تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ لى، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ ۋېي، شا رۇلى خەۋىرى): يېقىندا، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى، پىدائىيلار «مال ساتقۇچى»غا ئايلىنىپ، كۆكتاتچى دېھقانلارنىڭ سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.
بورتالا شەھىرى ئارالتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانى ئادۇخۇدۇغ كەنتىدىكى پارتىيەلىك پىدائىي جى جياڭخۇا كەنت ئاھالىسى خەن دېيۇڭنىڭ بەش مو يېرىدىكى كۆك پۇرچاقنىڭ سېتىلمىغانلىقىنى بىلىپ، باشقا كەنتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇدۇللاشتۇرۇپ سېتىپ، ئۈزۈپ بولغان كۆك پۇرچاقنى ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلى بىلەن ھەرقايسى كەنت دۇكانلىرىغا ئاپىرىپ بەردى. خەن دېيۇڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ھېلىمۇ ياخشى كەنتتىكى پىدائىيلار ئامال قىلىپ كۆكتات سېتىشىپ بەرگەچكە، قىيىنچىلىقىم ھەل بولدى».
«خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ھويلىدىكى جاڭدۇ، شوخلا، خاڭگالار خېلى كۆپ سېتىلدى. ئۇلار ھەر كۈنى كېلىپ ماڭا كۆكتات ئۈزۈشۈپ بېرىدۇ، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت» دېدى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئارىشاڭ ناھىيەسى ئانگىلىگ بازىرى ئانگىلىگ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى چاۋيۈن.
لى چاۋيۈن كەنتتىكى نامرات ئاھالە بولۇپ، خوتۇنى كېسەل سەۋەبىدىن تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايتتى. كەنت ئۇنى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ماسلاشتۇردى، ئۇ يەنە ھويلىسىدا كۆپ خىل مېۋە-كۆكتات تېرىپ، ئۆزى يەپ، ئېشىپ قالغىنىنى سېتىپ كىرىمىنى ئاشۇردى.
ئارىشاڭ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى شۇ جايدىكى فۇرۇنفا تاللا بازىرى بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كۆكتاتچى دېھقانلارنى ئەڭ يېڭى كۆكتات تەمىنلەش-ئېھتىياج ئەھۋالى تەمىنلەپ، يېڭى كۆكتاتلارنى ۋاقتىدا سېتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ئانگىلىگ كەنتىدە، ھەر كۈنى ئەتىگەندە، كەنت كادىرلىرى ۋە پىدائىيلار ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، سېتىشقا تېگىشلىك كۆكتاتلارنى ئىستاتىستىكا قىلدى ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات ئۈزۈش، يەشىككە قاچىلاپ توشۇشىغا ياردەم بەردى.
«ئانگىلىگ بازىرى ھويلا-ئاران ئىگىلىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، پۈتۈن بازاردىكى تۆت پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى 52 پارتىيەلىك كادىر، پىدائىي ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى ساتماقچى بولغان كۆكتاتلارنى مەركەزلىك توپلاپ، تاللا بازىرىغا يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ <كۆك-تاق>ىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ‹ھەميان›لىرىنى تومپايتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى» دېدى بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گاۋ شىنشىن.
«يېقىندا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز 80 مو يەرگە تېرىغان كۆكتات مەركەزلىك بازارغا سېلىندى، خىزمەت ئەترىتى بىزگە ياردەملىشىپ سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەركەزلىك توشۇپ، بىزنىڭ غەم-ئەندىشىمىزنى تۈگەتتى» دېدى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماندان يېزىسى شىنجۇاڭ كەنتىدىكى فېڭجىيۈەن تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى جاڭ لىفېڭ خۇشال ھالدا.
شۇ كۈنى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئېتىزلىرىدا ئالدىراشچىلىق مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى بورتالا توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ شوخلا ئۈزۈشىگە ياردەم بېرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، كۆكتاتچى دېھقانلارنىڭ يىغىش، سېتىش قىيىن بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.
«كېيىنكى قەدەمدە، بىز داۋاملىق ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئارزۇ-تەلەپلىرىنى تولۇق يىغىپ، تولۇق ھەل قىلىمىز» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى جيا پېڭفېي.
قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى