تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

نېمىشقا بەزىلەرنىڭ ئىككى قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقىپ، ئۈچىنچى قېتىمدا ئاندىن مۇسبەت چىقىدۇ؟​

   ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): 8-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 28-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

    مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بەزى ئاغرىق مىسالىنىڭ ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقىپ، ئۈچىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئاندىن مۇسبەت چىققانلىقى ھەمدە بۇ ئاغرىق مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقى تونۇشتۇرۇلغانىدى. نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؟

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن گوشىن بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

   ۋېن گوشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى تېز بولۇپ، بىرىنچى 14 كۈندە، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بىر قەدەر تېز ئاشتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېنىك ئاغرىقلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپ، قىسمەن ئاغرىقلارنىڭ زەھەر تازىلىشى بىر قەدەر كېيىن بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە تېخىمۇ زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئادەتتە ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولىدۇ، بۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا كېسىلى قوزغىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، يەنە بەزىلەردە ئۈچ كۈندىن قىسقا، بەزىلەردە يەتتە كۈندىن ئۇزاق بولىدۇ، ئەمما ئاساسەن 14 كۈن يوشۇرۇن مەزگىل ئىچىدە بولىدۇ، قايتا-قايتا تەكشۈرگەندىلا ئاندىن بايقىغىلى بولىدۇ.
   ۋېن گوشىن مۇنداق دېدى: نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقسا، ئەۋرىشكە ئېلىنغان ئورۇندا ۋىرۇس نوكلېئىك كىسلاتاسى بارلىقىنى، يۇقۇملىنىش ئەھۋالىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئۇدا ئىككى قېتىم مەنپىي چىقىشىدا ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى سەۋەب بار: بىرى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ۋىرۇس ئاساسلىقى ئۆپكىدە بولىدۇ، پەيدا بولغان ياللۇغ ئۆپكە ھاۋا يولىنى توسۇۋېلىپ، ۋىرۇسنى چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ، بۇرۇن، يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى ۋىرۇس ناھايىتى ئاز بولۇپ، ۋىرۇسنى يىغىش تەس. ئىككىنچىسى، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئەۋرىشكە ئېلىش پەيتى مەسىلىسى، ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تەرەققىياتىنىڭ تېز-ئاستىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەۋرىشكە ئېلىش پەيتى ۋە ۋاقىت ئارىلىقىمۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ساختا مەنپىي بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەۋرىشكە ئېلىش مەشغۇلات سەۋىيەسى، ئەۋرىشكە سىناق دورىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشىمۇ مۇمكىن.
   7-نۇسخىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا دىياگنوز قويۇش، داۋالاش لايىھەسىگە ئاساسەن، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى چۈشەندۈرۈشتە، تەجرىبىخانا نەتىجىسىگىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ، چوقۇم تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى تارىخى ۋە كىلىنىكىلىق ئىپادىسى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىش كېرەك. ئەگەر تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە ئېنىق ئاشكارىلىنىش تارىخى بولسا، يەنە كىلىنىكىلىق ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلسە، بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە مەنپىي چىقسا، ئاددىي ھالدا يۇقۇملانمىغان دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ، ساختا مەنپىي بولۇشى مۇمكىن، تەكرار ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى تارقالغان خەۋپ-خەتەر يۇقىرى رايونلارغا بېرىپ باقمىغان بولسا، يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى بولمىسا ھەمدە قىزىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش قاتارلىق كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن بولسا، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولسا، ساختا مەنپىي بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ