تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەلىك پىدائىيلار بىرىنچى سەپتە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى

8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، پارتىيەلىك پىدائىيلار ئاھالىلەر ئېھتىياجلىق كۆكتاتلارنى بۆلۈپ قاچىلىماقتا.

8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاھالىلەرگە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، پىدائىي پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتمەكتە.

8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، پارتىيەلىك پىدائىي ئاھالىلەرگە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزمەكتە.

«ئاھالىلەر زاكاز قىلغان گۆش كەلدى، ھاۋا بەك ئىسسىق، ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدۇ، كۆپچىلىك ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىڭلار.» 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى بەخت يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جۇڭخۇەن يولى شىمالىي مەھەللىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ماھىرە ئابدۇرېشىت ۋىيشىن توپىدا پىدائىيلارغا ئۇقتۇرۇش قىلدى.

ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭىدىن يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئىنچىكە ئىشلەپ، ئاھالىلەرنى ئائىلىسىدە خاتىرجەم تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جۇڭخۇەن يولى شىمالىي مەھەللىسى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ قۇردى.

«مەھەللىمىزدىكى نۇرغۇن ئاھالە تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى.» ماھىرە ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: مەھەللىدىكى 14 پارتىيەلىك كادىر ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، باشقا پىدائىيلارنى يېتەكلەپ ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا 24 سائەت كاپالەتلىك قىلدى.

«پىدائىيلار ھەر كۈنى بىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئۇلار مۇداپىئەلىنىش كىيىمى كىيىۋالغاچقا، چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىسەممۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەيدىسىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان پارتىيە ئىزنىكىدىن ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن» دېدى ئاھالە ۋاڭ مېيلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى