تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جياڭ خۇڭ، لۈ دۇەنمىن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئايدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارىتا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر جىددىي، تەرتىپلىك ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھالىتىگە كىردى، پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتا تەشەببۇسكار بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى كىلىنكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات يۇرتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى ئەنۋەر ھېكىم شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى مەھەللىدە نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ بۇ قېتىم نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش نەق مەيدانىدا ماسلاشتۇرۇشتىكى يېتەكچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەنۋەر ھېكىم دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئەترەت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە مەھەللىلەرگە بېرىپ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، ئەۋرىشكە ئالغان ھامان ئەۋەتىپ، كۈندىلىك نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن تاماملىغان.

مەھەللىلەرگە بېرىپ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى، ماسلاشتۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ئېلىپ بېرىلدى.
8-ئايدىكى ئۈرۈمچىدە گەرچە تومۇز ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغان بولسىمۇ، ئەمما تېمپېراتۇرا يەنىلا تۇراقسىز ئىدى، ئەنۋەر ھېكىم دوختۇرخانىنىڭ بۇ قېتىمقى نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپلا قالماستىن، يەنە ماسلاشتۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئاھالىلەرنى ئەۋرىشكە ئېلىشقا يېتەكلەش، ئەۋرىشكىلەرنى ساناش، بۇيۇملارنى دېزىنفىكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، ماددىي ئەشيا كاپالىتىگە ئېتىبار بەرمىسە بولمايتتى… ھەر تەرەپتىكى ئىشلارنى ئۇ ئالدىنئالا ئويلىشىپ قويۇشى كېرەك ئىدى. نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش نەق مەيدانىدا ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ دەيدىغان بىر جۈملە گېپى «بىز چوقۇم مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك، مۇداپىئە خىزمىتى بىلەن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتى ئوخشاشلا مۇھىم، نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.»

مەھەللىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش نەق مەيدانى.
قەيەر ئالدىراش بولسا، قەيەردە ۋەزىپە مۈشكۈل بولسا، شۇ يەردە ئەنۋەر ھېكىمنىڭ ئالدىراش سىيماسى بار. باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ تاماملىنىش ۋاقتىنىڭ تېخى خېلى ئۇزاق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنى ياردەملىشىشكە ئەۋەتىدۇ. خۇددى ئۇ ئېيتقاندەك «بىز بىر كوللېكتىپ، چوقۇم تىرىشىپ ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك، قەيەردە قىيىنچىلىق بولسا، بىز بار كۈچىمىز بىلەن ياردەم بېرىپ، كۈندىلىك نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىنى ئۇتۇقلۇق تاماملىشىمىز كېرەك.»

تەر كىيىملىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى، ئەنۋەر ھېكىمنىڭ روھى يەنىلا كۆتۈرەڭگۈ.
كۈندىلىك نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئەنۋەر ھېكىم ئەترەت ئەزالىرى بىلەن يەنە بىر قېتىم «باش قوشۇپ»، شۇ كۈندىكى ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىدە يولۇققان مەسىلە، قىيىن نۇقتىلارنى رەتلەپ، ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلدى ھەم رەتلەپ ماقالە قىلىپ باشقا گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەۋەتىپ بەردى.
دوختۇرخانىنىڭ دەم ئېلىش، تەرتىپكە سېلىش رايونىغا قايتقاندىن كېيىن، چارچاپ كەتكەن ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرگەن ئەنۋەر ھېكىم ئۇلارغا «ئۇششاق يېمەكلىك»لەرنى سېتىۋېلىپ ئەۋەتىپ بەردى ھەم ياخشى دەم ئېلىشنى تاپىلىدى.

جاپالىق خىزمەتتە، ئۆزى ۋە خىزمەتكە ماسلاشقان ئاھالىلەرگە ديەنزەن بېرىش.
ئەنۋەر ھېكىمنىڭ خوتۇنى دىلنۇر مەمتىمىن دوختۇرخانا ئۇنىۋېرسال يۈرەك ئىچكى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى بولۇپ، يۇقۇمنىڭ دەسلىپىدىلا ئىزچىل ئامبۇلاتورىيە بىرىنچى سېپىدە ئاغرىقلارغا مۇلازىمەت قىلىپ كەلگەن. بىرەيلەن مەھەللىلەرگە بېرىپ ئاھالىلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئالغان، بىرەيلەن ئىزچىل دوختۇرخانىدىكى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى تۈگەتكەن، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ھەر ئىككىلىسى ئۆز ئىش ئورنىدا كۈرەش قىلغان، يەنى نۇرغۇن كۈنلەر كۆرۈشەلمىسىمۇ بىر-بىرىدىن ئاغرىنىپ باقمىغان، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭ ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. «بىز ئەر-خوتۇن ئىككىلىمىز كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، دوختۇرخانىنىڭ بىر جۈپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم باتۇرلۇق بىلەن دەست تۇرۇپ، دوختۇرلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك، بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى بىزنىڭ پارتىيەگە كىرگەن چاغدىكى تەنتەنىلىك قەسىمىمىز!» دېدى دىلنۇر مەمتىمىن قەتئىيلىك بىلەن.