تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

دادىسىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغان چېڭدۇلۇق ئەرگە جىددىي پەيتتە ئەسقاتقان شىنجاڭلىق پىدائىي: مېنىڭكىنى ئىشلىتىڭ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۈەن شياۋلى خەۋىرى، فوتوسى) ئايرودۇرۇمغا كىرىش ئېغىزىدا، يان تېلېفونىنىڭ ئىكرانى قارىدىۋېلىپ، ھەرقانچە سۈرسىمۇ ئىنكاس بولمىغان پېڭ شۈتىڭ جىددىيلەشكىنىدىن يىغلىۋېتەيلا دەپ قالدى. «شۇ ۋاقىتتا، مەن يېرىلىپ كېتەيلا دېگەنىدىم، بىراق پىدائىي بەرگەن يان تېلېفوندىن مەن قايتا ئۈمىدكە تولدۇم.» دېدى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈچ كۈن بۇرۇنقى تۇغقان يوقلاش يولىدا يولۇققان ئىشنى ئەسلەپ، تېلېفوننىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى پېڭ شۈتىڭ سەل ھاياجانلىنىپ.

  ئۇ سەل توختىۋېلىپ مۇنداق دېدى: «ۋاڭ ئەپەندىگە ئۇچرىغانلىقىم مېنىڭ تەلىيىم، ئايرودۇرۇمدىكى چوڭقۇر مۇھەببەتنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايمەن.»

  ئايرودۇرۇمغا بېرىش يولىدا يان تېلېفوندىن كاشىلا چىقتى

  پېڭ شۈتىڭ تىلغا ئالغان ۋاڭ ئەپەندى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى تىنچلىق يولى تەۋەلىك رايونى گوجىچېڭ مەھەللىسىدىكى مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ پىدائىيسى ۋاڭ جىگو ئىدى، بۇ ئىشنى ئۈچ كۈن بۇرۇندىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  51 ياشلىق پېڭ شۈتىڭ سىچۈەن چېڭدۇلىق، بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىگە كاماندۇرۇپكىغا كەلگەنىدى. يېقىندا، ئۇ دوۋساق راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان 85 ياشلىق دادىسىنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكى، تېزدىن ئۆيگە قايتىپ كېلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالدى.

  8-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، پېڭ شۈتىڭ 200 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شۇ كۈنى سائەت 21دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندا چېڭدۇغا قايتماقچى بولدى.

  «ئايرودۇرۇمغا ئاز قالغاندا، يان تېلېفونۇمنىڭ ئىكرانى قاپقارا بولۇپ قالدى، كۆپ قېتىم ئۆچۈرۈپ قايتا قوزغاتقان، توك قاچىلاپ باققان بولساممۇ، ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى.» دېدى پېڭ شۈتىڭ، يان تېلېفونىدىن كاشىلا چىقىشى ئۇنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشالمايدىغانلىقىدىن، مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى چىقىرىپ ئايروپىلانغا چىقالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

  پېڭ شۈتىڭ ئاپتوموبىلدا ناھايىتى تىت-تىت بولۇپ كەتتى، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ قويغان شوپۇر تاڭ ئۇستام يېنىدا تۇرۇپ ئەقىل كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق پېڭ شۈتىڭنىڭ يان تېلېفونىنىڭ ئىكرانى يەنىلا قاپقارا بولۇۋېلىپ، ئازراقمۇ ئىنكاس بولمىدى.

  سائەت 19دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، پېڭ شۈتىڭ ئايرودۇرۇمنىڭ T3 ئايرودۇرۇم بىناسىغا يېتىپ كەلدى. يان تېلېفوننى يەنىلا ئاچقىلى بولمايۋاتاتتى، ئايرودۇرۇمدا تېلېفون رېمونت قىلىدىغان ياكى تېلېفون ساتىدىغان ئورۇن كۆرۈنمەيتتى، جىددىيلەشكەن، ئامالسىز قالغان، ياشانغان دادىسىغا بولغان خىجالەتچىلىكتە قالغان ئۇ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئايرودۇرۇمدىكى ھەممە ئادەمدىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر قىلدى.

  پېڭ شۈتىڭ (ئوڭدا) ۋە ۋاڭ جىگو (سولدا)نىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتى.

  كونا يان تېلېفوننى سېتىۋالماقچى بولغاندا، ئاق كۆڭۈل پىدائىي يان تېلېفونىنى سۇندى

  «ئاكا، ئارتۇق تېلېفون بارمۇ، ۋېيشىن ئىشلىتەلىسەملا بولاتتى، مەن ئون مىڭ كويغا سېتىۋالاي، بولامدۇ؟» سائەت 20دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇ تازا جىددىيلىشىپ تۇرغاندا، قىزىل جېلىتكە كىيىپ، ئايرودۇرۇمنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئادەم كۈتۈپ تۇرغان ۋاڭ جىگو بىلەن يېرنار نەبىۋۇللانى كۆرۈپ، سىناپ بېقىش ئىستىكىدە، ۋاڭ جىگودىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

  پېڭ شۈتىڭ ئۇچرىغان ئىشتىن خەۋەردار بولغان ۋاڭ جىگو بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، «ھەممىمىزگە ئاسان ئەمەس، مېنىڭ يان تېلېفونۇمنى ئىشلىتىڭ، ئۆيىڭىزگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ماڭا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ!» دېدى ھەم يان تېلېفونىنى بەردى.

  «ئۇنداقتا... بۇ... سىزگە كۆپ رەھمەت، مەن سېتىۋالاي...» ۋاڭ جىگونىڭ ھەرىكىتىدىن پېڭ شۈتىڭ ھاڭ-تاڭ قالغان بولۇپ، گەپ-سۆزىمۇ قولاشماي قېلىۋاتاتتى.

  «پۇل ئالمايمەن، بۇ يان تېلېفوننى سىز ئىشلىتىپ تۇرۇڭ، تېلېفون كارتىڭىزنى تېز چىقىرىڭ...» دېدى قارشى تەرەپنىڭ ئالدىراپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋاڭ جىگو بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەرىكەتكە كېلىپ. ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە ئۇ بىر يىڭنە تېپىپ، ئۆزىنىڭ تېلېفونىنىڭ كارتىسىنى چىقىرىپ، پېڭ شۈتىڭنىڭ تېلېفون كارتىسىنى سېلىپ بەردى، شۇنداقلا قارشى تەرەپكە يان تېلېفوننىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئېيتىپ بەردى.

  ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن پېڭ شۈتىڭنىڭ كۆزلىرى نەمدەلدى، ۋاڭ جىگونى چىڭ قۇچاقلىغاندىن كېيىن، ئۇ يان تېلېفوننىڭ مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزدى، بىراق قوللىرى تىترەپ تۇرغاچقا، ئىككى قېتىم كىرگۈزسىمۇ خاتا بولۇپ قالدى، مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، پىدائىي يېرنار بىر قەلەم تېپىپ كېلىپ، يان تېلېفوننىڭ مەخپىي نومۇرىنى پېڭ شۈتىڭنىڭ سول بېلىكىگىلا يېزىپ بەردى.

   ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى بىر-بىرىگە قالدۇرغاندىن كېيىن، ۋاڭ جىگو بىلەن يېرنار يېڭى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاچقا، ئالدىراشلا ئايرودۇرۇمدىن ئايرىلدى، پېڭ شۈتىڭمۇ ئايروپىلانغا ئوڭۇشلۇق چىقىۋالدى.

  «شىنجاڭ ئوغلانى»نىڭ ئىللىق ھەرىكىتى ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى

  «ۋاڭ ئاكام ئادەتتە ئاپتوموبىل ئەترىتىدە بەك كەمتەر، ئەمما ئۇنىڭ ئىش قىلغاندا بۇنچە كەسكىن ۋە قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن» دېدى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا يېرنار، ئۇ كۈنى ئاپتوموبىلغا قايتىپ چىققاندىن كېيىن، يېرنار ئۇنىڭ بىرلا يان تېلېفونى بارلىقىنى بىلگەنىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ پولات ماتېرىياللىرى سودىسى قىلغاچقا، يان تېلېفونىدا نۇرغۇن خېرىدارنىڭ ئۇچۇرلىرى بار ئىكەن، يېقىندا يەنە ئۇنىڭ نۇرغۇن مال ئەۋەتىش تالونلىرىنى نەقلەشتۈرۈپ ھېسابات قىلىشىغا توغرا كېلەتتى.

  ۋاڭ جىگونىڭ ھەرىكىتى پېڭ شۈتىڭنى ئاپىرىپ قويغان تاڭ ئۇستامنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى. «ھازىر كىشىلەر يان تېلېفونىدىن بىردەممۇ ئايرىلالمايدۇ، ھەر خىل شەخسىي مەخپىيەتلىك، پۇل-مال ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسى ئىچىدە تۇرسا، ئۆزىنىڭ يان تېلېفونىنى باشقىلارغا بېرىپ ياردەم قىلغان كىشىنى كۆكسى-قارنى بەك كەڭ ئىكەن دېسەك بولىدۇ» دېدى ئۇ.

  ھەقىقىي «شىنجاڭ ئوغلانى»، مۇخبىر تاڭ ئۇستامنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە ئۇنىڭ ئۇدا نەچچە قېتىم ئۇچۇر ئەۋەتىپ، ۋاڭ جىگو قاتارلىق كىشىلەرنى ماختىغانلىقىنى كۆردى.

پېڭ شۈتىڭ ۋېيشىن ئارقىلىق ۋاڭ جىگوغا رەھمەت ئېيتتى.

  «دادامنىڭ يۈزىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرەلمىسەم، ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولاتتى، مەن بىر ئۆمۈر ئۆكۈنەتتىم، بەختكە يارىشا، ۋاڭ ئەپەندىمدەك ياخشى ئادەمگە ئۇچرىدىم» دېدى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى پېڭ شۈتىڭ، ئۇنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، دادىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ھازىر تۇراقلاشقان بولۇپ، ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن بىرىنچى ۋاقىتتا ۋاڭ جىگو بىلەن ئالاقىلىشىپتۇ. «بۇ بىر نەچچە كۈندە ۋاڭ ئەپەندىگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق تۇغدۇردۇم، ئۇنىڭ يان تېلېفونىدا بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مۇھىم ئۇچۇرلار بار ئىكەنتۇق. مەن بىر يېڭى يان تېلېفون سېتىۋالدىم، تېز يوللانما ئەسلىگە كەلسە، بىرىنچى بولۇپ يان تېلېفوننى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بېرىمەن» دېدى ئۇ.

  پېڭ شۈتىڭ يان تېلېفوننى ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

  نۆۋەتتە، ۋاڭ جىگو يېڭى يان تېلېفون سېتىۋالغان بولۇپ، كونا يان تېلېفونىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى پېڭ شۈتىڭدىن ۋېيشىن ئارقىلىق، قوبۇل قىلىۋالغان.

  ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يان تېلېفونىنى بېرىپ تۇرغاندا كۆپ ئويلىمىغان، «50تىن ئاشقان ئەر كىشى ئايرودۇرۇمدا جىددىيلەشكىنىدىن يىغلاپ كەتتى، مەن قاراپ تۇرالمىدىم، ياردەم قىلغۇدەك بولسا ياردەم قىلىش كېرەك، شەخسىي سىرلىرىم ئاشكارىلىنىپ كېتەرمۇ دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئەينى ۋاقىتتا ھەقىقەتەن ئويلىماپتىمەن.»

  ئىگىلىنىشىچە، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، پىدائىي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋاڭ جىگو ۋە ئۇ تۇرۇشلۇق مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ھەر كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتقان ھەم ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغان ئاھالىلەرنى توشۇش، دورا ئېلىپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىش يولىدا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 قېتىمدەك بېرىپ كەلگەن.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى