شىنجاڭ بورتالا توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ترانسفورماتور ئاسراش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى لى جيەن، لى داجيەنلەر 110 كىلوۋولتلۇق شياڭبەن ترانسفورماتور پونكىتىدا يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرماقتا. (دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن)
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دوڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ يى، چاڭ خەيسى): شىنجاڭنىڭ توك باھاسىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان ئالتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخى چىقىمى 460 مىليون يۈەن ئازايدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى ساھەلەردىن باشقا ئادەتتىكى سودا-سانائەت ۋە باشقا توك باھاسى، يىرىك سانائەت توك باھاسى ئىجرا قىلىنىدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مۇئامىلىدارلىرىغا قارىتا، بىر تۇتاش %95 بويىچە راسچوت قىلىش ئېتىبار سىياسىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
«بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ، بىز توك باھاسىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولدۇق، ھازىرغىچە 22 مىليون 890 مىڭ يۈەن تېجەپ قېلىنىپ، شىركەتنىڭ نەق پۇل ئېقىمى بېسىمىنى يىنىكلەتتى.» دېدى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى سانجى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بۇلۇت ۋە سانلىق مەلۇمات پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لىن يى.
توك باھاسىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك: بىرىنچى تۈر: بۇ يىل 2-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە نورمال ئىش باشلىيالمىغان، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەن كارخانىلارغا قارىتا، ئاساسىي ھەق ھېسابلاش ئۇسۇلىنى كەڭ قويۇۋېتىش ئۇسۇلى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشكە توغرا كەلگەن كارخانىلارغا قارىتا، ئەمەلىي ئەڭ كۆپ ئىشلىتىش مىقدارى توختامدىكى ئەڭ چوڭ ئېھتىياجلىق مىقدارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق، ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى ئەمەلىي مىقدار بويىچە ھېسابلاش.
ئىككىنچى تۈر: 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يىل ئاخىرىغىچە، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى ساھەدىن باشقا ئادەتتىكى سودا-سانائەت ۋە باشقا توك باھاسى ۋە يىرىك سانائەت توك باھاسى ئىجرا قىلىنىدىغان ئېلېكتر ئېنېرگىيە خېرىدارلىرىغا بىر تۇتاش %95 بويىچە راسچوت قىلىش.
ئۈچىنچى تۈر: يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق كۆرۈلۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە كېرەكلىك توك خىراجىتىنى تاپشۇرۇشقا قۇربى يەتمەيدىغان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش مەزگىلىدە «نېسى قالسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەمىنلەشنى توختاتماسلىق» يولغا قويۇلىدۇ.
دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ئېتىبار بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «يېشىل يول» ئېچىپ، خېرىدارلارنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا قاندۇرىدۇ.