تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرى مەھەللىدىكى ئاھالىلەر بىلەن توردا مۇڭدىشىپ، يۇقۇمدىكى تەشۋىش كەيپىياتنى قانداق پەسەيتىش ھەققىدە ئامال كۆرسەتتى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا خەۋەر قىلىدۇ): ئۆيدە زېرىكىپ ئولتۇرغاندا، كەيپىيات ناھايىتى تەشۋىشلىنىدۇ؛ دائىم ئائىلىدىكىلەر بىلەن كىچىك ئىشلار ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ قالغاندا، كەيپىياتنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟

8-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىسخىكىلىق ياردەم بېرىش پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىۋاسىتە كۆرسىتىش دەرسخانىسى ۋېيشىندە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۆيدە تۇرۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرىۋاتقان ئاھالىلەر، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار، ياش-ئۆسمۈرلەر قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر بىلەن بىر مەيدان توردا «قەلب» سۆھبىتى ئېلىپ بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئائىلىدە تۇرۇش جەريانىدا پەيدا بولغان تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى يېڭىپ، ياخشى ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئورتاق غەلىبە قىلىشقا ياردەم بەردى.

«يېقىندىن بۇيان كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتى ياخشىمۇ؟ قانداق باش قېتىنچىلىقى بولسا، كەڭ-كۇشادە پىكىر ئالماشتۇرساق بولىدۇ.» شۇ كۈنى بىۋاسىتە ئاڭلىتىش دەرسى باشلىنىشى بىلەن، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى، گاۋجىچياۋ پىسخىكا مەسلىھەت سوراش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى شۈ چۈەنخۇڭ بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ئۆيىدىكى تورداشلار بىلەن مۇڭداشتى.

«ئۆيدە ئولتۇرسام ئىچىم پۇشىدۇ» «ئائىلىمىزنىڭ كۈن تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ كەتتى، دائىم بالىلارنىڭ يان تېلېفون ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ قالىمىز» «تىت-تىت بولۇپ كەتتىم، دەرھال سىرتقا چىقىشنى ئارزۇ قىلىمەن»... تورداشلار بەس-بەستە توردا سۆز قالدۇرۇشتى.

«ئۇزۇن مەزگىل ئۆيدە ئولتۇرۇپ سىرتقا چىقالمىغاندا، تەشۋىشلىنىش، تىت-تىت بولۇش، قورقۇش، زېرىكىش، ئىچى پۇشۇش قاتارلىق كەيپىياتلارنىڭ ئۆزگىرىشى نورمال ئەھۋال، چۈنكى يۇقۇم تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتىۋەتتى، مۇقىم تۇرمۇشىمىزنى كونترول قىلىشىمىزدىن ئايرىدى، بىخەتەرلىك تۇيغۇمىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئادەمنىڭ پىسىخىكىلىق مۇداپىئە مېخانىزىمى قوزغىلىپ، تۈرلۈك پىسىخىكىلىق كەيپىياتلار پەيدا بولىدۇ.» شۈ چۈەنخۇڭ مۇنداق دېدى: ئائىلىدە تۇرغان مەزگىلدىكى تۈرلۈك پىسخىكىلىق كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى تەڭشەش كېرەك، پىسخىكىلىق كەيپىياتتىكى ئۆزگىرىش بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئۆزىنى تەڭشىيەلمەيدىغان قىسمەن كىشىلەرگەن قارىتا، كەسپىي پىسخىكىلىق مەسلىھەت بەرگۈچى ياردەم بېرىپ تەڭشىشى كېرەك. ياخشى بولغان پىسخىكىلىق كەيپىيات كۆپچىلىكنىڭ ئائىلىدىكى بۇ مەزگىلنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئائىلىدىكى زىددىيەتنى ئازايتىپ، ياخشى بولغان ئائىلە كەيپىياتىنى يارىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى