تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ۋە 56 مىڭ كارخانا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشتىن بەھرىمەن بولىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما بېي خەۋەر قىلىدۇ): يۇقۇم مەزگىلدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى «كەچۈرۈم قىلىش، كېمەيتىش، كېچىكتۈرۈش» قاتارلىق خەلققە قولايلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويدى. بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 375 مىڭ جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچى ۋە 56 مىڭ كارخانا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ 55 مىڭ كارخانا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇنىڭدىن 724 مىڭ ئىشچى-خىزمەتچى نەپ ئالىدۇ.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان بارلىق ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئىشتا يارىلىنىش، ئىشسىزلىقتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئورۇنلىرىنىڭ تاپشۇرىدىغان قىسمەن ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بۇ يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ؛ كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى ئېلىنغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ پەرق سوممىسى قايتۇرۇلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشتا ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن كارخانىلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى بۇ يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرسا بولىدۇ، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرغان مەزگىلدە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

«يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە كارخانىلار ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرمىدى، ئەمما بىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىدىن داۋاملىق بەھرىمان بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكى يېنىكلىتىپ، تىجارەت ئىشەنچىمىز ئاشتى.» يېقىندا، ئۈرۈمچى خەيدا مېھمانسارىيى مەمۇرىي كادىرلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى رېن يىڭيىڭ شۇنداق دېدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان يەككە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا قارىتا، «تۆۋەن چەكنى ئۆستۈرمەسلىك، شەخسلەر ھەقنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش» سىياسىتى يولغا قويۇلدى. شەخسىي سالاھىيەت بىلەن سۇغۇرتىغا قاتناشقان يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار 2019-يىلىدىكى شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش ئاساس سانىنىڭ تۆۋەن چېكى ئۆلچىمى بويىچە داۋاملىق ھەق تاپشۇرسا بولىدۇ؛ 2020-يىللىق ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان يەككە خادىملار ھەق تاپشۇرۇشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ، 2021-يىلىغا بارغاندا داۋاملىق تاپشۇرسا بولىدۇ.

يۇقۇم مەزگىلدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى قانداق كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار شەخسلەر كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن، شىنجاڭ ئاقىل ئىجتىمائىي كاپالەت APPسى ياكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىغا ئەزا بولۇش ئارقىلىق بېجىرىلىدىكەن، شۇنداقلا بانكا كارتىسىغا پۇل ئامانەت قويماسلىق ئۇسۇلىنى تاللىسىمۇ بولىدىكەن، چۈنكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى بانكا ئاپتوماتىك ۋاكالىتەن تۇتۇپ قالىدىكەن، ئەگەر ھەق تاپشۇرۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەن بولسا، كارتىدىكى قالدۇق پۇل ئاپتوماتىك تۇتۇپ قېلىنىدىكەن. كارخانىلارنىڭ كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشىمۇ توردا ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى