن بۇيان، يۈ چاۋشيانىڭ كۈندىلىك خىزمەت كۈنتەرتىپى توشۇپ كەتتى، بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، ئۇ تۇرۇشلۇق ICU كېسەل رايونىدىكى نۇرغۇن ئاغرىق ئېغىر كېسەلدىن ئادەتتىكى تىپلىققا ئۆزگەردى.

«تېببىي خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز. ئىشىنىمىزكى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، غەلىبە ئالدىمىزدىلا» دېدى يۈ چاۋشيا قەتئىيلىك بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى