تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

مۇتەخەسسىسلەردىن كۆرسەتمە: ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا دېزىنفېكسىيە دورىسى ئىشلىتىشتە ئېھتىيات قىلىش كېرەك

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن گوشىن مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئوخشاش بولمىغان ئائىلىلەرنىڭ ئائىلىدە دېزىنفېكسىيە قىلىش تەدبىرى ئوخشاش بولمايدۇ، ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئائىلىدە دېزىنفېكسىيە قىلىشتا، دېزىنفېكسىيە دورىسىنى تاللاش ۋە دېزىنفېكسىيە مەشغۇلاتى جەھەتتە دىققەت قىلىشى كېرەك.

ۋېن گوشىن مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پەيدا بولغان ئائىلىلەردە، ئاغرىق يۆتكەلگەندىن كېيىن، كەسپىي خادىملار ئۇلار تۇرغان ئۆينى تەل-تۆكۈس دېزىنفېكسىيە قىلىشى كېرەك؛ ئائىلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ساغلام ئائىلىلەرگە نىسبەتەن، كۈندىلىك تازىلىقنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيە قىلسىلا بولىدۇ.

ئائىلىدە ھامىلىدار ئاياللار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگەن گىرىپتار بولغانلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ئائىلىسىنى دېزىنفېكسىيە قىلغاندا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئائىلىدىكى ھامىلىدار ئاياللار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگەن گىرىپتار بولغانلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىدا چەكلەنگەن دورىلار ۋە رېئاكسىيە قىلىدىغان دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىق بىلىشى كېرەك (مەسىلەن، ئىسپىرت، 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ پۇرىقىغا رېئاكسىيە قىلىش قاتارلىقلار)، چەكلەنگەن دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىپ، كېسەللىكنىڭ قوزغىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ئائىلە تازىلىقىدا پاكىزلىق ئاساس، دېزىنفېكسىيە قىلىش قوشۇمچە بولۇش كېرەك. ھەر كۈنى پاكىز سۇ بىلەن ئۆي جاھازلىرى، ۋىكليۇچاتېل، ئىشىك تۇتقۇچى، جۈمەك، تىزگىنەك قاتارلىق دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان جىسىملارنىڭ سىرتقى يۈزىنى سۈرتۈش، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. دېزىنفېكسىيەلەش مەشغۇلاتىنى ئەڭ ياخشىسى ساغلام ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قىلىشى، ھەرقايسى ئۆيلەرنى نۆۋەتلىشىپ دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئالدى بىلەن بىر ئېغىز ئۆينى دېزىنفېكسىيە قىلىپ بولۇپ، ھامىلىدار ئايال ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگەن گىرىپتار بولغانلارنى دېزىنفېكسىيەلەنگەن ئۆيگە ئالماشتۇرۇپ ئارام ئالدۇرۇش، ئاندىن باشقا ئۆيلەرنى دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. ئەگەر ئالاھىدە كىشىلەر ئۆزى يالغۇز ئولتۇرغان بولسا، دېزىنفېكسىيە قىلغاندا چوقۇم ياخشى مۇداپىئەلىنىشى، دېزىنفېكسىيە دورىسىنىڭ تېرە، شىللىق پەردىلەرگە بىۋاسىتە تېگىپ كېتىشى ياكى كىيىم-كېچەكلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. زىققا كېسىلى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇرى كېسىلى بار ئاغرىقلار يەنە بەزى جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرىنى سەپلەپ، تاسادىپىي ئېھتىياجنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ۋېن گوشىن شەھەر ئاھالىلىرىگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئائىلىدە زىيادە دېزىنفىكسىيە قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆي ئىچىنىڭ مۇھىتىنى بۇلغاپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن، شۇڭا زىيادە دېزىنفىكسىيە قىلماسلىق كېرەك.

(ئاپتورنىڭ ئورنى: شىنجاڭ گېزىتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى